دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

قاشقا سانىساڭ كۆزگە، كىشىگە سانىساڭ ئۆزىگە

قاشقا سانىساڭ كۆزگە، كىشىگە سانىساڭ ئۆزىگە

ۋاقتى: 2015-11-03 ئاۋاتلىقى: 1036 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئابدۇقەييۇم ئېلىنىڭ «قاشقا سانىساڭ كۆزگە، كىشىگە سانىساڭ ئۆزىگە» ماۋزۇلۇق ماقالىسى دىققىتىڭلاردا 

  

پەن-تېخنىكا قانچە تەرەققىي قىلىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى شۇنچە ئۆسۈپ كەتسۇن، كىشى ھەر ۋاقىت ئادىمىيلىك پەزىلىتى بىلەن ياشىشى كېرەك. ئۆزگىلەرگە سادىق بولۇش ئادىمىيلىك سۈپەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپىدۇر.

ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسىدا بېلەت تەكشۈرىدىغان ئىش بولمايدىكەن، ئاندا-ساندا ئارىلاپ تەكشۈرۈلىدىكەن، بېلەت ئالمىغانلارنىڭ تۇتۇلۇپ قېلىش نىسبىتىمۇ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەن. بىر چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى بۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، بېلەت سېتىۋالماي نۇرغۇن جايلارغا بېرىپتۇ. بۇ جەريانىدا ئىككى قېتىم تۇتۇلۇپ قاپتۇ. تۆت يىلدىن كېيىن، ئۇ ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، شۇ يەردە خىزمەت قىلىش ئويىدا بولۇپتۇ. ئۇ نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ ئاسىيا بازىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئۇ شىركەتلەرگە خىزمەت ئىزدەش ماتېرىيالىنى سۇنۇپتۇ. بىراق، ھەممىسى ئۇنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپتۇ. ئۇ بىر كۈنى مەلۇم شىركەتنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ:
ـ ئەپەندىم، مېنى نېمىشقا خىزمەتكە قوبۇل قىلمايسىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ.
ـ بىز سىزدەك مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىلىرىگە موھتاج. شۇڭا، دەسلەپتە كەلگەن ۋاقتىڭىزدا تەربىيەلىنىشىڭىز ۋە ئىقتىدارىڭىزغا ناھايىتى قىزىققان. راستىنى ئېيتقاندا، سىز دەل بىز ئىزدەۋاتقان ئادەم ئىدىڭىز، - دەپتۇ دىرېكتور جاۋابەن.
ـ ئۇنداقتا نېمىشقا قوبۇل قىلمايسىلەر؟
ـ سىزنىڭ ئىناۋەت خاتىرىڭىزنى تەكشۈرۈپ، ئىككى قېتىم ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا بېلەت ئالماي چىققانلىقىڭىزنى بايقىدۇق.
ـ ئۇنى ئېتىراپ قىلىمەن، ئاشۇ كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن شىركىتىڭلارغا پايدا ئېلىپ كېلىدىغان بىر ئىقتىدارلىق ئادەمدىن ۋاز كەچتىڭلارمۇ؟
ـ ئەپەندىم، بۇنى كىچىك ئىش دەپ قارىمايمەن. 
ـ تۇنجى قېتىملىقنى ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش سىستېمىسىنى بىلمىگەنلىكتىن بولدى دەپ چۈشەندۈرۈپسىز، ئۇنداقتا ئىككىنچى قېتىملىقنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟
ـ ئۇ ۋاقىتتا يېنىمدا پارچە پۇل قالماپتىكەن.
 ـ ئەپەندىم، بۇ چۈشەندۈرۈشىڭىزگە قوشۇلمايمەن. سىز چوقۇم نۇرغۇن قېتىم شۇنداق قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇ ئىش بىر قانچە نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ: بىرىنچى، سىز قائىدىگە رىئايە قىلمايلا قالماي، يەنە قائىدىدىكى يوچۇقتىن پايدىلاندىڭىز. ئىككىنچى، ئىشىنىشكە ئەرزىمەيسىز. شىركىتىمىزدىكى نۇرغۇن خىزمەتنى ئىشەنچكە تايىنىپ تاماملايمىز. ئەگەر سىز مەلۇم رايوندىكى بازارنى ئېچىشقا مەسئۇل بولسىڭىز، شىركەت سىزگە نۇرغۇن ھوقۇقنى بېرىدۇ. ئەمما تەننەرخنى تېجەش ئۈچۈن، شىركىتىمىز نازارەت قىلىش ئورگانلىرىنى قۇرمايدۇ. دەل ئاپتوبۇس بېلەت سېتىش سىستېمىسىغا ئوخشاش. شۇڭا سىزنى ئىشلىتىشكە ئامالسىزمەن.
ئارىمىزدا مەيلى تۇرمۇشتىكى ئېلىم-بېرىم ئىشلىرىدا بولسۇن، سودا-تىجارەت ئىشلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى باشقا ئىشلاردا بولسۇن، بەزىلەرنىڭ بىلىپ-بىلمەي سەمىمىيەتسىزلىك قىلىپ سالىدىغان ئىشلىرىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بىلمەي قىلىپ سالساققۇ سالاۋات. ئۇنى ۋاقتىدا تۈزەتسەك كۇپايە، ئەمما، تۇنجى قېتىم بايقالمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالغانلارنى نېمە دېيىش كېرەك؟
بىلىش كېرەككى، ئىشەنچ يوقىتىپ قويۇشقا زادى بولمايدىغان شەكىلسىز بايلىق. ئادەمدە جىق نەرسىلەر بولمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئىشەنچ بولمىسا بولمايدۇ. ئىشەنچسىز ئادەم ئوڭغۇل-دوڭغۇل يولدا ئېغىر يۈك بىلەن كېتىۋاتقان ماشىنىغا ئوخشاش، ھەر قاچان خەتەر ئىچىدە تۇرغان بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئۆزىنىلا چىقىش قىلغاچقا شەخسىيەتچىلەرنىڭ ئىدىيەسى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدۇ. توغرا ئىدىيە شۇكى بىز باشقىلارغا قانچىلىك يورۇقلۇق بېرەلىسەك، ئۆزىمىزنىمۇ شۇنچىلىك نۇر بىلەن يورۇتالايمىز. چۈنكى، بىزدە «قاشقا سانىساڭ كۆزگە، كىشىگە سانىساڭ ئۆزىگە» دېگەن تەمسىل بىكار ئېيتىلمىغان.


بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى