پاسىبان بلوگى » ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Tue, 18 Feb 2014 11:36:59 +0000 ug-CN hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.4.2 83 ياشلىق موماي ئالما شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىپتۇ /83-year-old-man-sued-apple.html /83-year-old-man-sued-apple.html#comments Mon, 26 Mar 2012 14:04:33 +0000 پاسىبان /?p=3888 [...]]]> 83 ياشلىق موماي ئالما شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىپتۇ

ئىلگىرى بېيجىڭدا جاڭ فامىلىلىك موماينىڭ يولدا كېتىۋېتىپ پۇتىنى قايرىۋېلىپ پارتىيىنىڭ غەمخورلۇقىدا تېزدىن ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى، لېكىن ئامېرىكى براۋن خانىمنىڭ ئوخشاش بىر ۋەقەدە يول ياساش تارماقلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ نەچچە يۈزمىڭ دوللار تۆلەم تۆلەتكۈزگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۈگۈن بۇ كۈن ئالمىنىڭ بېشىغا كەپتۇ.

CBS New York ئاخباراتىدا 83 ياشلىق ئېۋىلىن پازۋول Evelyn Paswall ئىسىملىك بىر موماي  ئالدىنقى ھەپتە يەكشەنبە كۈنى يولدا كېتىۋېتىپ ئالما دۇكىنىنىڭ ئەينەك تېمىغا ئۇقۇشماستىن ئۈسىۋېلىپ بۇرۇنى يارىلاندۇرىۋالغان. بۇ سەۋەبلىك موماي سوتقا ئەرز قىلىپ 75 مىڭ دوللار داۋالاش تۆلىمى، ئۇنىڭدىن سىرت ئالما شىركىتنىڭ بۇ «قىلمىشى» سەۋەبلىك 1 مىليون دوللارغا يېقىن جەرىمانە تەلەپ قىلىپتۇ.

ئېۋىلىن موماينىڭ سوقۇلغان ئالما دۇككىنى نىيۇ-يورك مانخاسسېتتىكى سېتىش دۇككىنى بولۇپ، سكوتتىسدال Scottsdale شتاتىدىكىگە ئوخشاش، بۇ دۇككاننىڭ ئالدى تەرەپ تېمى پۈتۈنلەي ئەينەكتىن ياسالغان ئىكەن. ئېۋىلىن دۇكاننىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر قەۋەت ئەينەك تامنىڭ بارلىقىنى پەرق قىلالماپتۇ.

83 ياشلىق موماي ئالما شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىپتۇ

ئالما شىركىتى مۇشۇ خىل ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رەسىمدىكىدەك ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرىنى چاپلىغان ئىكەن. ئېۋىلىننىڭ ئادۇۋكاتىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى يېتەرلىك ئەمەسكەن. ئېۋىلىننىڭ كۆرۈش سېزىمى جايىدا بولسىمۇ، بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرىنىڭ پايدىسى يېتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن بۇ «پاجىئە» يۈز بېرىپتۇدەك.

خەۋەردىكى walking into the glass doors دېگەن مەزمۇنغا قارىغاندا بۇ موماي ئىشىكتىن كىرىۋاتقۇچە ئۇرىۋالغاندەك تۇرىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال دۆلىتىمىزدە يۈز بەرگەن بولسا يەنە قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقار؟ ئالما شىركىتى بۇ دەۋادا ئۇتۇپ چىقامدۇ يوق؟ ئەينەك سۈرتكەت ئىشچىنى بۇ سەۋەبلىك مۇكاپاتلاش كېرەكمۇ ياكى جازالاشمۇ؟

تۆۋەندە بىز ئۇتۇق قازانغان 15 ئالما دۇكىنىنىڭ سىنىنى كۆرۈپ باقايلى.

]]>
/83-year-old-man-sued-apple.html/feed 10
iPad سوۋغا قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى ئۆگىتىپ قويۇڭ /to-father-gift-ipad.html /to-father-gift-ipad.html#comments Tue, 13 Mar 2012 11:20:09 +0000 پاسىبان /?p=3844 [...]]]> iPad سوۋغا قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى ئۆگىتىپ قويۇڭ

دۇنيانى «ئالما» مودىسى قاپلاپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، Apple Products ئېسىل سوۋغات تۈرلىرى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بەزىلەر بالىلىرىغا، بەزىلەر دادىلىرىغا… ئىشقىلىپ ئالما مەھسۇلاتلىرى بەلكى ياخشى تاللاش ئوبىيكتى بولسا كېرەك.

مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بوۋىسىغا سوۋغات بېرىش ئۈچۈن، ھەم بوۋىسىنىڭ ياقتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىپ، نېمە سوۋغا قىلىشىنى ئۆزىدىنلا سوراپتۇ. بوۋىسى «ئېلىكترونلۇق قۇرئان» سوۋغا قىلسا تولىمۇ خۇرسەن بولىدىغانلىقىنى دەپتۇ. ئۇ بالا رەڭسىز ئېكرانلىق قۇرئاننى سوۋغا قىپتۇ، بىچارە بوۋاينىڭ كۆزى غۇۋالاشقىنىدىن خەتلىرىنى ئېنىق كۆرەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سوۋغات بوۋايغا ياقماپتۇ. كىيىن چەكمە قەلەملىك ئاۋازلىق قۇرئانمۇ سوۋغا قىپتۇ. لېكىن ئۇنىڭ خېتىنى ئوقۇش ئۈچۈنمۇ يەنىلا كۆزەينەك تاقىشى كېرەك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن iPad تىن بىرنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا Quran Majeed نى قاچىلاپ بېرىپ  (ئۇلىنىش) سوۋغا قىپتۇ. ئۆزىنىڭ ھەقىقىي لازىم بىر نەرسىسىگە ئېرىشكەن بوۋاي كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ نەۋرىسى ئۈچۈن ئۇزاققىچە دۇئاغا قول كۆتۈرۈپتۇ.

بۇ بىر ئەمەلىي بولغان ئىش. مانا مۇشۇنىڭدەك، Apple مەھسۇلاتلىرى مەيلى كىچىكلەر ئۈچۈن بولسۇن، مەيلى چوڭلار ئۈچۈن بولسۇن، ئىنتايىن قوللىنىشچان بىر نەرسە. لېكىن، قوللىنىشچان بولسىمۇ تۆۋەندىكى بۇ سىنغا ئوخشاش قوللانماسلىقى كېرەك ئېدى مېنىڭچە.

چوڭلارغا iPad سوۋغا قىلسا ئەلۋەتتە پەچەت سوۋغا بولىدۇ. لېكىن ئەڭ ياخشىسى ئۇنى قانداق ئىشلىتىشنى كۆرسىتىپ قويسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن … :o))):

فىلىمدە، قىز دادىسىدىن سورايدۇ: دادا، سەندىن سوراي دەپ تۇرغان ئىدىم، تۇغۇلغان كۈنۈڭدە ساڭا سوۋغا قىلغان iPad كە خېلى قولۇڭ كەپقالدىمۇ؟ ؛ ھە، ياخشىكەن. ؛ ئىچىدىكى ئەپلەرمۇ خېلى بوپقويامدىكەن؟ ؛  نېمە ئەپلەرنى دەيسەن؟ سەل ئۆتۈپتۇرە … :o))):

PS: ئېسىت. ئۇ تېخى 3G نۇسقىسىكەن … لېكىن بۇ سىن ئېنىقلا بىر 恶搞 كەن. iPad نى ئۇچۇرۇپ بىر يەرلەرگە ئاپىرىۋېتىپتۇ.

ئامىدىيو Amidio ناملىق بىر شىركەت بار بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ مەۋھۇم سازلىرى App Store دا خېلى ئوبدان سېتىلىدىكەن. بۇ شىركەت يېقىندا FUTULELE دەيدىغان بىر ئەپ ياسىغان بولۇپ، بۇ ئەپ ئارقىلىق iPhone ۋە iPad دىكى 2 سازنى بىرلەشتۈرۈپ بىر دانە «يوغان» ساز ياسىغىلى بولىدىكەن. بۇ سازنى uKulele دەپ ئاتايدىكەنمىز.

تۆۋەندىكىسى uKulele دا ئورۇندالغان مۇزىكا.

]]>
/to-father-gift-ipad.html/feed 3
ئالما شىركىتى CORNING نىڭ گورىللا ئەينىكىنى ئىشلىتىپ مەھسۇلات ياسامدۇ؟ /apple-cooperate-with-corning.html /apple-cooperate-with-corning.html#comments Sat, 10 Mar 2012 03:00:09 +0000 پاسىبان /?p=3798 [...]]]> apple-using-corning-gorilla-glass

ئالدى بىلەن كورنىڭ CORNING شىركىتىنىڭ قانداق شىركەت ئىكەنلىكىگە بىر تەبىر بېرىۋېتەي. CORNING – نۆۋەتتە دۇنيادىكى سېزىمچان ئېكران ساھەسىدە تېخنىكىسى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان باشلامچى كارخانا. بۇ شىركەتنىڭ ئىشلىگەن تۆۋەندىكى ئۇقۇم فىلىمىنى بەلكى سىلەر كۆرۈپ باققانغۇ دەيمەن.

