ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن
-
ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن
ۋاقتى: 2015-10-28 ئاۋاتلىقى: 677 قېتىميانفوندا كۆرۈش
▲قەدىرلىك دوستلار، ئاددىي بىر ئەتىگەنلىكى، سىز ئاددىي بىر كۈننى ئۆتكۈزۈشكە باشلايسىز. شۇ بىر كۈننى ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزۋېتىشنى خالامسىز؟ ئۆزىڭىزدىن «ئەگەر بۈگۈن مېنىڭ ئۆمرۈمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنى بولۇپ قالسا، مەن نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەك؟» دەپ سوراڭ. مەن ئويلايمەنكى، مەن ئۇنى ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل بىر كۈنگە ئايلاندۇرىمەن، دەپ جاۋاب بېرىسىز.
مېنىڭ كۆڭلىڭىزنى پاراكەندە قىلغۇم يوق، لېكىن ھېچقانداق بىر ئادەم قايسى كۈننىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. شۇڭلاشقا، بىز ھەر بىر كۈننى ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈشىمىز لازىم. مەن خىزمىتىڭىزدىن ئىستىپا بېرىپ، بارلىق ئامانەت پۇلىڭىزنى خەجلەپ ساياھەت قىلىڭ، دېمەكچى ئەمەسمەن، پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزغا ئازراق ئاددىيغىنە مەزمۇنلارنى قوشسىڭىز، ھاياتنىڭ پەيزىنى قانغۇچە سۈرەلەيسىز. قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇھىم ھېسابلانمايدۇ. مۇھىمى سىزنىڭ ئۇلاردىن قانداق تەسىرات ئالغىنىڭىزدا. ئادەمنىڭ ئۆمرى بەك قىسقا بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىمىسۇن، كۈنلىرىنى خۇشاللىققا، گۈزەللىككە تولدۇرۇشنى ئويلىمايدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. ئەڭ گۈزەل بىر كۈن يارىتىشتىكى سىر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.
خۇشاللىق: نېمىلەردىن خۇشاللىق تاپقىلى بولىدۇ؟ بۇنى ئۆز قەلبىڭىزدىن سوراڭ. خۇشاللىقنى سىزگە تاشقى دۇنيا ئاتا قىلمايدۇ بەلكى ئۇنى قەلبىڭىز بەخىش ئېتىدۇ. ئازغىنە مېھىر-مۇھەببە دۇنياغا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ. ھەممە جايدىن دوست تاپالايسىز. ئۆزىڭىزگە ئوخشاش ھەربىر ئادەم، ھەربىر ئىش سۆيشكە ئەرزىيىدۇ.
مىننەتدارلىق: مىننەتدارلىق ھېسىياتى- ئەڭ كۈچلۈك ئاكتىۋال ھېسىياتنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. سىز بەزى ئادەملەر ۋە ئىشلاردىن مىننەتدار بولىسىز، ئەگەر ھازىر ئىگە بولغان بارلىق نەرسىلەردىن مىننەتدار بولسىڭىزلا تېخىمۇ كۆپ ئىشلاردىن تولۇق مىننەتدار بولالايسىز. ھالبۇكى بۇنداق مىننەتدارلىق تۇيغۇسى كەيپىياتىڭىزنى خۇشاللىققا چۆمدۈرىدۇ.
ئارزۇ-ئارمان: ئارزۇ-ئارماندا بولۇشقا ۋە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئارزۇلىرنى قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا جۈرئەت قىلىش لازىم. ھەربىر ئادەم ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ياراتقۇچىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۆز نىشانىڭىزنى ئەمەلگەئاشۇرۇش يولىدا كۆرسەتكەن ھەربىر تىرىشچانلىقىڭىز سىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
ئەركىن بولۇش: ھەرقانداق ئىشنى ئەركىن قىلىڭ، سىزنى نېمە خۇشال قىلسا شۇنى قىلىڭ، ھەرخىل رامكىلارنى بۇزۇپ تاشلاڭ. ئەگەر سىز قىلماقچى بولۇۋاتقان ئىشىڭىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلسىڭىز قىلىۋېرىڭ. بۇ سىزنىڭ ئارزۇلىرىڭىزغا يېتىشتىكى يول بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
يېڭىلىق يارىتىش: ھەربىر ئىشنى قىلىشتا ئازراق يېڭىلىق يارىتىشنى سىناق قىلىپ بېقىڭ. ھەر بىر ئىشنى چامىڭىزنىڭ يېتىشىچە قىلىپ، تەسەۋۋۇرىڭىزنى جارى قىلدۇرۇشتىن قورقماڭ. يېڭى شەيئىلەر ئۈستىدە سىناق قىلىش بىر خىل غايەت زور خۇشاللىق ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، كەيپىياتنىڭ خۇشاللىقىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىڭ.
كۈلكە: كۈلكە- ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى خۇشال قىلىدۇ. كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ. ئۇ ئەڭ ياخشى دورا ھېسابلىنىدۇ. كۈلكە ھەر بىر كۈنىڭىزنى شادلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
دەم ئېلىش كۈنى: كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەر بىر كۈنىنى تەبرىكلەپ، دەم ئېلىش كۈنىدىكى مەنىلىك ئىشلار بىلەن قەلبىڭىزنى ئاۋۇندۇرۇڭ. نېمىشقا شۇنداق قىلغىلى بولمىسۇن؟تۇرمۇشتىن قانغۇچە ھۇزرۇ ئېلىپ، ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىزغا قاراپ ئىلگىرىلەڭ!
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرغاننىڭ زىيىنى يوق
2015-12-30 15:49:32781كىم تاپالايدۇ ؟ تېپىشماق
2015-09-02 10:08:59668بەخت ھەققىدە
2015-10-17 21:56:211093يېڭى پېتى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان يىمەكلىكل
2015-09-01 15:35:56551بىر قىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەدىسى
2015-08-30 22:19:121033ئىنتېل شىركىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى
2015-09-03 15:31:58504ئۆزۈڭنى بوش چاغلىما
2015-10-14 14:52:26974بەخت ھەققىدە
2015-11-12 22:23:06989
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-