ھاياتلىق ھارغىنلىق ئەمەس
-
ھاياتلىق ھارغىنلىق ئەمەس
ۋاقتى: 2015-11-16 ئاۋاتلىقى: 868 قېتىميانفوندا كۆرۈش
قەدىرلىك دوستلار، تۇرمۇشتا بەزى نەرسىلەر ئۈچۈن قايغۇرىمىز، قاخشايمىز ھەم بەزىدە خۇشاللىنىمىز. ئەمما بۇ خىل تۈرلۈك ھېسىياتلار ئارىسىدا ئاستا- ئاستا چارچاۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلىشقا باشلايمىز. ئۇنداقتا تۇرمۇشتىكى چارچاش ۋە ھالسىزلىنىشنى قانداق يوقىتىشقا بولىدۇ. مېنىڭچە بۇ ھەممىمىز ئېرىشىشكە ئىنتىلىۋاتقان جاۋاب بولۇشى مۇمكىن. قېنى ئۇنداقتا بۇ سۆزىمىزنىڭ جاۋابىنى تۆۋەندىكى «dilsada دىلسادا»سالونىمىزغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان«ھاياتلىق ھارغىنلىق ئەمەس»دېگەن ھېكمەتلىك ھېكايەتتىن ئىزدەپ باقايلى:
بىر كىشى دائىم ئۆزىنى ھارغىن ھېس قىلىپ، دانىشمەندىن مەسلىھەت ئېلىپ ئۆزىنى يېنىكلەتمەكچى بوپتۇ.
دانىشمەن بىر قۇرۇق سېۋەتنى ئۇنىڭ دۈمبىسىگە ئېسىپ قويۇپتۇ ۋە ئۇنىڭغا تاشنى كۆرسىتىپ: «ھەر بىر قەدەم ماڭغىنىڭىزدا بىر تال تاشنى سېۋەتنىڭ ئىچىگە سالغىن، قېنى سەندە قانداق تەسىرات پەيدا بولىدىكىن؟» دەپتۇ. ئۇ دانىشمەننىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىپتۇ، دانىشمەن بولسا يولنىڭ يەنە بىر بېشىدا ئۇنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ.
بىر ھازادىن كېيىن بۇ ئادەم يولنىڭ يەنە بىر بېشىغا چىقىپتۇ. دانىشمەن ئۇنىڭدىن قانداق تەسىراتتا بولغانلىقىنى سوراپتۇ.
- بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىپ بارغىنىمنى، ھېرىپ قېلىۋاتقىنىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
- مانا بۇ سېزنىڭ نېمىشقا ھاياتلىقتا ھارغىنلىق ھېس قىلىۋاتقانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى. بىز بۇ دۇنياغا قۇرۇق سېۋەتنى ئېسىپ كېلىمىز، ھالبۇكى باسقان ھەر بىر قەدىمىمىزدە بۇ دۇنيادىن بىر تالدىن تاش تېرىپ سېۋىتىمىزگە سالىمىز، شۇڭا بارغانسېرى چارچاپ كېتىمىز.
- بۇ خىل چارچاشنى قانداق ئۇسۇل بىلەن يېنىكلەتكىلى بولىدۇ؟
- ئۇنداقتا سىز خىزمەت، مۇھەببەت، ئائىلە، دوستلۇقنىڭ قايسى بىرىنى تاشلىۋېتىشنى خالايسىز؟
بۇ سوئالدىن ئۇ ئادەم بىر نېمىنى ھېس قىلغاندەك رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ كېتىپ قاپتۇ.
دېمەك دوستلار، ھەر بىرىمىزنىڭ سېۋىتىگە قاچىلانغىنى بۇ دۇنيادىن كۆڭۈل قويۇپ تېرىپ كەلگەن نەرسىلا بولماستىن، بەلكى يەنە مەسئۇلىيەتمۇ بار. سىز ھارغىنلىق ھېس قىلغىنىڭىزدا قەتئىي ئاغرىنماڭ. بەلكىم بۇ دۇنيادا سىزدىنمۇ بەكرەك ھارغىنلىق ھېس قىلىدىغان، سېۋىتىگە سىزنىڭكىدىنمۇ كۆپ نەرسىلەر قاچىلانغان كىشىلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن.
Tags: ھاياتلىقتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
كۈلۈمسىرەشنىڭ ھېكمىتى ۋە قىممىتى
2015-09-08 15:54:19401«ئۆمەر ھەييام ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى ھەققىدە»
2015-08-29 15:21:38739ئاياغ ساناش
2015-11-12 21:53:21894ياشايلى باراقسان ئېچىلغان گۈلدەك
2015-09-07 14:32:53401ئائىلە ئىناقلىقى ھەققىدە تەرمىلەر
2015-08-31 13:17:02505يولدا كېلىۋاتقاندۇ
2015-10-17 15:34:49647ياشاش ئىقتىدارى تۇغما ئەمەس
2015-10-17 15:58:23592قوي ۋە ئىنساننىڭ ساغلاملىقى
2015-12-30 14:58:231006
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-