تەبەسسۇم ھەقىقەتەنمۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ توزۇماس گۈلى
-
تەبەسسۇم ھەقىقەتەنمۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ توزۇماس گۈلى
ۋاقتى: 2015-10-17 ئاۋاتلىقى: 642 قېتىميانفوندا كۆرۈش
تەبەسسۇم ھەقىقەتەنمۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ توزۇماس گۈلى. بىر خىل لاتاپەت، گۈزەللىك ۋە بايلىقتۇر. سىز ئەمدىلا مەكتەپ پۈتكۈزۈپ، جەمئىيەتكە چىققىنىڭىزدا ياكى يېڭى خىزمەت ئورنىغا زور ئىشەنچ بىلەن قەدەم باسقىنىڭىزدا، ناتونۇش مۇھىت ۋە ناتونۇش ئادەملەر ئالدىدا بەلكىم قورۇنۇش ھېس قىلىپ، گاڭگىراپ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا مەلۇم بىر كىشى سىزگە قاراپ تەبەسسۇم قىلسا، گويا خۇش پۇراق بىر دەستە گۈل يېنىڭىزغا قويۇپ قويۇلغاندەك ياكى ئاشۇ يەردە يېقىن بىر تۇغقىنىڭىز ئۇچراپ قالغاندەك ئىنتايىن يېقىملىق تۇيغۇغا چۆمىسىز. ھەتتا شۇ دەقىقىلەردە خۇددى بىر بىر قەدەھ شېرىن شەربەت ئىچكەندەك بولۇپ، ۋۇجۇدىڭىزنى شادلىق تۇيغۇسى قاپلايدۇ-دە، ئۆزىڭىزنى يەڭگىل، بەختىيار سېزىسىز، مانا بۇ ئىللىق تەبەسسۇمنىڭ كۈچى. تەبەسسۇم ئادەمگە ھەقىقەتەنمۇ بىر خىل گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىدۇ ۋە ئالاھىدە كەيپىيات بەخش ئېتىدۇ. مۇبادا سىز كوچىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن بىراۋغا سوقۇلۇپ كەتسىڭىز ياكى چىشىغا تېگىپ قويسىڭىز، قارشى تەرەپ بەلكىم سىزگە ئالىيىشى، نەپرەت بىلەن قارىشى مۇمكىن. مۇبادا سىز ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن كەچۈرۈم سورىسىڭىز، بىر مەيدان تالاش-تارتىش، ئۇرۇش-جېدەلدىن ياكى زىددىيەتلەردىن تامامەن ساقلىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ نۇقتىدا تەبەسسۇم خۇددى تىنچلىق ئەلچىسىگە ئوخشايدۇ. ئۇ، ئارىدىكى قارا بۇلۇتلارنى تارقىتىپ، كۆڭۈلسىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. تەبەسسۇم يەنە ئىللىق قۇياش نۇرىغا ئوخشايدۇ. كىشىلىك دۇنيانى، تۇرمۇشنى گۈزەللىك، يورۇقلۇق ۋە ئىللىقلىققا چۆمدۈرىدۇ. تەبەسسۇم بىر جەھەتتىن مەيىن شامالغا ئوخشاىدۇ. ئۇ كىشىلەر قەلبىدىكى قايغۇ-ھەسرەت، ئۆچ-ئاداۋەتلەرنى ئۇچۇرۇپ كېتەلەيدۇ. تەبەسسۇم يەنە كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، پورەكلەپ ئېچىلغان سۇلماس گۈلگە ئوخشايدۇ. دوستۇم، ھەرگىزمۇ تەبەسسۇمىڭىزنى باشقىلاردىن ئايىماڭ. چۈنكى، چېھرىڭىزدە تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەندە، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز، رۇخسارىڭىز، ھەتتا پۈتكۈل كائىنات گۈزەللىككە، شاد-خۇراملىققا، يورۇقلۇققا پۈركۈنىدۇ. تۇرمۇشىمىز ئىناقلىققا، بەختىيارلىققا تويۇنىدۇ.
بىلىشىڭىز كېرەككى، تەبەسسۇم ۋە ئىناقلىق نۆۋەتتە جەمئىيەت، نىكاھ- ئائىلە، خىزمەت ۋە تۇرمۇشنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا كەيپىياتىڭىز، ساغلاملىقىڭىز، خىزمەت ئۈنۈمىڭىزنىڭمۇ ئېھتىاجى. قىسقىسى، تەبىئىي، يېقىملىق تەبەسسۇم ئادىمىيلىكىمىزنى ۋە گۈزەل ئەخلاق-پەزىلىتىمىزنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇپ، تۇرمۇشىمىزنى يەنىمۇ بەختىيارلىققا چۆمدۈرۈپ، يېڭى پەللىلەرگە دادىل قەدەم تاشلاتقۇسى.
Tags: تبەسسۇمتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ھاياتلىق ھارغىنلىق ئەمەس
2015-11-16 15:04:29864ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق
2015-08-30 21:42:28581قەلبىمىزدە ئۈمىد چىرىقى
2015-09-01 15:45:58546بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېل
2015-09-03 15:57:03455ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭلەردە ئەكىس ئەتكەن خاس ئەنئەنىۋى
2015-08-31 15:57:53750دوستى بولۇش
2015-09-07 15:16:00532ئېرىشىش ۋە يوقىتىش
2015-12-22 14:37:38778«كەلگۈسىدە پۇل تاپقىلى بولىدىغان يەتتە خىل سودا
2015-08-27 19:47:21854
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-