• 2008-08-16

    جەنوبى قۇتۇپ - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/27773464.html

    جەنوبى قۇتۇپ قىتئەسى يەتتىنچى چوڭ قۇرۇقلۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ.چۈنكى ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا بايقالغان.بىردىنبىر ئىنسانىيەت ئولتۇراقلاشمىغان قىتئە. ئۇنىڭ كۆلىمى13مىليون 900مىڭ كۇۋادىرات كېلومېتىر بولۇپ دۇنيادىكى بەشىنچى چوڭ قىتئە. پۈتۈن جەنوبى قۇتۇپنىڭ ھەممىسىنى غايەت زوڭ مۇزلۇق قاپلىغان بولۇپ قىتئەنىڭ %98نى دىئامېتىرى 4500كىلومېتىر قېلىنلىقى 2000 مېتىر كېلىدىغان مۇزلۇق ئوراپ تۇرىدۇ. ئەڭ قېلىن جايدىكى مۇز قاتلىمىنىڭ چوڭقۇرلىقى 4750مېتىر كېلىدۇ. ياز پەسلىدە جەنوبى قۇتۇپتا مۇزلۇقنىڭ كۆلىمى 2مىليون650مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ. قىش پەسلىدە بولسا مۇزلۇق كېڭىيىپ كۆلىمى18مىليون800مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ.يەر شارىدىكى مۇزلۇقنىڭ %90 جەنوبى قۇتۇپتا بولىدۇ.ئەگەر جەنوبى قۇتۇپ پۈتۈنلەي ئېرىپ كەتسە ئۇنداقتا يەر شارىدىكى دېڭىز يۈزىنىڭ ئېگىزلىكى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 60مېتىر ئۆرلەپ كېتىدۇ.جەنوبى قۇتۇپتا پەقەت قىش ۋە ياز دەپ ئىككى پەسىلگىلا ئايرىلىدۇ. 4-ئايدىن 10-ئايغىچە قىش پەسلى بولىدۇ.11-ئايدىن كېلەريىلى 3-ئايغىچە ياز پەسلى بولىدۇ. ئوتتۇرىچە تېمپۇراتورىسى ياز پەسلىنىڭ 0گىرادوس،ئىچكى قۇرۇقلۇق قىسمىنىڭ نۈلدىن تۆۋەن 15تىن نۈلدىن تۆۋەن35 سېلىتسىيە گىرادوس بولىدۇ. قىش پەسلىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپۇراتورىسى نۈلدىن تۆۋەن 15تىن نۈلدىن تۆۋەن 35 گىرادوسقىچە بولىدۇ.ئىچكى قۇرۇقلۇق قىسمىڭ نۈلدىن تۆۋەن40تىن نۈلدىن تۆۋەن70 گىرادوس ئەتراپىدا بولىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ "شەرقى"پونكىتىدا ئۆلچەنگەن ئەڭ تۆۋەن تېمپۇراتورا نۈلدىن تۆۋەن88.3 گىرادوس بولغان.1840-يىلى1-ئاينىڭ18-كۈنى فىرانسىيەلىك杜蒙·杜维دىگەن كىشى تۇنجى بولۇپ جەنوبى قۇتۇپنى بايقىغان. ئامرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىر ئوفتسىرى بىر كۈن كېچىكىپ بايقىغان.

    تۇنجى بولۇپ جەنوبى قۇتۇپقا بارغان كىشى罗尔德·阿蒙森(Roald Amundsenھەم ئۇنىڭ ھەمرالىرى بولۇپ بارغان ۋاقتى 1911-يىلى12-ئاينىڭ 14-كۈنى. ئەپسۇس قايتىش سەپىرىدە بۇ كىشى ۋە تۆت نەپەر ھەمراھىنىڭ ھەممىسى ئاچلىق ۋە سوغۇقنىڭ زەربىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ھازىر جەنوبى قۇتۇپتا بۇ كىشىلەرنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن قۇرۇلغان بىر پونكىت بار بولۇپ مەخسۇس بۇ يەرگە كەلگەنلەرگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان.

    تۆۋەندىكىسى جەنوبى قۇتۇپنىڭ بىرقىسىم رەسىملىرى:


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن