سىز كۆزەينىكىڭىزنى قانداق ئاسراشنى بىلەمسىز؟
-
سىز كۆزەينىكىڭىزنى قانداق ئاسراشنى بىلەمسىز؟
ۋاقتى: 2015-11-16 ئاۋاتلىقى: 1555 قېتىميانفوندا كۆرۈش
سىز كۆزەينىكىڭىزنى قانداق ئاسراشنى بىلەمسىز؟
كۆپ ساندىكى كۆزەينەك رامكىلىرى ئالدى سول پۇتى قاتلىندىغان قىلىپ لاھىيلەنگەن. شۇڭلاشقا كۆزەينەك رامكىسىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن سول پۇتنى، ئاندىن ئوڭ پۇتىنى قاتلاش كېرەك.
كۆزەينەكنى قويغاندا، يۈزىنى يۇقىرىغا قارىتىپ قويۇش لازىم.
كۆزەينەكنىڭ ئەينىكىنى مەخسۇس كۆزەينەك سۈرتۈش لاتىسى بىلەن سۈرتۈش لازىم.
كۆزەينەكنىڭ ئەينىكىگە چاڭ-توزاڭ قونۇپ قالسا، ئەينەك يۈزىنىڭ جىجىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، قۇرۇق سۈرتمەسلىك كېرەك. كۆزەينەك مەينەتلىشىپ كەتسە، قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقى بىلەن يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن پاكىز سۇ بىلەن چايقاپ سۈرتۈش لازىم.
كۆزەينەكنى تاقىمىغان ۋاقىتلاردا لاتىسىغا ئوراپ قېپىغا سېلىش لازىم. كۆزەينەكنىڭ رامكىسى، سۈپىتى ۋە رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گىرىم بۇيۇملىرى، دورا، چاچ قاتۇرۇش سۇيۇقلىقى قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن بىرگە قويماسلىق كېرەك.
كۆزەينەكنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتسە، ئادەمنىڭ بۇرنى بىلەن قۇلىقىغا بولغان بېسىمى ئېشىپ كېتىپ، ئەينەك ئاسان بوشاپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
سىز كۆزەينىكىڭىزنى قانداق ئاسراشنى بىلەمسىز؟
2015-11-16 22:41:281555قايتا ئۇچرىشىشنىڭ قىممىتى
2015-11-14 21:30:21858تەبەسسۇم ھەقىقەتەنمۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ توزۇماس گۈ
2015-10-17 15:41:13640تەشتەكتىكى گۈل
2015-10-26 13:17:20702مۇلازىمەت ۋە مۇۋەپپەقىيەت
2015-08-27 20:37:371041قەلبىمىزدە ئۈمىد چىرىقى
2015-09-01 15:45:58545بىر قىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەدىسى
2015-08-30 22:19:121010ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق
2015-08-30 21:42:28579
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-