دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

مەن نەگە بارماقچى؟ نېمە قىلماقچى؟

مەن نەگە بارماقچى؟ نېمە قىلماقچى؟

ۋاقتى: 2015-09-02 ئاۋاتلىقى: 778 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 

 

ھاياتلىق سەپىرىڭىزدە ھەربىر دەۋرنى باشتىن ئۆتكۈزگىنىڭىزدە، ھەربىر بۆلەك يولنى مېڭىپ بولغىنىڭىزدا كەينىڭىزگە بۇرۇلۇپ قاراپ بېقىڭ. كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى قايتىپ كېلەلەمسىز يوق؟ يا بولمىسا توختاپ تۇرۇپ چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن؛«مەن نەگە بارماقچى؟ نىمە قىلماقچى؟» دەپ ئۆزىڭىزگە سۇئال قويۇڭ. بۇنىڭدا ئېھتىمال ئىشلىرىڭىز ئاددىيلىشىپ، نىشانىڭىزدىن يىراقلاپ كەتمەسلىكىڭىز مۇمكىن، شۇنداق قىلالىسىڭىز ھازىرنى قولدىن بېرىپ قويمايسىز، ئۆزىڭىزنىمۇ يۇقىتىپ قويمايسىز.
ئوخشاش بىر دۇنيادا ئوخشىمىغان ئادەملەرنىڭ ئوخشىمىغان ياشاش ئۇسۇلى بولىدۇ. ھەربىرىمىزنىڭ ئېرىشكەن نەرسىمىز ئوخشاش بولمىغىنىدەك يوقاتقان نەرسىلىرىمىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ،  قۇياشتىن ئايرىلىپ قالغىنىمىزدا، كېچە ئاسمىنىدىكى  سان - ساناقسز يۇلتۇرلارغا ئېرىشىمىز؛ غەمسىز بالىلىق چاغلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالغاندا، رەڭدار ياشلىق باھار دەۋرىگە قەدەم قويىمىز. تۇرمۇشتىكى خۇشاللىق ۋە ئازابلار ھەمىشە بىر- بىرىنى تولۇقلاپ تۇرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بەخت تولىمۇ ئاددىي بولىدۇ. بەخت كۆپ ھاللاردا مەنىۋى قاتلامغا مەنسۈپ بولۇپ، ئۇنى كىشىلەر ئۆزىگە تايىنىپ ھېس قىلىدۇ. تۇرمۇش ئادىل بولىدۇ، مەيلى سىز جەمئىيەتنىڭ قايسى قاتلىمىدا ياشاڭ، مەيلى سىز باي ياكى كەمبىغەل بولۇڭ، سىز تۇرمۇشقا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلسىڭىز، سىزگە ياشاش ھوقۇقى بەرگەن بۇ دۇنيادىن شۇنداقلا ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەردىن چىن كۈڭلىڭىزدىن مىننەتدار بولسىڭىز قەلبىڭىزدە ئۈمىد نۇرى بولىدىكەن، ئۇنداقتا، سىز بەخىتلىك ھېسابلىنىسىز.
مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەنبەسى قىلچە بوشاشماي قىلىنغان جاپالىق ئەمگەك، مۇۋەپپەقىيەت خىيالپەرەسلەرگە، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى خالىمايدىغان كىشىلەرگە مەڭگۈ مەنسۈپ بولمايدۇ. مۇۋەپپەقىيەت گۈلىنى تىرىشچانلىق سۈيى بىلەن سۇغىرىش كېرەك. شان- شەرەپ، بايلىق مۇۋەپپەقىيەتكە تەڭداش ئەمەس، مۇۋەپپەقىيەت ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە نىسبەتەن زور تۆھپە كۆرسىتىشتىن دېرەك بېرىدۇ.

Tags:
بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى