دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

«ئۆمەر ھەييام ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى ھەققىدە»

«ئۆمەر ھەييام ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى ھەققىدە»

ۋاقتى: 2015-08-29 ئاۋاتلىقى: 742 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«ئۆمەر ھەييام ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى ھەققىدە»



 

 ئۇلۇغ ئالىم، پەيلاسۇپ، شائىر، ماتېماتىك ۋە تېۋىپ غىياسىددىن ئەبۇلفاتىھ ئۇمەر ئىبنى ئىبراھىم ھەييام نىشاپۇرىي ئىراننىڭ نىشاپۇر شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ رىيازىيات، ئىلمى نۇجۇم ۋە پەلسەپىگە ئائىت بىر قانچە ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئۇمەر ھەييام نىشاپۇر، بەلخ، مەرۋ، ئىسپاھان، بۇخارا، باغداد قاتارلىق شەھەرلەرگە بارغان ۋە ئۇ يەرلەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان.

   

 خاتىرىلەرگە قارىغاندا ئۆز زامانىسىدا ۋەزىر نىزامۇلمۈلك ئۇنى نىشاپۇر ھاكىملىقىغا تەكلىپ قىلغان. لېكىن ئۇمەر ھەييام بۇ ئەمەلنى قۇبۇل قىلمىغان. ئۇ سۇلتان مەلىكشاھنىڭ ئەمرى بىلەن 1074- يىلىدىن باشلاپ ئىسپاھان رەسەتخانىسىنىڭ ئىشلىرىغا يىتەكچلىك قىلىپ، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە ساھەسىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ ماتېماتىكا، فەلەكيات، پەلسەپەگە ئائىت بىر قانچە ئەسەرلىرى ۋە كەشپىياتلىرىنىڭ بولغانلىقى مەلۇم. مەسىلەن، 1077- يىلى ئۇ يۇنان ئالىمى ئېۋىكلىدنىڭ كىتابىغا شەرھ يېزىپ، پۈتۈن سانلارنىڭ يىلتىزىنى تېپىش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. 1079- يىلى يېڭى ئىسلاھ قىلىنغان كالېندار ئىشلەپ چىققان. ئۇنىڭغا «جالالى كالىندارى» دەپ نام قويغان.

 

 ئۇنىڭ «ئالگېبرا» ناملىق ئەسىرى مەشھۇر. ئۇمەر ھەييام ئۆزىنى شائىر دەپ ئاتىمىغان، رۇبائىيلىرىنى ئىلمىي ئىزلىنىشلىرىدىن چارچىغان پەيتلىرىدە تۈرلۈك دەپتەرلەرنىڭ ھاشىيەسىگە پۈتكەن. سەلجۇق تۈركلىرى دەۋرىدە ياشىغان شائىر باھارىز تۈزگەن «دىلغا ھۇزۇر» توپلىمىغا ئۆمەر ھەييامنىڭ 559 رۇبائىيسى كىرگۈزۈلگەن. ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇبخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسىدىمۇ 258 پارچە رۇبائىيسى بار. 1460- يىلى ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدىن تېپىلغان بۇ نۇسخا ئەڭ مۇكەممەل ساقلىنىۋاتقان نۇسخا ھېسابلىنىدۇ.

 

 ئالىم ھەييامنىڭ ئۆز ئۆمرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى سەرپ ئەتكەن ئىلىم- پەننىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدىكى بۆيۈك كەشپىياتلىرى بىر چەتتە قېلىپ، ھاردۇق چىقىرىش ئورنىدا يازغان رۇبائىيلىرى ئۇنىڭ نامىنى دۇنياغا تاراتتى.

 ئۇنى «رۇبائىيات» تى بىلەن تۇنۇغان ۋە دۇنياغا تۇنۇتقان تۈنجى كىشى ئەنگلىيەلىك ئالىم، ئۆمەر ھەييام «رۇبائىيات» نىڭ تەرجىمانى ۋە تەتقىقاتچىسى ئىدۋارد فستجىرالد دۇر. ئۆمەر ھەييام ۋاپاتىدىن تەخمىنەن 700 يىل كېيىن، يەنى 1857- يىلى ئىدۋارد فستجىرالد ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنى تۇنجى قېتىم ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلغان. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 1860- يىلىدىن 1925- يىلىغىچە جەمئىي 65 يىل ئىچىدە ئىدۋارد فستجىرالد تەرجىمە قىلغان ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ ئىنىگلىزچە نۇسخىسىلا 139 قېتىم نەشر قىلىنغان. ئىنىگلىز تىلىدىن باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلىرى تېخىمۇ كۆپ. ئىراننىڭ ھازىرقى زامان يازغۇچىسى ۋە تەتقىقاتچىسى سەئىد نەفىسنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، ھازىرغا قەدەر نەشر قىلىنغان ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ ئىنىگلىزچە تەرجىمىسىدىن 32 خىل، فرانسۇزچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن 16 خىل، نىمىسچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن 12 خىل، ئوردۇچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن 11 خىل، ئەرەبچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن سەككىز خىل، ئىتالىيانچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن بەش خىل، رۇسچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن تۆت خىل، تۈرۈكچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن تۆت خىل، دانىيىچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن ئىككى خىل، شۋېتسىيىچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن ئىككى خىل بار ئىكەن. شۇنىڭدەك «ئىراننىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ئالىمى مەكتابى مىنۇنىڭ ستاتىستىكىسىدىن قارىغاندا، 1929- يىلىغا قەدەر ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئېلان قىلىنغان ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى تەتقىقاتى ئىلمىي ماقالىلىرى 1500 پارچىدىن ئاشقان. ھازىرغا قەدەر 2500 پارچىدىن ئاشقان بولۇپ، جاھان ئەھلىنىڭ ئەڭ قىززىق تېمىسىغا ئايلانغان.

 

 ئالەم سىرلىرى ۋە ھايات ھەقىقىتىنى يۇرۇتۇپ بىرىش ئۆمەر ھەييام شېئىرلىرىنىڭ مۇھىم تەرىپى بولۇپ، ئۇ ھەم ئالىم، ھەم پەيلاسۇپ بولۇش سۈپىتىدە، ئەنئەنىۋى ئىلاھىيەت قاراشلىرىغا قارىغۇلارچە سوڭداشمايدۇ. بەلكى، بىر مۇتەسەۋۋىف سۈپىتىدە كىشىلەرنى ئالەمنىڭ ماھىيىتى ۋە ئىنساننىڭ يارىلىشدىكى مەقسەت ھەققىدە ئويلىنىشقا يېتەكلەيدۇ:

 

بىز كېلىپ كەتكۈچى، يۇمىلاق جاھان،

نە بېشى مەلۇمدۇر نە سوڭى ئايان.

ھېچكىممۇ راستىنى ئېيتىپ بېرەلمەس،

بىز نەدىن كەلدۇق ۋە كېتىمىز قايان.

 

بىلمەيمىز ئەزەلنىڭ سىرىنى سەن، مەن.

يوقتۇر ھەم بۇ سىرنى بىلگەن بىلەرمەن.

پەردىنىڭ كەينىدە بارچە نەرسىمىز،

ئېچىلسا پەردە گەر نە سەنۇ، نە مەن.

   

تامچە سۇ دەريادا يوق بولۇپ كەتتى،

يەرگە چاڭ قوندى- يۇ، كۆمۈلۈپ كەتتى.

دۇنياغا كېلىشىڭ، كېتىشىڭ نېمە؟

بىر چىۋىن تۇغۇلدى، يا ئۆلۈپ كەتتى.

 

دۇنيانىڭ تىلىكى، مېۋىسى ھەم بىز،

ئەقىل كۆزىنىڭ قارىسى- جەۋھىرى ھەم بىز.

يۇمۇلاق جاھاننى ئۈزۈك دەپ بىلسەك،

شەكسىزكىم ئۇنىڭ كۆزى- گەۋھەرى ھەم بىز.


ئاپتورى:زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىدىق

Tags:
بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى