-
2008-11-11
بۇ رەسىملەردىن ئويلىغانلىرىم... - [رەسىملەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
دۇنيادىكى ھەرقانداق شەيئىنىڭ مەيلى ئۇقۇم نۇقتىسىدىن بولسۇن، مەيلى تەرەققىيات نۇقتىسىدىن بولسۇن ۋە مەيلى سان-سۈپەت ئۆزگىرىش نۇقتىسىدىن بولسۇن ھەممىسىنىڭ ھامىنى بىر چەك-چېگرىسى بولىدۇ.بىز ئىنسانلار مۇشۇنداق كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان بىرخىل قانونىيەت ئىچىدە ياشايمىز. ھەرقانداق شەيئى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىدۇ، ئاندىن تەرەققى قىلىدۇ، تەرەققى قىلىپ ئەڭ يوقۇرى چەككە يەتكەندە يوقىلىدۇ يەنى ئەسلىگە قايتىدۇ. ھەرقانداق شەيئىنىڭ ئۇقۇم دائىرىسى بولىدۇ. بۇ خىل ئۇقۇم دائىرىسى ئىچىدە شۇ شەيئى سان ئۆزگىرىشى ئارقىلىق سۈپەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سۈپەت ئۆزگىرىشى بولسا مەلۇم چەككە يەتكەندە بۇ خىل شەيئىنى يېڭى بىر خىل ئۇقۇم دائىرىسى ئىچىگە باشلاپ ئېلىپ كىرىدۇ...... شەيئىلەر مانا مۇشۇنداق ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ داۋاملىشىدۇ. بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز "ھەسەلنى كۆپ يىسەڭ ئەمەن تېتىيدۇ" دەپ ئىنتايىن توغرا ئېيتقان. ھەم سان ئۆزگىرىشنىڭ ئاقىۋەت سۈپەت ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدەك پەلسەپەۋى نۇقتىنى مۇشۇنداق ئاددى تەمسىل ئارقىلىق شەرھىلەپ بەرگەن.بۇ توغرىلىق ماقال-تەمسىللەرمۇ ئاز ئەمەس.
logs/31216801.html
ئەرلەر ساغلاملىقىنى مىسالغا ئالايلى: ئەرلەر ساغلاملىقى بىرخىل ئەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك بەدەن ساغلاملىقى بولۇپ بۇنى ئۇزۇن يىل جاپالىق چېنىقىش ئارقىلىق كەسپى بەدەن ساغلاملىق ئۆلچىمىگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ.نىشانلىق بولغان بۇ خىل چىنىقىش بەدەن مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇشنى ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ ئاخىرقى مەقسەت بەدەننى گۈزەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. بىراق بۇ خىل چېنىقىش ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كەتكەندە قانداق بولىدۇ؟ خۇددى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولىدۇ، قېنى كۆرۈپ باقايلى:
مانا يوقارقى رەسىمدىكىلەر بۇرۇن بەدەن گۈزەللىكى ئۆلچىمىگە يېتىپ بولغان لېكىن توختاۋسىز چېنىقىش ، تەرەققى قىلىش نەتىجىسىدە قانداق بولغان؟ گۈزەللىك ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇ "ئۆلچەم"دىن ئېشىپ كەتكەن بۇنداق بەدەنگە قانداق ئۇقۇم ،تەبىر بېرىشمىز كېرەك؟ يەنىلا گۈزەل بەدەن دەپ تەبىر بېرىشىمىز كېرەكمۇ؟ ئەگەر گۈزەل بەدەن دەپ تەبىر بەرسەك ئۇنداقتا ئۇلار ئىلگىرى ئالغان شەرەپلىك ئۆلچەملىرى ئەمدى گۈزەللىك ئۆلچىمى بولماي قالىدۇ، ئەگەر باشقىچە ئۆلچەم بويىچە ئويلىشىش توغرا كەلسە .......مانا بۇ "گۈزەل بەدەن"دىن ھالقىپ كەتكەندىن كېيىنكى دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر.
ئۆرپ-ئادىتىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى ۋە تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى مۇشۇ جانلىق مىسالغا تەدبىقلىشىمىز مۇمكىن.
خەقنىڭ كەيگىنىنى كىيىۋېلىپلا ياكى بولمىسا خەقنىڭ يەپ-ئىچكىنىنى دوراش بىلەنلا ۋە ياكى بولمىسا خەقنىڭ سۆزلىگىنىنى دوراپ قويۇپلا "بىز ئىلغار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلدۇق" دەۋالساق بۇ ئەلۋەتتە قاملاشماي قالىدۇ،بىزگە باھانى باشقىلار بېرىدۇ ئەلۋەتتە.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
چېنىقسا مۇنداق بولىدۇ[رەسىم]
Blog:بىلىش بىلوگى2008-11-13 16:29:29
评论
پاقالچاقلىرىمۇ بەللىرىدىن يوغان بوپ كەتكەنلەر باركەن.......[cusFace:9]