مۇلازىمەت ۋە مۇۋەپپەقىيەت
-
مۇلازىمەت ۋە مۇۋەپپەقىيەت
ۋاقتى: 2015-08-27 ئاۋاتلىقى: 1058 قېتىميانفوندا كۆرۈش
مۇلازىمەت ۋە مۇۋەپپەقىيەت
غالىب خۇجىئابدۇللا
كىشىلەر باشقىلارغا بەزىدە ئاڭلىق، بەزىدە ئاڭسىز مۇلازىمەت قىلىدۇ، بەزىدە باشقىلارنىڭ مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ جەرياندا باشقىلارنىڭ مۇلازىمىتى ۋە ئۆزىنىڭ باشقىلارغا قىلغان مۇلازىمىتى ھەققىدە قىسمەن تونۇشقا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما، نۇرغۇن كىشى ھەقىقىي مۇلازىمەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار باشقىلارغا قانداق مۇلازىمەت قىلىشنى بىلمىگەچكە، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. بولۇپمۇ زاۋۇت - كارخانا قۇرۇش، ئاشپۇزۇل ئېچىش، سودا - سېتىق قىلىش ياكى شىركەت قۇرۇش قاتارلىقلاردا مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشى ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا بىۋاسىتە تەسىر قىلىدۇ. ئادەتتە مۇلازىمەت سۈپىتى يۇقىرى كارخانىلار خېرىدارلىرىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق خېرىدارلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ.
@ پارىژدا ياپونىيەلىكلەر ئاچقان بىر ئاشپۇزۇل بار ئىكەن. بۇ ئاشپۇزۇلدىكىلەرنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى يۇقىرى بولغاچقا، باشقا ئاشپۇزۇللارغا قارىغاندا بازارلىق ئىكەن. بىر جۇڭگولۇق نەچچە دوستىنى مۇشۇ ئاشپۇزۇلغا مېھمانغا چاقىرىپتۇ. ئۇلار قىزىقچىلىقتا نەچچە خىل تاماقنى كۆپ بۇيرۇتۇپ قويۇپتۇ. ئۇلار قايتىشىدا ئېشىپ قالغان تاماقلارنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتمەكچى بولۇپ، مۇلازىمغا ئاشقان تاماقلارنى خالتىغا قاچىلاپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ. مۇلازىم قىز ئېگىلىپ تەزىم قېلىپ تۇرۇپ:
تاماقلارنى ئېلىپ كېتىشكە بولمايدۇ، دەپتۇ. ئۇلار بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ ئامالسىز دىرېكتورنى چاقىرتىپتۇ. دىرېكتور ئۇلارغا :
ـ مەن خېرىدارلىرىمنىڭ مەنپەئىتىگە مەسئۇل بولمىسام بولمايدۇ. سىلەر بۇيرۇتقان بۇ تاماقلارنى ۋاقتىدا يېمىسە ئاسانلا سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالىدۇ. شۇڭا، بۇلارنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىشكە بولمايدۇ، دەپتۇ. ئۇلار بۇنىڭغىمۇ رازى بولماي:
بىز بۇ تاماقلارنى ئۆيگە ئاپىرىپلا توڭلاتقۇغا سېلىپ قويىمىز، دەپتۇ. دىرېكتور ئۇلارغا ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ:
سىلەرنىڭ بۇ تاماقلارنى ئۆيگە ئاپىرىپلا توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇشۇڭلارنى ھۆددە قىلغىلى بولمايدۇ، دەپتۇ. ئۇلار يەنە:
ئۇنداق بولسا يەپ بولالمىغان بۇ تاماقلارنى قانداق قىلىمىز؟ دەپ سوراپتىكەن. دىرېكتور ئۇلارغا تېخىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن:
ئېشىپ قالغان تاماقلارنى بىز بىر تەرەپ قىلىمىز. ئۇنىڭغا سىلەردىن پۇل ئالمايمىز، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
بۇ كىچىككىنە ۋەقەلىكتىن ياپونىيەلىكلەر پارىژدا ئاچقان بۇ ئاشپۇزۇلىنىڭ بازار تېپىشىنىڭ سىرىنى بىلىۋالالايمىز، شۇنداقلا ياپونىيەلىك مۇلازىملارنىڭ خېرىدارلىرىغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن تەسىرلەنمەي قالمايمىز. ھەر قانداق كارخانىچى خېرىدارلىرىغا ئەنە شۇنداق كۆڭۈل بۆلەلىسە، خېرىدارلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىيالىسا، چوقۇم ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ.
