قىشتا بالىڭىز قار ئوينىغاندا
-
قىشتا بالىڭىز قار ئوينىغاندا
ۋاقتى: 2015-11-16 ئاۋاتلىقى: 812 قېتىميانفوندا كۆرۈش

قىشتا بالىڭىز قار ئوينىغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
قولنى دەرھال قۇرۇتماسلىق كېرەك. قاردا ئادەم ياساش، قار دوملىشىش قاتارلىق دالا پائالىيەتلىرى بالىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئاشۇرۇپ، سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. لېكىن بالىلار قار ئوينىغاندا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا قولىنى ئاسرىماي ئۇزۇنغىچە قار ئوينايدۇ بۇنىڭ بىلەن قول قاتتىق توڭلايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئۇزۇنغىچە قاردا ئويناتماسلىقى، قار ئويناپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال ئىسسىندۇرماسلىقى، قولىغا قارنى سۈركەپ قولى ئۆزلىكىدىن ئىسسىغاندىن كېيىن يۇيۇۋېتىش كېرەك.
خالىغانچە قار يېمەسلىكى كېرەك. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، قار ئوينىغاندا قار يېمەسلىكى كېرەك. چۈنكى قارنىڭ تەركىبىدە چاڭ-توزان، كېسەللىك ۋىرۇسى، مىكروب قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار بار. بۇ ماددىلارنىڭ سوغۇققا چىدامچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، سالامەتلىككە زىيانلىق.
قاردا ئويۇن ئوينىغاندا قار ئەمالىقىدىن ساقلىنىش كېرەك. قار ئەمالىقى ــــ قارنىڭ قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرلارنى كۆزگە قايتۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان، دائىم قاردا ئۇزۇن ۋاقىت ئوينىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ ئۇلارنىڭ ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىچە: كۆز قىزىرىپ، قاپاق ئىششىپ، بىرىكتۈرگۈچى پەردىدە قان ئۇيۇپ قالىدۇ ۋە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ، كۆز قاتتىق ئاغرىيدۇ، نۇردىن قورقىدۇ، ياش ئاقىدۇ ۋە كۆزىنى ئاچالماي قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە ھەرگىز كۆزنى قول بىلەن ئۇۋۇلىماسلىق كېرەك، كۆز دورىسى تېمىتىپ ياللۇغلىنىشنىڭ، كېسەللىك ئالامىتى ئېغىرلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

يېڭى پېتى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان يىمەكلىكل
2015-09-01 15:35:56546
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى ئۇچۇرلار
2015-08-31 15:38:25475
ئائىلە ئىناقلىقى ھەققىدە تەرمىلەر
2015-08-31 13:17:02505
بىر قىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەدىسى
2015-08-30 22:19:121022
قىشتا بالىڭىز قار ئوينىغاندا
2015-11-16 22:26:43812
پروفىسسور ھوشۇر ئىسلام
2015-09-07 14:03:00604
ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرغاننىڭ زىيىنى يوق
2015-12-30 15:49:32776
لى جياچېڭنىڭ ئىز باسار يېتىشتۈرۈش ئالاھىدىلىكى
2015-08-27 20:46:47641
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-

















