بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېل
-
بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېل
ۋاقتى: 2015-09-03 ئاۋاتلىقى: 471 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېل
▲ بۇ چوڭ مەيدان مەشھۇر تارىخىي شەھەر بريۇسسېلنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئىلگىرى بۇ مەيدان بىر بازار ئىدى، لۇئى 14 ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە فرانسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن پارتلىتىلىپ ۋەيران قىلىنغان. ئەمما ھازىر شۇ چاغدىكى ئۇرۇش خارابىلىرىنىڭ ئىزناسىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. چوڭ مەيدان 1697 - يىلىدىن 1700 - يىلىغىچە قايتا ياسالغان. مەيداننى باروك ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەر ئوراپ تۇرىدۇ. مەشھۇر يازغۇچى گيۇگو 1852 - يىلى بۇ يەردە تۇرغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بريۇسسېل خەلقى بۇ ئەدەبىيات پېشىۋاسىنىڭ ئۆز شەھىرىگە كەلتۈرگەن شان - شەرەپلىرىدىن پەخىرلىندۇ. ھازىر شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە خان ئوردىسى چوڭ مەيدانغا جايلاشقان بولۇپ، كېنەز برابانت جەمەتىنىڭ نەپس ھەيكەللەر بىلەن تولغان تۇرالغۇسىمۇ مۇشۇ يەردە. دۇنياغا مەشھۇر بريۇسسېل چوڭ مەيدانى 12 - ئەسىردە ياسالغان بولۇپ، ئۇ بريوسسېل شەھىرىنىڭ مەركىزى مەيدانى، شۇنداقلا ياۋرۇپا بويىچە ئەڭ گۈزەل مەيدانلارنىڭ بىرى ھېسابلىندۇ.
▲ 1998 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى بريۇسسېل چوڭ مەيدانىنى مەدەنىيەت يادىكارلىقى سۈپىتىدە " دۇنيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىكى" گە كىرگۈزدى. مەيداننىڭ ئۇزۇنلىقى 110 مېتىر، كەڭلىكى 68 مېتىر كېلىدۇ. مەيداننى چۆرىدەپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئىمارەتلەرنىڭ كۆپى گوت ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بولۇپ، كىشىنى ئوتتۇرا ئەسىرگە بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ. مەيدانغا گرانت تاش ياتقۇزۇلغان بولۇپ، ئەتراپتىكى قەدىمىي ئىمارەتلەر بىلەن بەكمۇ ماسلاشقان. مەيدانغا ئاپتوموبىللار كىرگۈزۈلمەيدۇ، ئەمما ئەتراپتا ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى پەيتۇنلار تۇختۇتۇلغان. پەيتۇنغا قوشۇلغان ئاتلارنىڭ جابدۇقلىرى نەپىس توقۇلغان، ئۇچىسىغا قارا فراك، بېشىغا ئېگىز شىلەپە كىيگەن ھارۋىكەشلار خېرىدارلارنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. بەزىلەر مەيداننىڭ تۆت ئەتراپىنى ھەيۋەتلىك " ئورمان" غا ئوخشىتىدۇ.
▲ بۇ يەردىكى ئىمارەتلەرنىڭ تار، ئېگىز دېرىزىلىرى بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئەگمە ئىشىك، ئەگمە لىم، ئەگمە تورۇسلۇق كارىدورلار ھەر خىل قىياپەتتىكى ھەيكەللەر بىلەن بېزەلگەن.
مەيداننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا جۇنۇپقا قارىتىپ سېلىنغان ھەيۋەتلىك بريۇسسېل شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى بار بولۇپ، تىپىك گۇت ئۇسلۇبىدىكى ھەيۋەتلىك بۇ چوڭ ئىمارەت كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى 15 - ئەسىردە سېلىنغان. ئىمارەت ئۈستىدىكى مۇنارغا ئېگىزلىكى بەش مېتىر كېلىدىغان بريۇسسېلنىڭ ھامىي ئىلاھى سانت مېچىلنىڭ ھەيكىلى تۇرغۇزۇلغان.
▲ شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە قوشنا بەش قەۋەتلىك بىر ئىمارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشىكى پەرۋاز قىلىۋاتقان ئاققۇ ھەيكىلى بىلەن بېزەلگەن، بۇ مەشھۇر " ئاققۇ" ئاشپۇزۇلىدۇر. بۇ، ئىلگىرى ماركس، ئېنگلىسلار ئولتۇرغان ۋە خىزمەت قىلغان جاي. 1845 - يىلى 2 - ئايدا ماركىس پارىژدىن بريۇسسېلغا كۈچۈپ كەلگەندە مۇشۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان. شۇ يىلى 4 - ئايدا ئېنگلىسمۇ پارىژدىن بۇ يەرگە كۈچۈپ كەلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ " ئاققۇ" قەھۋەخانىسى ئۇلار ئورتاق قۇرغان كوممۇنىستىك ئالاقە كومىتېتى ۋە گېرمانىيە دېموكراتىك ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ مۇھىم جايىغا ئايلانغان.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
سىز كۆزەينىكىڭىزنى قانداق ئاسراشنى بىلەمسىز؟
2015-11-16 22:41:281605سەپتىن چۈشۈپ قالماي دېسىڭىز، ئۆگىنىڭ
2015-11-12 21:33:14817پروفىسسور ھوشۇر ئىسلام
2015-09-07 14:03:00613قاشقا سانىساڭ كۆزگە، كىشىگە سانىساڭ ئۆزىگە
2015-11-03 15:18:081078ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى باراك ئوباما
2015-09-12 15:25:43633ئۇيغۇرلاردا ئەخلاق تەربىيەسى
2015-11-02 21:52:211465بەخت ھەققىدە
2015-11-12 22:23:061003ئورنىنى باسالمايدىغان بىر نەرسە بار
2015-10-19 15:38:28750
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-