• 2008-08-17

    ئات سوقۇشتۇرۇش - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/27808701.html

    بىز بىلىدىغان "قوشقار سوۇقۇشتۇرۇش"،"توخو سوقۇشتۇرۇش"،"ئىت سوقۇشتۇرش"قاتارلىق ئويۇنلار بار .بۇخىل ئويۇنلارغا مەن قىلچىمۇ قىزىقمايمەن،بەلكى يامان كۆرىمەن. ھايۋان بىلەن ھايۋاننى سوقۇشتۇرۇپ كۆڭىۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى ئويۇنلارنىڭ ھەممىسىنى بىر خىل "ۋەھشىيلىك" دەپ قارايمەن. مۇشۇ خىل ئويۇنلارنى ئاڭلىساملا قەدىمقى رىملىقلارنىڭ "گىلادىياتور"مەيدانى يادىمغا كېلىدۇ.قەدىمقى رىملىق بىكار تەلەت ئاق سۆڭەكلەرمۇ باشتا ھەرخىل ھايۋانلارنى ئۆزئارا سوقۇشتۇرۇپ كۆڭۈل ئاچقان، كېيىنچە يولۋاس ،شىر قاتارلىق ۋەھشى ھايۋانلار بىلەن ئادەمنى سوقۇشتۇرغان ،ئاخىرى ئۇنىڭدىنمۇ تەرەققى قىلىپ ئادەم بىلەن ئادەمنى سوقۇشتۇرۇپ كۆڭۈل ئاچقان....بولدىلا بۇ يەردە دەبدەبىلىك سۆزلەرنى قىلغۇم يوق.

    ھازىرقى جەمئىيەتتىكى كىشىلەرمۇ قەدىمقى رىملىقلارنى دوراۋاتامدۇ-يوق؟ تۆۋەندىكى فىلىپپىندا ئات سوقۇشتۇرۇش نەق مەيدانىدىن تارتىلغان سۆرەتلەرگە دىققەت قىلىپ باقايلى.

    فىلىپپىننىڭ جەنوبىدا ھەريىلى قان تىمىپ تۇرىدىغان ئات سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى ئوينايدۇ. ۋاقتى 5-6 سائەت بولغان بۇ خىل سوقۇشتۇرۇشتا ھەر دائىم بىر تەرەپتىكى ئات نەق مەيداندا ياكى ھېرىپ ئۆلىدۇ ياكى قارشى تەرەپتىكى ئاتنىڭ چىشلەپ يارىلاندۇرۇلىشىدىن قانسىراپ ئۆلىدۇ...پەقەت نەتىجە مۇشۇ. ئۆزگەرمەيدۇ. غەلبە قىلغان يەنە بىر ئاتنى بولسا چىشى ئات بىلەن مەجبورى چېتىشتۈرىدۇ.

    ئىككى ئات ۋەھشىيانە ئېلىشماقتا،

    يەنە بىر ئاتنىڭ قۇلىقى چىشلەپ ئۈزىۋېلىنغان بولۇپ يۈز قىسمىمۇ يارىلانغان، كۆزىگە يارىدىن چىققان قان كىرىپ قارشى تەرەپنى كۆرەلمەي جان تالاشماقتا.

    ئارىسىدىكى يامانراق ئات بولسا ئالدى ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتىرىۋېلىپ قارشى ئاتنىڭ بېشىغا كۈچەپ تەپمەكتە.

    مۇشۇنداق جىددى ئېلىشىش 6 سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلىدۇ، ئاخىرىغا بارغاندا بىر ئاتنىڭ "يېڭىلىپ"ئۆلىشى بىلەن بۇ مۇسابىقە ئاخىرلىشىدۇ.

      

    بۇ خىل مۇسابىقە ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى بارلىققا كەلگەن ئەڭ قورقۇنچلۇق "بەھىرلىنىش" خاراكتىرىدىكى مۇسابىقىمىش.بۇ خىل مۇسابىقە فىلىپپىنلىقلارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە ئايلىنىپ قالغان.


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • خۇدا، تۆۋە قىلدىم، جاھان قانداق تەرەققىي قىلىپ كېتىپ بارىدۇ... نېمىدىگەن ۋەھشىيلىك. ئەمدى ئەتىگىچە يەنە قانداق ئۇيۇنلارنى، قانداق كۆڭۈل ئېچىشلارنى كۆرەرمىز-ھە؟!
    dunyakara回复بوغلان说:
    شۇنى دىمەمسىز بوغلان ئەپەندىم.
    2008-08-18 18:01:49