بۇ سىننى ئاۋال بىر كۆرۈپ چىقايلى، كورنىڭنى تونۇشىمىزغا پايدىسى تېگىپ قالار.

ئالما شىركىتى بىلەن CORNING نىڭ مۇناسىۋىتى بۇرۇندىنلا سىرلىق ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى 2006-يىلى Steve Jobs نىڭ CORNING شىركىتىگە زىيارەتكە كېلىشىدىن باشلانغان ئىدى. لېكىن ئالما شىركىتى جامائەتچىلىككە بۇ ئىككەيلەننىڭ ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى ھېچقانداق بىر مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى. ھەتتا ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلات تەمىنلىگۈچى كارخانىلار تىزىملىكى ئىچىدىمۇ CORNING نىڭ ئىسمى يوق ئىدى.

نىيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا CORNING شىركىتى زاۋۇتىنى جۇڭگوغا يۆتكەپ ئەكەپتۇ. CORNING شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى : « بىزنىڭ خېرىدارلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى تەيۋەن، كورىيە، ياپونىيە ۋە جۇڭگودا. بىز مەھسۇلاتنى ئامېرىكىدا ئىشلەپ، پاراخوت ئارقىلىق يۆتكەپ ئەكەلسەك بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭغا 35 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر ئايرۇپىلاندا يۆتكەش توغرا كەلسە توشۇش ھەققى پاراخوتنىڭكىدىن 10 ھەسسە قىممەت بولىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا بىز زاۋۇتىمىزنى جۇڭگوغىلا يۆتكەپ ئەكەلسەك خېرىدارلىرىمىزغا كۆپ قولاي بولىدۇ» دەپتۇ.

توردىن ماتىرىيال ئاختۇرۇپ كۆرسەم، ئىشەنچلىك ماتىرىياللارغا قارىغاندا CORNING شىركىتى 2005-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگوغا زور مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرغىلى تۇرۇپتۇ. بۇ خەۋەر بىلەن يۇقارقى مەزمۇننى بىرلەشتۈرسەك، CORNING بەلكى شىنجىندىكى زاۋۇتىدىن مەھسۇلاتىنى ئەچىقىپلا FOXCOON غا تاپشۇرسا، iPhone, iPad لەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سۈرئېتى بەلكى تېخىمۇ تېزلىشەمدۇ قانداق؟ بۇ بەلكى ئالما شىركىتىنىڭ CORNING مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىشتىكى «تېخنىكىسى ۋە سۈپىتى يۇقىرى» دېگەن تاللاشنىڭ ئاخىرىدا تۇرىدىغان 2-تاللاش بولالىشى مۇمكىن.

ئالما شىركىتىنىڭ يېقىنقى بىر خىزمەت دوكلاتىدا ئېيلىتىشىچە، CORNING شىركىتىنىڭ ئامېرىكا كېنتاكىي شىتاتىدىكى زاۋۇتىدا iPhone نىڭ مۇھىم زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

يۇقارقى مۇشۇ ماتىرىياللارنى بىر يەرگە يىغىنچاقلاپ ئەكەلسەك، «ئالما شىركىتى بەلكى كېيىنكى ئەۋلاد iPhone غا CORNING نىڭ Gorilla Glass 2 مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىشى مۇمكىن» دېگەن يەكۈنگە ئېرىشىمىز.

يازمىنى داۋاملاشتۇرىمىز. CORNING نىڭ Gorilla Glass 2 ئەينىكى زادى قانداق كارامىتى بار ئەينەكتۇ؟

دۇنيادىكى تېخنىكىسى ئەڭ كۈچلۈك ئوپتىكىلىق ئەينەك ياساش كارخانىسى بولمىش CORNING نىڭ Gorilla Glass ئەينىكى نۆۋەتتە نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ ھەرخىل ئۆلچەمدىكى بارماق سەزگۈلۈك ئۈسكۈنىلىرىگە 1-تاللاش بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنى سىز CORNING شىركىتىنىڭ تور بېتىدىن كۆرۈۋالالايسىز. بۇنداق دېگەنلىك CORNING نىڭ مەھسۇلاتلىرى قۇسۇرسىز دېگەنلىكمۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە. CORNING شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ھازىر 1-ئەۋلاد مەھسۇلاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ Gorilla Glass 2 دېگەن نامدا يېڭىچە بىر مەھسۇلات ئىشلەش ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.

