ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق
-
ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق
ۋاقتى: 2015-08-30 ئاۋاتلىقى: 592 قېتىميانفوندا كۆرۈش
قەدىرلىك دوستلار، بەزى كىشىلەرنىڭ ھەمىشە باشقىلارنىڭ خۇشال ياشاۋاتقانلىقىغا ھەۋەس قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ زېرىكىشلىك، مەنىسىز ئۆتۈۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالىمىز. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق كىشىلەر كىشىلىك ھاياتتىكى چۆرۈپ تاشلاشقا تېگىشلىك كۆڭۈلسىزلىك، ئازابلىق ئەسلىمىلەر ئىچىگە پېتىپ قالغانلاردۇر. تۇرمۇش ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدۇ. شۇنداق بولغانىكەن رېئاللىقنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. ھاياتلىقتا بىز بەھىرلىنىشكە، خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەر ئىنتايىن كۆپ. ئۇلارغا قانداق ئېرىشىش ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. كىشىلەر ھەر خىل مۇھىتتا ياشايدۇ. پەقەت ئادەمدە قانائەتچان، چىدامچان، ماسلىشىشچان روھ بولغاندىلا، ھاياتتىن لەززەت ئالالايدۇ. ئەسلىدىنلا ئۇنتۇپ كېتىشكە تېگىشلىك، تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق كىچىك ئىشلار ئۈستىدە ھەمىشە باشقىلار بىلەن جېدەللەشسەك، ئىچمىزدە غۇم ساقلىساق، ئۆزىمىزنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋالىمىز، خالاس.
ئەتىگەنكى ساپ ھاۋا، سۈتتەك ئايدىڭ كېچىدىكى جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار، مەيىن شامالدا يەلپۇنۇپ تۇرغان ئوت-چۆپلەر، سەبىي بالىلىرىمىزنىڭ خۇشال كۈلكىسى ۋە ئوماق قىلىقلىرى، گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسى، ئاممىۋى ئاپتوبوستا ياشانغانلارغا، ئاجىزلارغا ئورۇن بوشىتىپ بەرگەندىكى ئۇلارنىڭ چىرايىدا ئىپادىلەنگەن خۇشاللىق ھەم تەشەككۈر جىلۋىسى، مۇھتاج قەلبلەرگە ياردەم قولىنى سۇنغان، دىلى سۇنۇقلارغا تەسەللىي بەرگەندە ئۇلارنىڭ چىن دىلىدىن ئېيتقان رەھمەت سۆزى، ئىللىق ئائىلە، خىزمەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىگە يارىشا خۇشاللىق تەپچىپ تۇرىدۇ. شۇڭا«خۇشاللىق مەندىن يىراقتا»دەپ ئۇنى باشقا تەرەپلەردىن ئىزدەپ ئاۋارە بولۇشىمىزنىڭ ئورنى يوق. ئۇنى يارىتىش-يارىتالماسلىق ئۆزىمىزگە باغلىق. خۇشاللىق بىرخىل پوزىتسىيە. خۇشال يۈرۈشنى چىن دىلىڭىزدىن نىيەت قىلسىڭىزلا خۇشال يۈرەلەيسىز. شۇنداقلا ياراتقان خۇشاللىقىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنى شادلاندۇرالايسىز.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
مۇلازىمەت ۋە مۇۋەپپەقىيەت
2015-08-27 20:37:371062ئىككى چىلەك
2015-09-16 14:57:52731دوستى بولۇش
2015-09-07 15:16:00545ۋەتەن------شېئىر
2015-09-03 20:54:32614بەخت كېلىدۇ -مۆمىنجان ئابلىكىم
2015-12-08 15:31:311366تەشتەكتىكى گۈل
2015-10-26 13:17:20708ئېرىشىش ۋە يوقىتىش
2015-12-22 14:37:38793ھاياتلىق سۈيىنى قەدىرلەڭ
2015-08-27 19:31:09483
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-