-
2008-11-14
بلوگ يۈزىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى بىرقانچە مەسىلە(1) - [blogبىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/31309364.html
بۇ مېنىڭ بلوگ يېزىش جەريانىدا توپلىغان ئازراق تەجرىبىلىرىم، "تەڭ يىگەن تەنگە سىڭەر" دىگەندەك مۇشۇ ئازراق تەجرىبە ئارقىلىق قالغان بلوگگىر قېرىنداشلارنى ئازراق بولسىمۇ ھاسىلاتقا ئېرىشەرمىكىن دىگەن ئۈمىدتە مەزكۇر يازمىنى يېزىش قارارىغا كەلدىم.
بلوگ يۈزى قۇرۇلما جەھەتتىن 3 بۆلەكتىن تۈزىلىدۇ، يەنى بەت بېشى، ئاساسى بەت قىسمى ۋە يان ئىستون.ھازىرقى بىرقىسىم بلوگلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:
بىرىنچى:باش بەت بەك ئۇزۇن بولۇش.
ئىككىنچى:باش بەت بەك قىسقا بولۇش،مەزمونى بەك ئاز بولۇش.
ئۈچىنچى:يان ئىستونغا بەك كۆپ نەرسىلەرنى قويۇۋېلىش.
تۆتىنچى:ئۇلىنىشلارنى خەتلىك ۋە رەسىملىك ئارلاشتۇرۇپ قويۇش.
بەشىنچى:ناخشا قىستۇرۇش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناخشىنى باشقىلار كونترول قىلالماس قىلىپ قويۇش.
ئالتىنچى:يازما تەھرىرلەش يۈزە بولۇش.
يوقارقى مەسىلىلەر مەن ئۇچراتقان ھەم كۆرۈپ كېلىۋاتقان ئايرىم بلوگلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلە .
بلوگ يۈزى خۇددى بىر ئادەمنىڭ چىرايى ،قەددى-قامىتى،تەقى-تۇرقى ھەم كىيىنىشىگە ئوخشايدۇ، شۇڭلاشقىمۇ بلوگ يۈزىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسلىسىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ.ئۇنداق بولسا بلوگ يۈزىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا بىرەر قائىدە ياكى پىرىنسىپ بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار. مېنىڭچە بلوگ يۈزىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ قائىدىسى تۆۋەندىكىچە بولسا كېرەك:مۇھىملىق تەرتىپى بويىچە تىزغاندا
(1) ئېچىلىش سۈرئىتى
(2)زىيارەتچىلەرنىڭ ئوقۇشىغا قولايلىق بولۇش
(3)چىرايلىق، سىپتا ۋە ئازادە بولۇش
(4)خاسلىققا ئىگە بولۇش.
مانا بۇ مېنىڭ نەزىرىمدىكى قارشى ئېلىشقا ئېرىشەلەيدىغان ياخشى بلوگ يۈزى بەرپا قىلىشنىڭ ئامىللىرى..
ئۇنداق بولسا بلوگىمىزنى يوقارقى شەرتلەرگە لايىقلاشتۇرۇش،ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟
كېيىنكى قېتىملىق يازمامدا بلوگنىڭ ھەرقايسى قۇرۇلمىلىرى ئۈستىدە توختىلىمەن.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
يەنە بىر مەسىلە قاپتۇ ... بلوگ يازمىلىرى ئىجادىي بولسا تېخىمۇ ئالقىشقا ئېرىشىدۇ !يىڭىلىق قانچە كۆپ بولسا بلوگ ئوقۇرمەنلىرى شۇنچە كۆپ بولىدۇ .
تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت !