شۇنداق بىر ھېكايە
-
شۇنداق بىر ھېكايە
ۋاقتى: 2015-08-30 ئاۋاتلىقى: 712 قېتىميانفوندا كۆرۈش
كىشلەرنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان مۇئامىلىسى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا تۇرمۇشتىن ئالغان لەززەت ۋە ئازاپمۇ ئوخىشمايدۇ. بۇرۇن مۇنداق بىر ھىكاينى ئوقۇغىنىم ئسىمدە،
بىر باي بولۇپ، كىچىك ۋاختىدا ئائىلىسى بەكمۇ نامرات ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ يول ئۈستىدە تۇرسا، بىر ئاقكۆڭۈل كىشى ئۇنىڭغا بىر تال كەمپۈت بىرىپتۇ. كېيىن ئۇ شۇ چاغىدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ، ئۆزنىڭ ئۆمرىدە كۆرلۈپ باقمىغان خۇشاللىقا ئىرشكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. كېيىن ئۇ نامرات بالا ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن كاتتا بىر باي، شۇنداقلا نامراتلارغا يار _ يۆلەك بولدىغان ساخاۋەتچىگە ئايلىنىپتۇ. ئۇ"مەن ھەر قېتىم بىرسىگە ياردەم قىلسام، ئەينى چاغىدىكى ئەشۇ بىر تال كەمپۇت ئىسىمگە كىلىدۇ _ دە، شۇ چاغىدىكى لەززەتنى سىزىمەن "دەيدۇ. دىمەك بۇ بايغا نىسپەتەن، بەختىنىڭ شەكلى قەلبىنى لەززەتكە چۈمدۈرگەن ھىس _ تۇيغۇنى ئىزدەپ تېپىش _ بالىلىق چېغىدا يېگەن ئەشۇ بىر تال كەمپۈت ئېرىشتۈرگەن بەختكە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن ساخاۋەت قىلىشتىن ئىبارەت.
مانا بۇ تۇرمۇشتىكى ئاددىي بىر ھېكايە، لىكىن شۇ ئاددىيلىق ئېچىگە ناھايىتى چۇڭقۇر مەنا يۇشۇرۇنغان. ئىش ئورنىدىن قالغان، تىجارەتتە ۋەيران بولغان، چىقىش يولى تاپالماي، تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولغان ، ئاتا _ ئانا، يېقىن قىرىنداشلاردىن ئايرىلغان چاغلاردا ئۈمۈتسىزلىنىپ بۇ دۇنيادا ھىچ نەرسىمىز قالمىغاندەك ، ھەممە نەرسىدىن رايىمىز قايتىپ كېتىشى مومكىن. لىكىن ئۈمۈتسىزلىك بىزگە ھىچ قانداق مەسلىنى ھەل قىلىپ بىرەلمەيدۇ. ئەكىسچە تۇيغۇمىزنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، يەنە بىر مۇنچە زىدىيەتلىك مەسىللەرنى تاشلاپ بىرىدۇ. مۇشۇنداق ۋاختىمزدا بايىقى ھېكايدىكى باينى ئويلايلى . روھىمىزدىكى پاسىپ ئامىللارنى چۈرۈپ تاشلاپ، ھاياتقا كۈلۈپ مۇئامىلە قىلايلى. شۇنداق قىلغاندىلا، بارلىق قېيىنچىلىق، ئۈمۈدسىىزلىكلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ تۇرمۇشىمىزنى لەززەت بۆشىكىگە بۆلىيەلەيمىز.
تۇرمۇشتىن لەززەت ئىلىشىنىڭ ئۆلچىمى بولغان ئەمەس ۋە بولمايدۇ. لېكىن بىر ئادەم قەلبىگە چىن ئادىمىيلىك تۇيغۇسىنى سىغدۇرالايدىغانلا بولسا، چوقۇمكى ئۇ ئادەم ئۆزگىچە لەززەتتىن بەھىرىمەن بولالايدۇ.
دىمەك، تۇرمۇشتىن لەززەت ئېلىشىنىڭ ئۇسۇلى ھەر ئادەمنىڭ ئېڭىدا ئۆزگىچە بولىدۇ.قىنى سىزمۇ ئۆزىڭزىنىڭ تۇرمۇش، ھايات، قىممەت قارشىڭىز بىلەن بەخىت ئىزدەڭ. ھاياتىڭىزدىكى ئەھمىيەتلىك ئىشىلىرىڭىزدىن لەززەت ئىلىپ ياشاڭ.
Tags: تۇرمۇشتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئۈرۈمچى ----خەلقئارا چوڭ بازىر
2015-09-02 10:28:43831ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرغاننىڭ زىيىنى يوق
2015-12-30 15:49:32776ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪڭ زور ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ زادى ﻧﯧﻤﻪ؟
2015-12-08 15:29:15702ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭلەردە ئەكىس ئەتكەن خاس ئەنئەنىۋى
2015-08-31 15:57:53766پەقەت بىرقېتىم ئۇتۇق قازانسىڭىزمۇ، شۇ كۇپايە
2015-10-20 15:32:041160سالماقلىق ئالىي پەزىلەتتۇر
2015-09-02 21:48:15587كىتاب مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە ئويلار
2015-08-27 20:13:20697يان تېلېفوننى كېچىچە زەرەتلەشكە بولامدۇ؟
2015-09-10 14:53:31587
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-