• 2008-04-28

    ۋىروس مۇشۇنداق تۈزىلىدىكەن - [تۈرلۈك دېتاللار]

    Tag:硬件 奇趣

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/19914765.html

    ياۋرۇپا ۋىروسنىڭ ئالدىنى ئېلىش،قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى تۆۋەندىكىدەك ۋىروس كودىنى ئېلان قىلغان

    ئۇ ئارقىلىق كومپىيوتېرىڭىزدىكى ۋىروس تازىلاش دېتالىنىڭ ئىقتىدارىنىمۇ سىناپ باقسىڭىز بولغۇدەك،سىناش ئۇسۇلى بەكمۇ ئاددى بولۇپ:

     

    X5O!P%@AP[4\PZX54(P^)7CC)7}$EICAR-STANDARD-ANTIVIRUS-TEST-FILE!$H+H*ئۈستەل يۈزىنىڭ بوش ئورنىغا بىر قۇرۇق تېكست ھۆججىتىنى قۇرۇڭ.ئاندىن يوقارقى كودنى شۇ ھۆججەتكە كۆچۈرۈپ ساقلاپ چېكىنىڭ-دە ساقلاڭ.....تۆۋەندىكى ئىنكاسلاردىن سىزنىڭ ۋىروس تازلاش دېتالىڭىزنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ياخشى-ياكى ناچارلىقىنى تەخمىنى مۆلچەرلىيەلەيسىز

    بىرىنچى خىلى يوقارقى كودنى كۆچۈرۈپ چاپلىشىڭىز بىلەنلا ۋىروس تازلاش دېتالىڭىزدىن "ۋىروس بايقالغانلىق"سىگنالى كەلسە، ئۇنداقتا بۇ ۋىروس تازلاش دېتالىڭىزنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

    ئىككىنچى خىلى يوقارقى كودنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ ئاندىن ساقلاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشىڭىز بىلەن "ۋىروس بايقالغانلىق"سىگنالى كەلسە ياكى بىۋاستە شۇ تېكست ھۆججىتىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىسا، ئۇنداقتا بۇ ۋىروس تازلاش دېتالىڭىزنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

    ئۈچىنچى خىلى يوقارقى كودنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ ئاندىن ساقلاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ مەشغۇلاتنى تۈگۈتۈپ بىرنەچچە سېكونتتىن كېيىن ئاندىن "ۋىروس سېگنالى "كەلسە ئۇنداقتا بۇ ۋىروس تازلاش دېتالىڭىزنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئوتتۇراھال ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

    تۆتىنچى خىلى ھېچقانداق ئىنكاس كۆرۈلمىسە ئۆزىڭىز تازلاتقۇزۇپ ئۆچۈرىۋەتسىڭىز ئۇنداقتا بۇ ۋىروس تازلاش دېتالىڭىزنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

    بەشىنچى خىلى ۋىروس تازلاش دېتالى ئارقىلىق تازلاتقۇزالمىسىڭىز ياكى  بۇ تېكست ھۆججىتىنى ئۆچۈرىۋېتەلمىسە ئۇنداقتا سىزنىڭ بۇ ۋىروس تازلاش دېتالىڭىزنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى ياۋرۇپانىڭ ۋىروسلىرى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ۋىروسلىرىنىڭ تۈزىلىشىمۇ ئوخشىمايدۇ شۇڭا چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ۋىروس تازلىغۇچ دېتاللارنىڭ  دۆلىتىمىزدە بەزىدە ياخشى ئىشلىمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى  مۇشۇنىڭ ئۈچۈندۇر.

    يوقارقى قىسقىغىنە سىناق ئۇسۇلى مۇتلەق ھۆكۈمگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، پەقەت سىناپ بېقىشقىلا بولىدۇ.مەن ئۆزەمنىڭ كومپىيوتېرىمدا سىنىغاندىن كېيىن ئۈچىنچى خىل ئۇسۇلدا تازلاندى. مېنىڭ دېتالىم رۈيشىڭ. 

    مەن بۇرۇن ۋىروس ھۆججىتىنىڭ كودلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. يوقارقى كود ۋىروس كودى بولۇپ ۋىروسنىڭ مۇشۇنداق كودلاردىن تۈزىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلىۋالدىم. 

    ھە راست يوقارقى كود ئادەتتىكى ۋىروس كودى بولۇپ سىزنىڭ كومپىيوتېرىڭىزغا ئەجەللىك زەربە بېرەلمەيدۇ، مۇبادا ۋىروس تازلاش دېتالىغا  ئىشەنچ قىلالمىغانلار  سىنىمىسىمۇ بولىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • ۋىرۇسنى قايسى دىتال ئارقىلىق ياسايدۇ؟
  • ۋىرۇسنى قايسى دىتال ئارقىلىق ياسايدۇ؟
  • ۋىرۇسنى قايسى دىتال ئارقىلىق ياسايدۇ؟
  • [cusFace:6] بىلوگىڭىز ئۇلىنىشقا قوشۇلدى ،خالىسىڭىز مىنىمۇ قوشۇپ قويوڭ
  • كۈچۈرگىلى بلمايدىغان قىلىپ قويۇپ سىز ،يەشۇنىڭغىمۇ؟مەنمىۇ*X5O!P\P%@AP[4\PZX54(p^)7CC)7}$EICAR-STANDARD-ANTIWIROS-TEST-FILE!$H+Hدەپ يرغان نود 32باتى خچ نېمە دېمىدى[cusFace:4]
    dunyakara回复kilqilik说:
    كەچۈرۈڭ، بۇ يازما بلوگقا كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىش كودى قوشۇلماس چاغدا ئېلان قىلىنغان ئىدى، ئەگەر لازىم بولسا ئېۋەتىپ بېرەي.
    2010-06-03 00:08:39
  • [cusFace:5]
  • مىنىڭ ۋىرۇسخورىم ئەخلەت ئوخشايدۇ. ھىچنىمىنى بايقىيالمىدى (ئشلەتكىنىم رۇيشىڭ)
    dunyakara回复ئۈمىد说:
    ئۇنداق دەپ كەتكىلىمۇ بولماس، مەن ئادەتتە رۈيشىڭ بىلەن 360 بىخەتەرلىك دېتالىنى بىرلىكتە قاچىلاپ ئىشلىتىمەن (بۇ مېنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يەكۈنلىگەن تەجرىبەم، شۇڭىمۇ نەچچە يىللار بولۇپ كەتتى سېستىمىنى يېڭىلاپ باقمىدىم)بۇ پەقەت كىچىككىنە بىر سىناق خالاس،چوڭ بىر مەسىلىنى نېگىزىدىن چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، شۇڭا مەيۈسلەنمىگەيسىز ئۈمىد ئەپەندىم يەنىلا ئۈمىدۋار بولۇڭ،
    2008-04-28 22:43:12