-
2008-11-15
بلوگ يۈزىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى بىرقانچە مەسىلە(2) - [blogبىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/31309671.html
يازمىنىڭ بىرىنچى قىسمۇ بۇ يەردە
بلوگنىڭ قۇرۇلمىلىرى ئاساسەن تۆۋەندىكى 3 بۆلەكتىن تەركىپ تاپىدۇ:
(1)بلوگ بېشى
(2)بلوگ ئاساسى بەت قىسمى
(3)بلوگ يان ئىستون قىسمى
بۇ يازمىدا بلوگ بېشى توغرىسىدا توختىلىمەن.
بىرىنچى: بلوگ بېشى يەنى بلوگ نامى قىسمى؛بلوگ بېشى خۇددى كىشىنىڭ چىرايىغا ئوخشاش مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ، شۇڭا تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش زۆرۈر دەپ ئويلايمەن.
بلوگ بېشى قىسمى:
(1)بلوگ بېشىغا بلوگ نامىنى قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، قويمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىراق شۇغىنىسى ئېنىقكى بلوگ بېشى سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ خاسلىقىنى نامايەن قىلىدىغان مۇھىم ئورۇن.
(2)بلوگ بېشىغا قالايمىغان ئېلان، قىستۇرما كود قاتارلىقلارنى قويۇۋېلىشتىن ساقلىنىڭ.
(3)بلوگ بېشى تەگلىكىگە رەسىم قويماقچى بولسىڭىز قويغان رەسىمىڭىزنىڭ ئېنىقلىغى يوقۇرى بلوگىڭىز بىلەن مەزمون جەھەتتە ماس كېلىدىغان رەسىمنى قويۇڭ، تۇتۇق رەسىمنى قويغاندىن كۆرە ئاق تەگلىك ئىشلەتكىنىڭىز تۈزۈك.
(4)بلوگ بېشىغا بلوگىڭىزنىڭ نامىنى قويغاندىن سىرت بلوگىڭىزنىڭ تۇغ رەسىمىنى قويۇۋالماڭ.
(5)بلوگىڭىزنىڭ نامى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلىشى كېرەك، نامنى ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىسچە بىرنەچچە تىلدا بىراقلا قويۇۋالماڭ، بىرخىل تىلدا يەنى ئەڭ ياخشىسى بلوگىڭىز ئادرىسىدىكى نام بىلەن ئوخشاش قويسىڭىز بلوگىڭىزنى كۆرگەن ئادەم بلوگ ئادرىسىڭىزنى ئېسىدە ساقلىۋېلىشىغا پايدىسى بار.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
بىرلىكتە تىرىشايلى ![cusFace:6]