دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھاياتلىق سۈيىنى قەدىرلەڭ

ھاياتلىق سۈيىنى قەدىرلەڭ

ۋاقتى: 2015-08-27 ئاۋاتلىقى: 474 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قەدىرلىك دوستلار، ھاياتلىق-چەكلىك. چەكلىك ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەركىمىنىڭ ئۆز ئىختىيارىدا. دۇنيادا بەلكىم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى، كۈنلىرىنى تېنچ- ئامان، كۆڭۈللۈك ۋە خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغان بىرمۇ ئادەم بولمسا كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتلىقتا ياشاۋاتقان ھەر بىرىمىز، تۇرمۇشىمىزغا نىسبەتەن ئەستايىدىل خاراكتىرنى يىتلىدۈرۈشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلالىساق، بىز چوقۇم كۆزلىگەن مەقستىمىزگە يىتىپ، ھاياتىمىزنى مول مەزمونلارغا تولدۇرالايمىز.

قېنى ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى«ھاياتلىق سۈيىنى قەدىرلەڭ»ناملىق ھېكمەتلىك ھېكايەتكە قۇلاق سالغايسىلەر:  


▲ئىككى قولىڭىزدا لىپمۇلىق سۇ قۇيۇلغان قاچىنى كۆتۈرگەن ئىكەنسىز، پەخەس بولۇپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن دەڭسەپ مېڭىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، قاچىدىكى سۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتىمۇ خۇددى شۇ بىر قاچا سۇغا ئوخشايدۇ، ئەگەر تۇرمۇش يولىڭىزدا سالامەتلىكىڭىزنى قەدىرلەپ، ھاياتىڭىزنى ئەتىۋارلاپ،«لىپمۇلىق سۇ تولدۇرۇلغان قاچا»نى ئاۋايلاپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن كۆتۈرۈپ ماڭالىسىڭىز، ئۇ ھالدا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلىشىڭىز مومكىن. 60 يىل داۋاملاشقان بىر پىسخولوگىيلىك تەتقىقاتتىن ئىسپاتلىنىشىچە، جاھاندارچىلىقتا ئېھتىىياتچان، ئەستايىدىل بولغان كىشىلەر كۆپىنچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن، ھالبوكى، قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى ناتايىن ئىكەن. بۇ تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كىچىكىدىن تارتىپ ئىش قىلىشتا ئېھتىياتچان، ئەستايىدىل بولغان بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىنكى مەغلۇپ بولۇش نىسبىتى، كىچىكىدىن تارتىپ ئىش قىلىشتا باشباشتاقلىق قىلىدىغان بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىنكى مەغلۇپ بولۇش نىسپىتىدىن 30 پىرسەنت ئاز بولىدىكەن. ھالبوكى خاراكتېرى ئىنتايىن شاللاق بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىنكى مەغلۇبىيەت نىسبىتى، ئىنتايىن ئېھتىياتچان بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىنكى مەغلۇبىيەت نىسبىتىدىن 6 پىرسەنت كۆپ بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە ئېھتىياتچان، ئەستايىدىل ئادەملەر بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ئويلاپ ئىش قىلىدىكەن، تەۋەككۈلچىلىك قىلىدىغان، ئىشەنچلىك بولمىغان، تەييارلىقى يوق ئىشلارنى قىلمايدىكەن؛ ئىناۋەتكە ئېتىبار بېرىدىكەن، لەۋزىدە تۇرىدىكەن، ئەخلاقىي قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىدىكەن، كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتىدىكەن، ئالدامچىلىق قىلىدىغان، ۋىجدانسىزلىق قىلىدىغان  ئىشلارنى قىلمايدىكەن؛ تەرتىپكە بويسۇنىدىكەن، تازىلىققا رىئايە قىلىدىكەن، نۇقتىلىق ھالدا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن، كېسەلنى داۋالىتىدىكەن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئادىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن.  ھالبوكى قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولىدىغانلار كۆپىنچە ھاللاردا سالامەتلىك ۋە ھاياتلىق بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان خەتەرلىك ئامىللارغا سەل قاراپ، قاراملىق قىلىدىكەن. زېھنىي كۈچىنى بىھۇدە زايە قىلىپ،«ھاياتلىق سۈيى»نى توختىماي چاچىدىكەن. ھەتتا بالدۇرلا قۇرۇپ قاخشال بولۇپ قېلىپ ئۈمرىنى قىسقارتىدىكەن. ئادەم ياشاۋاتقاندا«ھاياتلىق سۈيى»نى تېخىمۇ قەدىرلىشى كېرەك. ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان كۈتۈنۈش ئۇسۇلىنى تاللىغاندىن كېيىن، يەنە كۈتۈنۈشكە پايدىسىز ئادەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. كۈتۈنۈشكە پايدىسىز ئىشلارنى قىلماسلىق«ھاياتلىق سۈيى»نى بىھۇدە تۆكۈۋەتمەسلىك كېرەك.

بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى