• 2008-11-16

    بلوگ يۈزىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى بىرقانچە مەسىلە(3) - [blogبىلىملىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/31309871.html

     ئىككىنچى قىسىم يازما بۇ يەردە

     

    بلوگ ئاساسى بەت قىسمى:

    بلوگنىڭ ئاساسى بەت قىسمى –يازما تېمىسى يەنى ماۋزوسى، چېسلا، يازما مەزمونى ۋە يازمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدار چېكىلمىلىرى بىلەن تۈزىلىدۇ. ئۇنداقتا بلوگنىڭ ئاساسى بەت قىسمىدا يازمىنىڭ تېمىسىنىلا كۆرسىتىش كېرەكمۇ؟ ياكى يازما تېمىسى بىلەن قوشۇپ چۈشەندۈرۈش قىستۇرۇش كېرەكمۇ ۋە ياكى يازمىنىڭ بارلىق مەزمونىنى كۆرسىتىش كېرەكمۇ؟ ئالدى بىلەن بۇ ئۈچ خىل ئەھۋالنىڭ ياخشى يامان تەرەپلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

    (1)يازمىنىڭ پۈتۈن مەزمونىنى باش بەتكە چىقىرىش:-بۇنداق قىلغاننىڭ ياخشى تەرىپى بلوگىڭىزغا كىرىپلا يازمىنىڭ پۈتۈن قىسمىنى كۆرەلەيدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ. يامان تەرىپى"-يازمىلارنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىغا ئادەتتە ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا  يازمىلىرىڭىزنىڭ مەزمونى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە بلوگىڭىزنىڭ باش بەت قىسمى بەك ئۇزۇراپ كېتىدۇ، چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە ئېچىلىش سۈرئىتىگە تەسىر يېتىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن بلوگ باش بېتىدىكى يازما سانىنى ھەرقاچان ئۆزگەرتىپ تۇرۇش ئەۋارىچىلىقىغا دۇچ كېلىسىز.ئۇندىن باشقا ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ يازما ئىچىدىكى ھالقىلىق سۆزلەرنى قوبۇل قىلىشى تەكرار كۆرۈلىشى مۇمكىن بۇنىڭلىق بىلەن بلوگىڭىز ئىزدەش ماتورىنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا ئۇچراپ قالىدۇ.

    (2)يازمىنىڭ چۈشەندۈرۈش قىسمىنى چىقىرىش:-بۇ ھازىرقى كۆپلىگەن بلوگگىرلار قوللىنىۋاتقان ئۇسۇل بولۇپ ،blogbusنىڭ بۇ ئىقتىدارى باشقا بلوگلارغا قارىغاندا بىر قەدەر ياخشى. بۇنى قوللىنىشقا بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا بلوگباسنىڭ بۇ ئاپتۇماتىك ئۇسۇلىغا تايىنىۋالماي ئۆزىمىز چۈشەندۈرۈش قىسمىنى بەلگىلىسەك يەنى ھەرقانداق يازمىنىڭ باش قىسمىدىكى بىرنەچچە قۇرنىلا كۆرسىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىپ شۇ يازمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان مەزمونىنى چىقىرىپ قويساق تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

    (3)يازمىنىڭ باش تېمىسىنىلا چىقىرىش:- بۇ خىل ئۇسۇل باش بەتتە يازمىنىڭ تېمىسىدىن باشقا مەزموننى كۆرسەتمەسلىك، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ياخشى تەرىپى:- باش بەت ئىخچام، چىرايلىق كۆرىنىدۇ، ھەرقانداق تېما ئادەتتە بىر قۇردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ شۇڭا كونترول قىلىشقا ئەپلىك بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە. ناچار تەرىپى:-باش بەت يۈزە بولۇپ قالىدۇ، پەقەت تېمىنى چەككەندىلا ياكى "تولۇق ئوقۇش"نى چەككەندىلا ئاندىن پۈتۈن يازمىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭدا ئىككىنچى ئۇسۇلدىمۇ پەقەت چېكىش ئارقىلىش تولۇق مەزمونىنى ئوقۇيمىز، شۇڭا بلوگ زىيارەتچىلىرى شۇ بىر قېتىملىق چېكىشتىن ھالسىراپ قالماس دەپ ئويلايمەن.

    ئوموملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا يوقارقى ئۈچ خىل ئۇسۇلنىڭ قايسىسىنى قوللىنىش ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشى ھەم ئەركىنلىگى، بلوگ باش بەت يۈزىنىڭ ئۇزۇنلىقىغىمۇ ھېچقانداق چەكلىمە يوق، شۇڭا ئۆزىڭىز مۇۋاپىق دەپ قارىغان بىر خىلنى قوللانسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئۈچ خىل ئۇسۇلنىڭ قايسىسىنى قوللىنىش ئىشلەتكەن بلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبى بىلەنمۇ ماس كېلىش مەسلىسىنىمۇ ئويلىشىپ قويۇڭ.


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن