-
2009-03-02
بلوگبۇسنىڭ ئىنكاس رايونىغا تىزىملىتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى - [blogبىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35965208.html
بۈگۈندىن باشلاپ بلوگبۇسنىڭ ئىنكاس رايونىغا تىزىملىتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى.بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت بەلكىم ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ قالايمىغان ئىنكاسلىرىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، تەرتىپكە سېلىش بولسا كېرەك. قالايمىغان ئىنكاس دىگەندە مەسىلەن: بىراۋنىڭ نام-ئابرويىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان سۆزلەر، قانونغا خىلاپ گەپ-سۆزلەر، بىر قىسىم دېلولارنىڭ يىپ ئۇچىغا مۇناسىۋەتلىك گەپ-سۆزلەر...قاتارلىقلار، ئىنكاس رايونىغا تىزىملىتىپ كىرىپ ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق مۇشۇنداق تۈزدىكى ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش توغرىسىنى ئېيتقاندا كىم قايەردە قاچان يازدى؟ دىگەندەك پاكىتقا ئىگە بولۇش. شۇڭا بۇندىن كېيىن ھەرقايسى تورداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا سەمىمى بولىشىنى ، ئۆزىنىمۇ ھەم ئۆزگىنىمۇ ئويلىشىنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە يەنىلا مەن بۇرۇن يوللىغان "ئەخلاقلىق زىيارەتچى ۋە بلوگگىرلاردىن بولايلى!" ۋە "ئىنكاسقا جاۋاپ بېرىش-ئەخلاق جۈملىسىدىندۇر" دىگەن ئىككى پارچە يازمامنى تورداشلارغا تەۋسىيە قىلىمەن.
تۆۋەندىكىسى ئىنكاس رايونىدا يۈز بەرگەن ئۆزگۈرۈشلەر:
تۆۋەندىكى رەسىم دەل بۈگۈن ئۆزگۈرۈش بولغان ھالىتى يەنى تىزىملىتىش ئېلىپ بارغاندىن كېيىنكى كۆرۈنىشى:
تۆۋەندىكى رەسىم ئىنكاس رايونىدا تىزىملىتىش ئالدىدىكى كۆرۈنىشى:(بلوگبۇس ھىساۋىدا تىزىملىتىش كېرەك ئىكەن)
تۆۋەندىكىسى بلوگبۇسنىڭ بۇرۇنقى ھالىتى كۆرۈنىشى بولۇپ بۇ خىل ھالەتمۇ ساقلاقلىق ئىكەن، بۇ ھالەتتە تۇرۇپ خالىغان ئادەم خالىغان تورنامىدا ياكى نامسىز ھالەتتە كىرىپ ئىنكاس يازسا بولىۋېرەتتى،(بۇ خىل ئىقتىدار مېنىڭچە بىر مەزگىلدىن كېيىن ئەمەلدىن قېلىشى مۇمكىن)
تۆۋەندىكى رەسىمدىكىسى بولسا ئىنكاسقا جاۋاپ يېزىش بۆلىكى بولۇپ ئەمدى ئىنكاسقا جاۋاپ يازغاندا ئارقا سەھنىگە ئۆتۈش ھاجەتسىز ئىكەن.
قالدى گەپلەرنى مۇشۇ ئىقتىدار توراقلاشقاندىن كېيىن دىيىشەرمىز.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
مۇشۇ ئىنكاس يىزىش رايۇنىنىڭ كودىنى قالدۇرسىڭىز
ھەم قەيەرگە چاپلايمەن دەپ بەرگەن بولسىڭىز
شۇڭا ماڭا بىريادەم قىلىپ قانداق قىلىشنى كۆرسىتىپ قويغان بولسىڭىز
head
css
index
index-posts
detail
detail-post
config
مۇشۇ بۆلەكلەر ئىچىدە بلوگبۇسنىڭ مۇناسىپ كودلىرى بار. سىزنىڭ ئۆگۈنۈپ كېتىشىڭىزگە ئىشىنىمەن.
ھۆرمەت بىلەن Ruslan
http://tiznap.blogbus.com
سىز بىلەن كۆرۈشىدىغان جىددىي ئىش بار ئىدى ؟ 849564441 تورغا چىققان ھامان ئۇچۇر قىلسىڭىز ؟
ياكى بولمىسا ئېلخەت ساندۇقۇمغا ئۇچۇر يېزىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.
dunyakara@126.com