• 2008-11-09

    فىرانسىيەنىڭ يېزا تۇرمۇشى - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/30963630.html

    كۆپ-كۆپ ئاسمان، ياپ-يېشىل دالا، بىر-بىرىدىن پاكىزە رەتلىك ئۆيلەر....مانا بۇ فىرانسىيەنىڭ يېزىلىرى . بۇ فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش سىياسىتىنى كۆچەپ يولغا قويغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.فىرانسىيەنىڭ يېزىلىرىدا ھازىر ھەممىسى توك مەنبەسى بىلەن يورۇتۇشتىن باشقا، تاماق ئېتىش، ئۆي ئىسستىش قاتارلىق بارلىق ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بولغان. 20-30يىللار ئىلگىرى فىرانسىيەنىڭ يېزىلىرىدىمۇ دېھقانلار ئوخشاشلا كۆمۈر، شاخ-شۇمبا، تېزەك قاتارلىقلارنى قالاپ تاماق ئېتەتتى ۋە ئۆي ئىسسىتاتتى. بىراق بۇ يېقىلغۇلارنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئېنىرگىيىسىدىن كۆرە مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ تېخىمۇ زور بولىدىغانلىقىنى بىلگەن فىرانسىيە ھۆكىمىتى 70-يىللاردىلا پاتقاق گازى تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەن، ئۇندىن كېيىن تەرەققى قىلىپ ئىنىرگىيە تىپىدىكى زىرائەتلەرنى تېرىشقا باشلىغان.....مانا ھازىر ئۆزلىرىنىڭ يادرو تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ چىقارغان توكنى يېزىلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىشىگە تەمىنلەپ بەرگەن ھەم دېھقانلارنىڭ توك پۇلىنى كۆتۈرەلىگۈدەك دەرىجىدە چۈشۈرۈپ بەرگەن. ئېنىرگىيە مەسلىسى پەقەت فىرانسىيە يېزىلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى كىچىككىنە بىر مەسىلە خالاس. فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئىزچىل يېزىلارنىڭ تۇرمۇش ئېڭىنى يېڭىلاپ ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇپ كەلگەن ھەم بۇنى فىرانسىيە يېزا سىياسىتىنىڭ يېتەكچى سىتىراتىگىيىلىك فاڭجىنى قىلىپ بېكىتكەن.

    فىرانسىيەدە يېزا تەرەققىياتى نوقۇل ھالدا يېزا-ئىگىلىكى مىنىستىرلىكىنىڭلا ئىشى بولۇپ قالمىغان. سانائەت،ئېنىرگىيە، مۇھىت، قاتناش ۋە مالىيە تارماقلىرىنىڭ ھەرخىل ھۆججەتلىرىدە يېزىلارغا تەمىنلىنىدىغان تېخنىكا ۋە ئىقتىسادى مەبلەغنىڭ سالمىقى كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيدۇ. ئۇندىن باشقا فىرانسىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئورگان تورى ۋە باشقا  تېلىۋىزىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا دائىم قانداق قىلغاندا يېزىلارنىڭ شەھەر ۋە سانائەتنى قوللاش تۈپەيلىدىن نامرات بولۇپ قالماسلىقىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ دىگەندەك مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن پىكىرلەر يەنىلا سانائەتنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق يېزا رايونلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزلۈكسىز تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرغا قويغان.

    تۆۋەندىكى رەسىملەردىن فىرانسىيە يېزا تۇرمۇشىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ:

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • فىرانسىيىدە شەھەردە ياشىغاندىن يېزىدا ياشىغان ياخشىكەندە
    dunyakara回复زوخرا说:
    مېنىڭچە ئەمىلىيەتتىمۇ يېزا تۇرمۇشى ياخشى.
    2008-11-10 23:04:54