ياشاش ئىقتىدارى تۇغما ئەمەس
-
ياشاش ئىقتىدارى تۇغما ئەمەس
ۋاقتى: 2015-10-17 ئاۋاتلىقى: 589 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ياشاش ئىقتىدارى تۇغما ئەمەس
▲ بىر ئادەم دەريا يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا، بىرەيلەن ئەمدىلا ئايىغى چىققان بىر كىچىك بالىنى دەرياغا تاشلىۋېتىدىغاندەك ئىككى قولىنى پۇلاڭلىتىپ تۇرغۇدەك، ھېلىقى بالا بولسا قورقىنىدىن چىرقىراپ، ھېلىقى ئادەمنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ يىغلاۋاتقۇدەك.
يولۇچى بۇنى چۈشۈنەلمەي ھېلىقى ئادەمگە: «نېمە قىلماقچىسەن؟ بالىنى يەرگە قوي، شۇنداق ئوماق بالىكەن، ئۇ قورقۇپ كەتمەمدۇ؟» دەپتۇ.
«مەن بالىنى دەرياغا تاشلايمىكىن دەيمەن، ئۇ قەيەرگىچە ئۈزەلەيدىكىن» دەپتۇ ھېلىقى ئادەم پەرۋاسىزلا.
يولۇچى ئۇنى توسۇپ: «شۇنداق كىچىك بالىنى دەرياغا تاشلىساڭ، ئۇ تۇنجۇقۇپ قالمامدۇ؟ سۇ شۇنداق چوڭقۇر تۇرسا!» دەپتۇ.
«ياق، ئۇنداق بولمايدۇ، سەن بىلمەيسەن، ئۇنىڭ دادىسى سۇ ئۈزۈش ماھىرى تۇرسا!» دەپتۇ ھېلىقى ئادەم.
يولۇچى ھەيران بوپتۇ. دادىسى سۇ ئۈزۈش ماھىرى بولسا، ئۇنىڭ ئوغلىمۇ سۇ ئۈزەلەمدۇ؟
سۇ ئۈزۈش ماھارىتى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس قالمايدۇ. ئاتا سۇ ئۈزۈش ماھىرى بولسا، ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ سۇ ئۈزەلىشى ناتايىن. ئادەمنىڭ ئىدىيىسى، ئىقتىدارى، ماھارىتىنىڭ ھېچقايسىسى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس قالمايدۇ. ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. بۇ ھېكايە بىزگە ھەرقانداق ماھارەت تۇغما بولمايدۇ، ئۇنى مەجبۇرلاپمۇ پەيدا قىلغىلى بولمايدۇ، دېگەن ھەقىقەتنى چۈشەندۈرىدۇ.
يەنە تەھلىل قىلساق، ئېرسىيەت بىلەن تەسىرنىڭ ئىككىسى ئىككى چۈشەنچە، بۇنى ئېنىق پەرىقلەندۈرۈش كېرەك. ئادەمنىڭ تەن قۇرۇلىشى ۋە قېنى ئېرسىيەتتىن كېلىدۇ. بىراق ئۇنىڭ روھى ۋە ئىگلىگەن ماھارىتى ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئاندىن پەيدا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشتا مۇھىتنىڭ تەسىر كۈچىگىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ. تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، ئەگەر ھېلىقى بالىنىڭ دادىسى راستىنلا سۇ ئۈزۈش ماھىرى بولسا، ئۇ بالىمۇ دادىسىنىڭ تەسىرى ۋە تەربىيىسىدە باشقا بالىلاردىن خېلى بۇرۇن سۇ ئۈزۈنى ئۆگىنىۋېلىشى مۇمكىن.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

«كەلگۈسىدە پۇل تاپقىلى بولىدىغان يەتتە خىل سودا
2015-08-27 19:47:21850
قوي ۋە ئىنساننىڭ ساغلاملىقى
2015-12-30 14:58:23963
تەۋەككۈلچىلىك
2015-12-03 22:25:55656
باققاللىق كەسپى
2015-08-27 20:28:37716
قاشقا سانىساڭ كۆزگە، كىشىگە سانىساڭ ئۆزىگە
2015-11-03 15:18:081036
ئېرىشىش ۋە يوقىتىش
2015-12-22 14:37:38773
ئانىلىق مەۋسۇملىرى ئاياللىق سۈلكىتىدىن مەھرۇم قا
2015-10-20 14:48:35985
ئاياغ ساناش
2015-11-12 21:53:21887
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-















