ياشايلى باراقسان ئېچىلغان گۈلدەك
-
ياشايلى باراقسان ئېچىلغان گۈلدەك
ۋاقتى: 2015-09-07 ئاۋاتلىقى: 398 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تەربىيە كۆرگەنلىكىنى ئۇنىڭ غالجىرلاشقان ۋاقتىدا ئۇققىلى بولىدۇ؛ئوخشاشلا، بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە چىداملىق ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ مۈشكۈلاتقا يولۇققان ۋاقتىدا ئۇققىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ كۆرەڭلىگەن ۋاقىتتا نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىغا،مۇھتاجلىقتا نېمە ئىشنى قىلمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك.ئادەم ھەددىدىن ئاشقان ۋە چىڭ تۇرغان چاغدا ئۇنىڭ ئەڭ ھەقىقىي مىجەزى ئاندىن نامايەن بولىدۇ.
بەزىلەر ساڭا ئەگىشىپلا يۈرىدۇ،ئۇلارنى جەلپ قىلغىنى سەن بولماستىن بەلكى سەندىكى ھوقۇق؛بەزىلەر سەن بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇپ كېتىدۇ،ئۇنى رام قىلىۋالغىنى دوستلۇق ئەمەس،بەلكى دوستلۇقتىنمۇ رېئال بولغان پۇلۇڭدۇر.
ھوقۇقىڭدىن قالغان ۋە نامراتلىشىپ كەتكەن ۋاقتىڭدا بىردىنلا بۇ ئادەملەرنىڭ جىسمىدىن پانىي دۇنيادىكى ھەقىقىي قىياپىتىنى ھېس قىلىسەن.ئەڭ يېقىن كىشىلەرمۇ بىردىنلا مەيۈسلىشىپ كېتىدۇ.ئەسلىدە قىزغىنلىق بىلەن سۇسلۇق،تونۇش بىلەن ناتونۇش،يېقىنلىق بىلەن يىراقلىقنىڭ ئوتتۇرسىنى پەقەت سېنىڭ كېرەككە كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىڭلا ئايرىپ تۇرىدۇ.ئادەمگەرچىلىكنىڭ سۇسلاپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنما،بايلىق ۋە مەرتىۋىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەمنىڭ ساڭا بېرىدىغىنى ئەسلىدىنلا ساختا ساداقەت ۋە ناتوغرا خۇشاللىقتىن ئىبارەت.پەقەت سەن بۇ خىل مەۋھۇملۇقتا ياشاشنى خالىساڭ،خۇشاللىق ئاللاقاياقلارغا تارقاپ،بارلىق غەمكىنلىك ۋە مەيۈسلىكنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىسەن.
كۆپلىگەن ئادەملەر ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ قۇدرەتكە ئىگە بولسىمۇ،ئەمما ئادىمىيلىكنىڭ زەئىپلىكىدىن ۋەيران بولىدۇ.بۇنداق كىشىلەردىكى ئورتاق كېسەللىك:باشقىلارنى ئاسانلا ئېنىق كۆرەلەيدۇ،ئەمما ئۆزىنى ئاسانلىقچە ئېنىق كۆرەلمەيدۇ؛باشقىلارنىڭ مەسلىسىدە ھەسەتخورلۇق قىلىدۇ،ئەمما ئۆزىنىڭ مەسلىسىگە كەلگەندە ئاتلىق يۈرۈپ گۈل كۆرىدۇ.شەخسىيەتچىلىك بىر جۈپ شەخسىيەتچى كۆزنى،ئىچى تارلىقنى ۋە باشقىلارنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلىشقا ھېرىسمەن پوزىتسىيەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بىر ئۆمۈر باشقىلارنى كۆرەلمىگەنلىك ئەزەلدىن ئۆزىنى ئېنىق كۆرەلمىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.ئادەمگەرچىلىكنى ئۇقۇپ ياشىغاندىلا ئاندىن ئۆزىنى روشەن كۆرەلەيدۇ.ئادەمگەرچىلىك-بەدنىيەتلىكنى تۈگىتىپ،ئارتۇق تەلەپ قىلماسلىق دېمەكتۇر؛نېمىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىگە تەئەللۇق ئەمەسلىكىنى چۈشىنىش دېمەكتۇر.
ئادەمگەرچىلىك-ئۆزىنى قايىل قىلىش دېمەكتۇر.ئېرىشىسەن پايدا ۋە شەرەپكە،زوقلانساڭ باھار گۈلىدىن؛ ساقلىنىسەن نومۇس ۋە زىياندىن، زوقلانساڭ تولۇن ئايدىن.
ئادەمگەرچىلىكى بار ئادەمنىڭ باراقسان ئېچىلغان گۈلدەك ياشىيالىشى ناتايىن،بىراق چوقۇم خاتىرجەم،تىنىچ ياشايدۇ.ئەمما ئۆمۈرنىڭ ئاخىردا شۇنى ھېس قىلىمىزكى،ئەمەلىيەتتە خاتىرجەملىك ۋە تىنچلىق ھەقىقىي باراقسان ئېچىلغان گۈلگە ئوخشايدۇ.
دوست-ئوتۇڭدا كۆيۈپ،سۈيىڭدە ئاققان ئەشۇ كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.ئۇلار سەندىكى ئاجىزلىقنى كۆرەلمەيدۇ ئەمەس،بەلكى ئۇ ئاجىزلىقلارنى ئۆتكۈنچى شامال،دەپ قاراپ خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ.مۇبادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە دوستۇڭ سېنى تاشلاپ كەتسە،ئۇ ھالدا ئۇلارغا چوقۇم سوغۇق شامال تەگكەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ،ئەمدى سېنىڭ جىسمىڭدا ئازراقمۇ ئىللىقلىقتىن ئەسەر قالمايدۇ.
بۇ دۇنيادا ھەممە ئادەم ئىللىقلىق ئىچىدە ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ،دوستۇڭمۇ ھەم شۇنداق.بىر ئادەمنىڭ مەڭگۈلۈك دوستىنىڭ بار بولىشى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق نامايەن قىلغانلىقتىن بولىشى ناتايىن،بەلكى ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى مۇۋاپىق كونتىرول قىلىشنى بىلگەنلىكتىن بولىدۇ.چۈنكى،كىشى كۆڭلىنى رام قىلىدىغىنى يىراقتىكى ئارتۇقچىلىق بولىشى ناتايىن،بەزى چاغدا ئاجىزلىقنى يوشۇرۇپ قالايدىغىنى سەمىمىي ۋە چوڭقۇر چۈشنىشتىن ئىبارەت بولىدۇ.
Tags: ياشاشتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ھاياتلىق سۈيىنى قەدىرلەڭ
2015-08-27 19:31:09476ئېرىشىش ۋە يوقىتىش
2015-12-22 14:37:38780سالماقلىق ئالىي پەزىلەتتۇر
2015-09-02 21:48:15584ھەر قانداق ئىشتا ئۇزىڭىزگە يول قويۇڭ
2015-09-10 14:47:56561سىز كۆزەينىكىڭىزنى قانداق ئاسراشنى بىلەمسىز؟
2015-11-16 22:41:281560ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرەيلى
2015-09-02 14:37:40557ئورنىنى باسالمايدىغان بىر نەرسە بار
2015-10-19 15:38:28730ئۈمىدسىزلەرگە --كەلگۈسى غۇۋا
2015-09-07 14:59:51362
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-