• 2008-11-13

    تور سۈرئەت ئۆلچىگۈچ - [لازىملىق تور بەتلەر]

    Tag:测试 网址

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/31218192.html

    ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ تور سۈرئىتىمىزنىڭ ئۆلچەمگە يېتىدىغان ياكى يەتمەيدىغانلىقىنى ۋە ياكى ئەمەلى تور سۈرئىتىمىزنىڭ زادى قانداق بولىۋاتقانلىقىنى بىلگىمىز كېلىدۇ.تور سۈرئىتىنى ھەقسىز تەكشۈرىدىغان نۇرغۇنلىغان دېتال ھەم ھەقسىز توربەتلەر بار،بۈگۈن تور ئارلاۋېتىپ تۆۋەندىكىدەك بىر توربەتنى كۆرۈپ قالدىم:

    بۇ توربەتكە كىرسىڭىز سىزنىڭ ئالدى بىلەن كۆرىدىغىنىڭىز بىر دۇنيا خەرىتىسى بولۇپ سىز بۇ توربەتكە كىرگەن ھامان سىزنىڭ تۇرغان ئورنىڭىزنى مۇشۇ دۇنيا خەرىتىسى ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ خەرىتىدە يەنە نۇرغۇنلىغان كۆك رەڭلىك ۋە سېرىق رەڭلىك بەلگىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرىسىز ، بۇ بەلگىلەردىن كۆك رەڭلىك بەلگىنى چەكسىڭىز ئىشلەتكىلى بولىدىغان تور سۈرئەت ئۆلچىگۈچ مۇلازىمىتىرىنىڭ ئۆلچەپ بېرىشىگە ئېرىشىسىز، سېرىق رەڭلىكى بولسا سېستىما ئاپتوماتىك كۆرسىتىپ بېرىدىغان سىزگە ئەڭ ياخشى ئۆلچەپ بېرىدۇ دەپ تەۋسىيە قىلغان ئۆلچەش مۇلازىمىتىدۇر. مۇشۇ بەلگىلەردىن ئۆزىڭىز تاللاپ بىرىنى چەكسىڭىز ئۆلچەشنى باشلايدۇ، ئۆلچەش جەريانىمۇ خۇددى تور ئويۇنى ئوينىغانغا ئوخشاش بولۇپ يېڭىچە تۇيغۇ بېرىدۇ.

     

      

    مەن ئۆزەمنىڭ تور مۇلازىمىتىنىڭ سۈرئىتىنى ئۆلچەم باقسام نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەپ چىقتى:

     

     

    باشقا ئۆلچەش توربەتلىرىدىن پەرقلىنىدىغان يېرى مەن بۇ توربەتتىن ئۆزەم خالىغان ئۆلچەشكە بولىدىغان مۇلازىمىتىر بىلەن ئارقىدىن تەۋسىيە قىلغان(ئورنى شىنجىندىكى مۇلازىمىتىر ئىكەن)مۇلازىمىتىر بىلەن ئايرىم-ئايرىم ، ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتلاردا ئۆلچىتىپ باقتىم، ئىككى خىل ئۆلچەش نەتىجىسىدە پەرق ئانچە چوڭ ئەمەس، بۇنىڭدىن بۇ توربەتنىڭ ئۆلچەش دەرىجىسىنىڭ بىرقەدەر توغرا ئىكەلىكىنى بىلىۋالدىم. باشقا توربەتلەردە سىز ئۆلچىسىڭىز 10مىنۇت بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى قىسقىغىنە ئىككى قېتىملىق ئۆلچەش نەتىجىسىدىكى پەرق بىرقەدەر چوڭ بولۇپ قايسىسىغا ئىشىنىشىڭىزنىمۇ بىلەلمەي قالىسىز.

    قېنى قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى مەزكۇر توربەتكە كىرىپ ئۆزىڭىزنىڭكىنىمۇ ئۆلچەپ بېقىڭ:

    قېنى مەرھەممەت


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن