پروفىسسور ھوشۇر ئىسلام
-
پروفىسسور ھوشۇر ئىسلام
ۋاقتى: 2015-09-07 ئاۋاتلىقى: 601 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كومپيوتېردا ئۇيغۇرچە، قىرغىزچە، قازاقچە سىستېما ئىشلەتكەنلەر ئىچىدە، پروفىسسور ھوشۇر ئىسلامنى بىلمەيدىغانلار يوق بولسا كېرەك. پروفىسسور ھوشۇر ئىسلام تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يېشى 70تىن ئاشقان بۇ كىشىگە ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايدۇ.
ھوشۇر ئىسلام-- ئىلى ۋىلايىتىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 60- يىللارنىڭ باشلىرىدا ئالىي مەكتەپتە فىزىكا ئۆگەنگەنىدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قەشقەر پىداگوگىكا ئېنىستىتوتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىندى. 1981- يىلى، ھوشۇر ئىسلام شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ كەلدى. شۇ يىلى ئۇ 40 ياشلارغا كىرىپ قالغانىدى. 1982- يىلى ۋە 1984- يىلى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ھوشۇر ئىسلامنى بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ، كومپيوتېر كەسپىي بويىچە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتتى. مانا مۇشۇ ئىككى قېتىملىق بىلىم ئاشۇرۇش-- ھوشۇر ئىسلامنىڭ ھاياتىدا يېڭى بەت ئېچىپ، ھوشۇر ئىسلامنى كومپيوتېر كەسپىگە قەدەم باسقۇزدى. يەنە مۇشۇ بىلىم ئاشۇرۇش جەريانىدا، ئۇنىڭ قەلبىدە يېڭى ئارزۇ بىخ تارتتى.
ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل- يېزىقىنى ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم باسقۇزۇشتا، ئۆرنەك ئالغۇدەك تەجرىبە يوق بولغاننىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن رىقابەتلەر بار ئىدى. ھوشۇر ئىسلامنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى خىزمىتىنى «بوز يەر ئېچىش» بىلەن تەسۋىرلەشكە بولاتتى. ھوشۇر ئىسلام ئۈچۈن ئېيتقاندا، رىقابەت ۋە قىيىنچىلىق تېخنىكا جەھەتتىلا ئەمەس بەلكى تېخىمۇ مۇھىم بولغان تىل- يېزىق ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش كېرەك ئىدى. ھوشۇر ئىسلام كىچىكىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغان بولۇپ، خەنزۇ تىلىنى ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدا پەقەت بىر يىللار ئۆگەنگەنىدى. 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا، كومپيوتېرغا ئائىت ماتىرىياللارنىڭ كۆپىنچىسى ئېنگىلىز تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدا بولۇپ، بىر تەرەپتىن مۇھاكىمە قىلىش، بىر تەرەپتىن ئېنگىلىز تىلى ۋە خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشكە توغرا كەلدى.
ھوشۇر ئىسلامنىڭ تەتقىقاتىنى قوللاش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 30 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك خىراجەت ئاجراتتى. ئەينى ۋاقىتتا خېلى كۆپ پۇل ھىساپلىنىدىغان بۇ خىراجەتتىن پايدىلىنىپ، ھوشۇر ئىسلام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى مەكتەپ بويىچە تۇنجى كومپيوتېرنى سېتىۋالدى. 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا، كومپيوتېر مەشغۇلاتىدا DOS سىستېمىسى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ھوشۇر ئىسلام خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئۆتكەلگە ھوجۇم قىلىشنى باشلىۋەتتى.
20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ھوشۇر ئىسلامنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا، ئېلىمىزنىڭ كومپيوتېردا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل يېزىق بىر تەرەپ قىلىش ئىشىدا يېڭى ساھە يارىتىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل- يېزىقىدا ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ۋە بايلىق مەنبەسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش؛ ئىشخانا ئىشلىرىنى ئېلىكتىرونلاشتۇرۇش؛ ئېلىكتىرونلۇق ئىش بېجىرىش ئىسلاھاتى ئەمەلگە ئاشتى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل- يېزىقىدا ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە خەلقئارالاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۇختا ئاساسقا ئىگە بولدى.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرغاننىڭ زىيىنى يوق
2015-12-30 15:49:32769ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن
2015-10-28 15:58:54672مەن نەگە بارماقچى؟ نېمە قىلماقچى؟
2015-09-02 10:02:26755دوستى بولۇش
2015-09-07 15:16:00533تەشتەكتىكى گۈل
2015-10-26 13:17:20705قېينانا ۋە كېلىن
2015-09-04 21:36:52512دەرتلىرىڭىزنى كەينىڭىزگە تاشلاپ، ئالدىڭىزغا بېقى
2015-09-19 15:18:591043ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرەيلى
2015-09-02 14:37:40558
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-