يەنە بىر مىسال: 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا ھىندىستاننىڭ بىر تەتقىقات مەركىزى مەلۇم بىر مۇھىم تەتقىقات خىزمىتىنى جىددىي باشلىۋېتىپتۇ. بۇ مەركەزدە 70 نەچچە ئالىم كېچە - كۈندۈز ھاردىم - تالدىم دېمەي ئىشلەيدىكەن. ئۇلارنىڭ خىزمەت بېسىمى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن. بۇ مەركەزنىڭ خوجايىنىمۇ ئۇلارغا قاتتىق تەلەپ قويىدىكەن. تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىزمىتى تازا جىددىي باسقۇچقا كىرگەن بىر كۈنى سامبا ئىسىملىك بىر ئالىم خوجايىننىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ:
ـ ئەپەندىم، بالىلىرىمغا بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 30: 5دا كۆرگەزمىخانىغا ئېلىپ بېرىشقا ۋەدە قېلىپ قويغانىدىم، رۇخسەت بەرگىلى بۇلارمۇ؟ دەپ سوراپتۇ. خوجايىن ئۇنىڭغا قىزغىنلىق بىلەن:
ـ بولىدۇ، چۈشتىن كېيىن بالدۇرراق ئۆيىڭىزگە قايتىڭ، دەپتۇ.
@سامبا ئىشخانىسىغا قايتىپ پۈتۈن زېھنى بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئىشلەپ، شۇ كۈنلۈك ۋەزىپىنى تۈگەتكىنىدە كەچ سائەت 30: 8 بولۇپتۇ. شۇ چاغدىلا بالىلىرىغا قىلغان ۋەدىسى ئېسىگە كېلىپ، ئۆيىگە ئۇچقاندەك مېڭىپتۇ. سامبا ئۆيگە كىرسە بالىلىرى كۆرۈنمەپتۇ. ئۇ مېھمانخانىدا ژۇرنال كۆرۈپ ئولتۇرغان خوتۇنىدىن ئۇڭايسىزلانغان ھالدا:
ـ بالىلار قېنى؟ دەپ سوراپتۇ. خوتۇنى ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ:
ـ سىز بىلمەمسىز؟خوجايىنىڭىز سائەت 15: 5 مىنۇت ئۆتكەندە كېلىپ بالىلارنى كۆرگەزمىخانىغا ئېلىپ كەتتى، دەپتۇ. سامبا بۇنى ئاڭلاپ خوجايىنىنىڭ بۇ ئىشىدىن بەكمۇ تەسىرلىنىپتۇ. ئەسلىدە خوجايىن سامبانىڭ خىزمىتىنى پۈتتۈرۈپ بولمىغۇچە ئىشخانىدىن ئايرىلمايدىغان مىجەزىنى بىلىدىكەن. شۇڭا، ئۇ خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ھەم ئۇنىڭ بالىلىرىنىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىك ئۈچۈن ئۆزى سامبانىڭ بالىلىرىنى كۆرگەزمىخانىغا ئاپارغان ئىكەن.
ئادەمدە مانا مۇشۇنداق باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، باشقىلارنىڭ دەردىگە يېتىدىغان مۇلازىمەت ئېڭى بولغاندىلا قىلغان ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ. بۇ دۇنيادا ھەممە ئادەم قىلىۋاتقان ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھەر قانداق مۇۋەپپەقىيەت باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىن ھەم ئۆز ئارا مۇلازىمەت قىلىشتىن كېلىدۇ. ھەر قانداق ئىش قىلغاندا باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىدىغان، باشقىلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى خۇددى ئۆز ئىشىدەك مۇھىم بىلىدىغان كىشىلەر ھەر قانداق ئىش قىلسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئاۋامنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
Tags: مۇلازىمەت مۇۋەپپەقىيەتتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
باققاللىق كەسپى
2015-08-27 20:28:37724ھەر قانداق ئىشتا ئۇزىڭىزگە يول قويۇڭ
2015-09-10 14:47:56567دەرتلىرىڭىزنى كەينىڭىزگە تاشلاپ، ئالدىڭىزغا بېقى
2015-09-19 15:18:591053يولدا كېلىۋاتقاندۇ
2015-10-17 15:34:49647تۇرمۇش يېڭىلىققا مۇھتاج
2015-11-18 21:17:28957ئېرىشىش ۋە يوقىتىش
2015-12-22 14:37:38790سەپتىن چۈشۈپ قالماي دېسىڭىز، ئۆگىنىڭ
2015-11-12 21:33:14800ياشايلى باراقسان ئېچىلغان گۈلدەك
2015-09-07 14:32:53401
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-