ئېرىشىش ۋە يوقىتىش
-
ئېرىشىش ۋە يوقىتىش
ۋاقتى: 2015-12-22 ئاۋاتلىقى: 167 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەمەلىيەتتە ھەر بىر كىشىنىڭ ھاياتتىن ئېرىشكەنلىرى، ئېرىشىۋاتقانلىرى شۇنداقلا ئېرىشىدىغانلىرى كۆپ بولىدۇ. پەقەت بۇنى بىلگەن، ھېس قىلالىغان كىشىلەرلا ھاياتلىقنىڭ ئۆزىگە بەخش ئەتكەن ماددىي، مەنىۋى، جىسمانىي كۈچ، ساغلاملىق، ئەقىل - پاراسەت جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈككە، ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولغان بۇ كاتتا بايلىقلىرىدىن مىننەتدار بولىدۇ ۋە بۇ بايلىقلىرىدىن ھەر تەرەپلىمە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزى ۋە ئەتراپتىكىلەرگە خۇشاللىق، مۇھەببەت ئاتا قىلىش ئارقىلىق دۇنيانى مۇھەببەتلىك قىلىدۇ. مانا بۇنداق ئېرىشىش گۈزەل ۋە تەبىئىي بولىدۇ.
ئەما كىشى يورۇقلۇقنى كۆرەلمىسىمۇ، قەلب كۆزى ئارقىلىق ئېرىشكەن يورۇقلۇقنى مەڭگۈ قەدىرلەيدۇ. جىسمى مېيىپ كىشىلەر گەرچە ماڭالمىسىمۇ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ مېڭىش شارائىتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن چەكسىز سۆيۈنىدۇ، سۆزلىيەلمەيدىغان كىشىلەر ئەقىل تىلى ئارقىلىق تەپەككۇر قىلىپ ئۆزىگە خۇشاللىق تاپىدۇ.
ئېرىشىش كۆپ خىل بولىدۇ، كۆپ خىل ئالاھىدىلىكنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلىدۇ، بەزىلىرى ماددىي قىممەت ياراتسا، بەزىلىرى مەنىۋى قىممەت يارىتىدۇ، بەزىلىرى ئېتىقاد، ئىشەنچ، چىدامچانلىق، تىرىشچانلىق بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق بولىدۇ. بەزىلىرى ئىجابىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى ھېىسابلانسا، بەزىلىرى باشقىلارنىڭ ياردىمىنىڭ، قوللىشىنىڭ نەتىجىسىمۇ بولىدۇ، خاراكتېر جەھەتتىن كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئېرىشكەنلىرى ئىجابىيلىقنى ئاساس قىلسا، ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېرىشكەنلىرى ۋە ئېرىشمەكچى بولغانلىرى ئەمەلىيەتتىن، تۇرمۇشتىن چەتنىگەن بولىدۇ.
ئېرىشىش خۇشاللىققا تولغان ھاياتلىقنىڭ جەۋھىرى، شۈبھىسىز قەدىرلەشنىڭ مەھسۇلىدۇر. قەدىرلەش بىرخىل ساپ مۇھەببەت، ساپ ھېسسىيات، ھەقىقىي كىشىلەردىكى ئەڭ ئالىيجاناب پەزىلەتتۇر. ئۇ پەقەت ھاياتتىن ئېرىشكەنلىرىنى ئاسراپ، قەدىرلەپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن مىننەتسىز، توختاۋسىز خىزمەت قىلدۇرىدۇ. شۇڭا بىز، ھالال ئەمگىكىمىز، جاسارىتىمىز، تىرىشچانلىقلىرىمىز ئارقىلىق ئەتىمىز ۋە كېلەچىكىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، چەكسىز ئىپتىخارلىنىش ئىلكىدە ھاياتتىن ئېرىشكەنلىرىمىزنى مەڭگۈ قەدىرلەيلى.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرغاننىڭ زىيىنى يوق
2015-12-30 15:49:32177كىم تاپالايدۇ ؟ تېپىشماق
2015-09-02 10:08:59276دوستۇم، مىنى كەچۈرگىن
2015-09-01 13:13:10166ئاياغ ساناش
2015-11-12 21:53:21234سىز كۆزەينىكىڭىزنى قانداق ئاسراشنى بىلەمسىز؟
2015-11-16 22:41:28376بەخت ھەققىدە
2015-11-12 22:23:06239دوستى بولۇش
2015-09-07 15:16:00185كۈلۈمسىرەشنىڭ ھېكمىتى ۋە قىممىتى
2015-09-08 15:54:19131
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-