Gorilla Glass توغرىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنغا قىزىقسىڭىز CORNING شىركىتىنىڭ Gorilla Glass ئورگان تور بېتىنى زىيارەت قىلىڭ. تور بەت ئادرىسى :  http://www.corninggorillaglass.com/

تۆۋەندە CORNING شىركىتىنىڭ ئۈستىدىكى «ئەينەك بىلەن ئۆتكەن بىر كۈنلۈك ھايات» ناملىق ئۇقۇم فىلىمىنىڭ داۋامى بولغان، CORNING شىركىتىنىڭ يېڭىچە تېخنىكا ئۇقۇمىنى تونۇتۇپ ئىشلەنگەن فىلىمىنى كۆرۈپ چىقايلى.

بۇ سىنغا قارىساق CORNING نىڭ بولىدىغاندەكلا تۇيغۇ بېرەمدىكەن؟ ئۇلارنىڭ سېزىمچان ئەينىكى پەقەت يانچۇقىمىزدىكى iPhone بىلەنلا ئەمەس، ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىگە، قاتناش ئەسلىھەلىرىمىزگە، مائارىپقا، ئېلىكتىر تورىغا، سەھىيە- داۋالاش ئاپاراتىغا … ئىشقىلىپ كۆرۈنۈش ۋە تەسۋىر ھاسىل قىلىدىغانلىكى ھەرقانداق بىر نەرسىگە چېتىلىدىكەن. مۇشۇ فىلىمدىكىدەك تەرەققىيات بىزدىن يەنە قانچىلىك يىراقلىقتىدۇر؟

]]>
/apple-cooperate-with-corning.html/feed 4
جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلارغا ئامال يوقتە … /knockoff-brands-in-china.html /knockoff-brands-in-china.html#comments Fri, 24 Feb 2012 08:14:50 +0000 پاسىبان /?p=3737 [...]]]> جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلارغا ئامال يوقتە …

تاغتۇراچىلىق جۇڭگودا ئەۋج ئېلىپ، يۇقىرى دولقۇن بىلەن «تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقتىن» دۇنيا سودا ساھەسىنى قالايمىقانچىلىققا ئۇچرىتىۋاتىدۇ. چەتئەللەردە بۇ ساپاسىزلىقنى بەكلا نومۇس دەپ بىلسىمۇ، پۇل مال-دۇنيانىڭ ھەلەكچىلىكىدە تاغتۇراچىلار نومۇس بىلەن ئىشى يوق ھەر نەرسىنى قىلىشىىۋاتاتتى.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

ياقا يۇرتلاردا يۈرگىنىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ بۇ تاغتۇراچىلار سەۋەبىدىن چىقىرىۋەتكەن گۈزەل ناملىرىنى ئاڭلاپمۇ ئۈلگۈردۇق. ئۆتكەندە كازافىي خەلقى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندە توردا مۇنداق بىر يۇمۇر تارقالدى.

ئەسلىدە كازافىينى ئورەكتىن ئەچىقىپلا ئېتىۋەتمەس ئىكەن. لېكىن بىچارە ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا بىر سۆزنى خاتا قىپتۇدەك. ئۇ بىچارىنى ئەچىقىپلا سۈرۈن-توقاي قىلىپ تاتىقۇشلاپ يۈرسە بىچارە كازافىي:
- توختاڭلار، مەن كازافىي ئەمەس! ئادەمنى خاتا تۇتىۋالدىڭلار، مەن ساختىسى!  دەپتۇ. تۇتقۇن قىلغۇچىدىن بىرى:
- ئۇنداقتا ھەقىقىي كازافىي قەيەردە؟ دېسە كازافىي دەرھاللا:
- ئۇ جۇڭگودا ، دېمەسمۇ؟ ھېلىقى يېتىمنىڭ نەدىن كەلدى ئاچچىقى، تاڭلا قىپ چېكىسىگىلا ئېتىۋېتىپ:
- جۇڭگودىمۇ ھەقىقىي بىر نەرسە بولامدۇ ئەجەبا! دەپتۇ. :o))):

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دۆلىتىمىزنىڭ ئاشۇ بىر ئوچۇم ساختىپەزلىرىنىڭ دەستىدىن تىجارەتتىكى سېسىق نامى جاھاننى بىر ئېلىپ، جۇڭگونىڭ سودا ساھەسىدىكى ئوبرازىغا تەسىر يېتىۋاتىدۇ. بىز تىجارەتچىلەرمۇ شۇنىڭ مەلۇم تەسىرىگە ئۇچراۋاتىمىز.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

بۇلارنىڭ چېتىلمايدىغان ساھەسى قالماپتۇ. BaiGooHoo دېگەن بۇ تاغتۇرا ئىزدەش ماتورىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ باھانىسىنىڭ چىرايلىقلىقىنى قاراڭ. بەزىلىرىگە قاراپ ئادەمنىڭ راستىنلا كۈلگۈسى كېلىدۇ.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

بۇ ئاياغنىڭ ھەقىقىي ماركىسىنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. باھاسى بەكلا قىممەت ھەقاچان؟

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

يۇقارقىسى دۇنياۋى داڭلىق ماركا PUMA نىڭ لوگوسى. ئەقىللىق تاغلىقلار بۇنى قانداق ئۆزگەرتتى بىر كۆرۈپ باقايلى.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

بۇ قاپلان بەڭگىكەن تېخى.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

ئېيىقمۇ سەكرەپ بېقىپتۇ.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

ماۋۇنى كۆرۈپ بەكلا كۈلۈپتىمەن. قاپلاننى دۈملا ياتقۇزۇپ خورەك تارتقۇزۇپ قويۇپتۇ …

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

خېلى ئوخشاپتۇيۇ، لېكىن قارىساق بېشىدا تۈكى باركەنغۇ؟

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

تاغلىقلارنىڭ نەزىرىدە سەكرەيدىغانلا نەرسە بولسا PUMA بولىدىكەندە؟

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

يۇقارقىسى ئىتالىيەنىڭ داڭلىق ماركىسى كاپپا. ھەممىمىز بىلىمىز. لېكىن دۆلىتىمىزدە دۈمبىسىنى بىر-بىرىگە قىلىپ تۇرغان كاپپالاردىن قايسىلىرى بار بىر كۆرۈپ باقايلى.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

背靠背 خەلقئارا چەكلىك شىركىتى. قاراڭلار ماۋۇ شىركەت ئىسمىغا. نېمە دېگەن قولاشمىغان ئىسىم بۇ؟ ھېچ بولمىسا «خەلقئارا تاغتۇرا سودا چەكلىك شىركىتى» دېگەندەك بىرەر نەرسە دېگەن بولسا…

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

Kabba

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

Keppa

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

Koppo

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

Yappa

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

背靠背 نى ئېنگلىزچە BACK PO BACK دەمدىغاندۇ؟

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

Kaoba

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

 

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

ئىككەيلەننىڭ ئارىلىقى سەل يىراقلىشىپ كەتتىمۇ نېمە؟

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

بۇ ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق Adidas ماركىسى. بۇنىڭ تاغتۇراسى دۆلىتىمىزدە نۇرغۇن گەپكەن.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

adibas

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

adidos

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

dasabi

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

odidoss

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

ۋوي، ماۋۇنىڭدا a چۈپقاپتۇ ئەمەسمۇ؟ بوپتۇ ئۆزۈم قىستۇرىۋالاي…

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

 

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

ماركا تەقلىد قىلىشقا بەكلا ياماندە بۇلار. «ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى» كەن.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

abcids …

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

ماۋۇلار ئادىداسنىڭ ۋارىيانتلىرىكەن.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

NIKE نى ھەممىمىز بىلىمىز. بۇنى قانداق ئۆزگەرتتى بىر قاراپ باقايلى.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

HIKE دەپ ئارىلىققا «ئۆسمە» ئۆستۈرۈپلا ياساپتۇ…

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

N ھەرىپىنى ئىككى پارچىلاپ IVIKE دەپتۇ.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

ماۋۇسى NIKE شاھىكەن تېخى. 耐客王

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

LI-NING نى بىلىمىز. LI-MING دەپ ئاڭلىغانمۇ؟

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

ماۋۇنىڭدا 2 ھەرپ ئالمىشىپ كېتىپ قاپتۇ.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

مەن يەتتە بۆرە 七匹狼  دەپ ئاڭلىغان، لېكىن سەككىز كۇچۇك 八只狗 دەپ ئاڭلىماپتىكەنمەن :o))):

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

نېمىشقا ئېتىۋار بىلەن ساتقانكىن دېسەم ئەسلى سەۋەبى ماۋۇكەن. NUKE, Kppa, adedas …

iPhone نىڭ تاغتۇراسىنى دېمەيلا قويايلى. بازارغا چىقساقلا تۆۋىنى 150~200 دىن يۇقىرىسى نەچچە مىڭ يۈەنگىچە بار ئىكەن. بەزىلىرى شۇقەدەر ئوخشاتقانكى، iPhone غا كونىلار ئىشلىتىپ كۆرۈپ بىلمىسە يېڭىياچىلار ئالدىنىپلا كېتىدىكەن. ئىشقىلىپ جۇڭگوچىلىقتا مۇشۇنداق تاغتۇرا نەرسىلەرگە ئالدىنىپ كەتمەي ھۇشيارراق بولغىنىمىز ياخشى…

]]>
/knockoff-brands-in-china.html/feed 5
يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر /mac-os-x-mountain-lion.html /mac-os-x-mountain-lion.html#comments Thu, 23 Feb 2012 07:29:49 +0000 پاسىبان /?p=3731 [...]]]> يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

ئالدىنقى يىلى تېخى يېڭىچە مەك سېستىمىسى Mac OS X Lion نى يېڭىدىن نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى قوشۇپ ئېلان قىلىپ ئۈلگۈرۈشكەن ئالما شىركىتى، يېڭى  iPhone, iPod touch, MacBook, iMac … قاتارلىق بىر قاتار ئۈسكۈنىلىرىنى، شۇنداقلا ھەممىمىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان iOS سېستىمىسىنى، يەنە پات ئارىدا ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرغان iPad 3 نى لايىھەلەش ۋە ياساش  ئالدىراشچىلىقىدا تۇرسىمۇ، يىپيېڭى سېستىما OS X Mountain Lion نى ئېلان قىلغۇدەك.

16-فېۋرال كەچتە ئالما شىركىتى پروگراممېرلارغا تۇنجى بولۇپ OS X 10.8 نىڭ سىناق نۇسقىسىنى تارقاتتى. 10.8 لىك سېستىما – شىر ئەۋلادى بولۇش سۈپىتى بىلەن Mountain Lion «ئامېرىكا شىرى» دېگەن نام بىلەن مەيدانغا چىقىدىكەن. ئالما تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە ئامېرىكا شىرى بۇ يىل يازدا جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

سېتىمىغا iPad نىڭ كونا ئىشلەتكۈچىلىرىگە ناھايىتى تونۇش بولغان ئېلىمېنتلار قوشىۋېتىلگەن بولۇپ، ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ سېستىمىسىنىمۇ يات ھېس قىلدۇرماسلىق، شۇ ئارقىلىق مەكنى ئوموملاشتۇرۇش ۋە بازار تېپىش يولىغا ماڭغانلىقىنى كۆرۈۋالماق قىيىن ئەمەس ئىدى. ئۇلار يېڭى سېستىمىدا iPad تىكى نۇرغۇن ئىقتىدارلارنىڭ مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى، خاسلىقىنى ساقلىغان شەكىلدە تېخىمۇ ئېسىل بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى شەرھىلەپ مۇنداق دەيدۇ:

OS X Mountain Lion arrives this summer. With all-new features inspired by iPad, the Mac just keeps getting better and better.

بىز بۇ يازمىدا ئېيتىپ ئۆتمەكچى بولغان مەزمۇنلار پەقەت پروگراممېرلار ئۈچۈن تارقىتىلغان سىناق نۇسقىسىدىكى بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلار بولۇپ، ئەسلى سېستىمىدا چوقۇم تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەر بار بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ پەقەت پروگراممىرلارغا تەمىنلىنىدىغان سىناق نۇسخا خالاس. ئاۋال بۇ سىننى بىر كۆرۈپ چىقايلى.

ئەمدى Mac OS X دېگەن نام يوقايدىكەن

شۇنداق، ئەمدى مەك سېستىمىسىغا Mac OS X (مەك مەشغۇلات سېستىمىسى 10 دېگەن مەنىدە) دەپ يۈرمەيدىكەن. ئالما شىركىتى سېستىما نامىدىن Mac نى چىقىرىپ تاشلاپ، پەقەت OS X دەپ ئاتاشنى باشلاپتۇ. مەنىسى ئوخشاشلا «مەشغۇلات سېستىمىسى» بولىدۇ . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كومپىيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسى پەقەتلا Mac بولىشى كېرەك ئوخشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن Mac نى قوشسۇن قوشمىسۇن بەرىبىر بولسا كېرەك. ياكى ئۇلار iOS تىن پەرق ئېتىش ئۈچۈن كومپىيۇتېر سېستىمىسىغا OS X دەپ، تېلىفون ۋە iPad لىرىدىكىنى iOS دەپ ئاتاپ، Mac دېگەن بۇ نامنى قاتتىق دېتالغا (Mac كومپىيۇتېرلىرىغا) ئىشلىتىدىغانمۇ ئوخشايدۇ.

iCloud نى تېخىمۇ كېڭەيتىش

بىز مەيلى iOS 5 لىك سېستىما قاچىلانغان iDevice بولسۇن ياكى يېڭى OS X سېستىمىسى قاچىلانغان بىرەر Apple Device سېتىۋالساق، پەقەت iCloud نى باغلاپ قويۇش ئارقىلىقلا ئۈسكۈنىلەر ئارا مۇكەممەل بۇلۇت سۇپىسىدىن بەھرىمان بولالايدىكەنمىز. بۇ مەشغۇلات جەريان تولىمۇ ئاددىي بولىدىكەن.

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

iPad تىكى بىزگە تونۇش ئاشۇ ئىقتىدارلار

Reminders ئەمدى Mac كە كۆچۈپ كەپتۇ. Notes يېڭىلىنىپتۇ. iCal ۋە 地址簿 نى 日历 ۋە 通讯录 غا ئۆزگەرتىپتۇ. iCloud قا ماسقەدەملەشتە ئىسىم ئاتاشتىكى ئوخشىماسلىقلارنى ئازايتىپ، بېرلىككە كېلىشى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈپتۇ. (ھەجەپ رادىئودا سۆزلەۋاتقاندەك تۇيۇلدا؟)

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

ئۇنىۋېرسال پاراڭلىشىش قورالى – iChat

ئالدىنقى كۈنلىرى بىر يازمىمىزدا مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەمىن ئەتكەن ئىدۇق. خۇددى شۇنىڭدا ئېيتقاندەك، iChat نىڭ ئورنىنى ئەمدى Messages ئالغۇدەك. بۇ خۇددى iPad, iPhone لاردىكى iMessage غا ئوخشاش بولۇپ، 5.0 لىك iDevice لاردا راۋان پاراڭلاشقىلى بولىدىغان بوپتۇ.

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

ئۇچۇر مەركىزى Notification Center

Growl نىڭ MAc سۇپىسىدىكى ناھايىتى ياخشى بولغان ئۇچۇر تەمىنلەش قورالى ئىكەنلىكىنى بەزىلەر بىلمىسە كېرەك. ئىشقىلىپ نېمىلا بولمىسۇن، بۇ قورال ئىلگىرى شۇنداق ئېدى. ئەمما شىرنىڭ چوڭ بولىشىغا ئەگىشىپ بۇنىڭ ئورنىنى ئالمىنى ئۆزىنىڭ ئۇچۇرتەمىنلەش مەركىزى بولغان Notification Center ئېلىپ كېتىپتۇ. چۈنكى بۇ iOS 5 ئابونتلىرىغا خېلىلا تونۇش بولۇپ كەتتى. كىشىلەرمۇ ياقتۇرۇپ قېلىشتى. بۇنى كومپىيۇتېر سېستىمىسىغا ئېلىپ كەلسە نۇرغۇن كىشىلەرگە ناتونۇش بولماسلىقى مۇمكىن.

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

Game Center كومپىيۇتېر سېستىمىسىدىن ئورۇن ئالىدىكەن

دىققەت قىلغان بولساق، يېقىندىن بۇيان iPhone ۋە iPad كە ئوخشاش مودا بولىۋاتقان iDevice لارغا ئويۇن ياساۋاتقان شىركەتلەر بارغانسىرى Mac App Store تەرەپكىمۇ يۈزلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، iOS ئويۇنلىرىنى لايىھەلىگەن Objective-C دا ئوخشاشلا Mac سېستىمىسىنىڭ ئويۇنلىرىنىمۇ لايىھەلىگىلى بولىدۇ. پەقەتلا كىرىدىغان كىچىك ئىشىك ئوخشىمايدۇ. پروگراممېرلار ئۇ ئىشىكتىن يۈك-تاقىلىرىنى كۆچۈرۈپلا بۇ ئىشىكتىن ئەكىرسە ۋە ئاددىي بولغان ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزسە، Mac سسېتىمىسىدىمۇ بۇ ئويۇننى ئوينىغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇلارغا ئۇنچە قىيىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن iPhone دىكى نۇرغۇن ئويۇنلارنى ھازىر Mac تىن تاپالايمىز. بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ بازىرى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئالما تەرەپ مۇشۇ سەۋەبلىك كومپىيۇتېر سېستىمىسىغا Game Center نى قوشقان بولسا كېرەك…

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

ھەمبەھرلىنىش ئېغىزى تەسىس قىلىنىپتۇ

يېڭى OS X ئۈچۈن ياسالغان ئەپلەرگە مەخسۇس تەمىنلەنگەن بۇ ئىقتىدار تېخىمۇ قولاي بولۇپ، بىز بىرەر تور بەتتىكى رەسىمنى باشقا يەرلەردە ھەمبەھرلەنمەكچى بولساق، تور كۆرگۈ ئارقىلىق ئاۋال ئۇ رەسىمنى ساقلىۋېلىپ، ئاندىن باشقا جايدا ئىشلىتىپ … دېگەندەك مەشغۇلاتلارنى قىلىپ يۈرمەيلا، شۇ رەسىمنىڭ ئۈستىگە ئەكەلسەكلا بۇ رەسىمنى باشقا جايلاردا (مەسىلەن، مىكروبلوگ، iMessage دېگەندەك) ھەمبەھرلەنگىلى بولىدىغان بوپتۇ.

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

AirPlay Mirroring

ئىلگىرى iPhone 4S ۋە iPad 2 قىلالايدىغان AirPlay ئىقتىدارى ئەمدى OS X تىمۇ بوپتۇ. Apple TV نىڭ دۆلىتىمىزدە ئوملىشىشىغا كۆزىمىز يەتمىسىمۇ، بۇنى كۆرگەن ھەشەمەتخورلار چوقۇم ئامېرىكىدىن بولسىمۇ ئەكىلىپ ئىشلىتىدۇ. iPhone ۋە iPad لىرىمىز، Mac كومپىيۇتېرلىرىمىزمۇ سىمسىزلا Apple TV غا ئۇلىنىپ، سىن ئۇچۇرلىرىنى TV دا كۆرسەتكىلى بولىدىكەن.

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

بىزگە تونۇش يەنە بىر نەرسە

ئالما شىركىتىنى دۇنياغا قايتىدىن تونۇتقان iPhone ۋە iPad نىڭ جۇڭگودا قانچىلىك سېتىلغانلىقىنى، جۇڭگو ئابونتلىرىنىڭ ئۇلارغا نەقەدەر زور پايدىلارنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ. Mountain Lion سېستىمىسى جۇڭگو ئابونتلىرىنى خېلىلا كۆزدە تۇتقان بولۇپ، 网易,QQ邮箱, 微博,优酷 قاتارلىق ئېلخەت ۋە سىن قويۇش مۇلازىمىتىنى تەمىنلەيدىغان شىركەتلەر ئالما ئورگان تەرەپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. تەڭشەش ئېلىپ بېرىش تېخىمۇ قولاي بولغان.

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

OS X Mountain Lion نى تېخىمۇ كۆپرەك چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالما تور بېتىنى زىيارەت قىلىڭ.

]]>
/mac-os-x-mountain-lion.html/feed 2
بۇ ئويۇننى ئويناش ئۈچۈن iDevice بولىشى شەرت ئەمەس /cut-the-rope-web-version.html /cut-the-rope-web-version.html#comments Wed, 11 Jan 2012 11:35:19 +0000 پاسىبان /?p=3616 [...]]]> بۇ ئويۇننى ئويناش ئۈچۈن iDevice بولىشى شەرت ئەمەس

Cut the Rope ناملىق بۇ ئويۇننى iPhone دا ئويۇن ئويناپ تۇرىدىغان iPhone داشلار چوقۇم بىلسە كېرەك. بۇ ئىنتايىن كىلاسسىك بىر ئويۇن. بۇ ئويۇننىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈشكە بىزدە iPhone ياكى iPad بولىشى شەرت ئەمەس. بۇ ئويۇننىڭ تور بەت يۈزىدە ئىجرا بولىدىغان تور نۇسقىسىمۇ ئېلان قىلنىپتۇ.

ئويۇننىڭ بىر-ئىككى پارچە رەسىمىگە نەزەر

بۇ ئويۇننى ئويناش ئۈچۈن iDevice بولىشى شەرت ئەمەسبۇ ئويۇننى ئويناش ئۈچۈن iDevice بولىشى شەرت ئەمەسبۇ ئويۇننى ئويناش ئۈچۈن iDevice بولىشى شەرت ئەمەس

ئۇسۇلى مۇنداق:

1. ئاۋال بۇ توربەتنى ئاچىمىز: http://www.cuttherope.ie/
2. ئاندىن 10 سېكونتچە ساقلايمىز (تور سۈرئىتىمىزگە ئاساسەن پەرقلىق)
3. ئويۇننى باشلايمىز.

مانا مۇشۇنداق ئاددىي. تور بەتنىڭ ئاستىغا قارىساق بىزنىڭ كۆزىمىزگە تىقىلىپ سېسىپ كەتكەن e بەلگىسىنى كۆرىمىز. بەلكى بۇ شىركەت بىلەن مىكروسوفتنىڭ بىرەر مۇناسىۋېتى بولىشى مۇمكىن، بىلمىدۇق.  يەنە كېلىپ تور نامىنىڭ ئاخىرىمۇ IE . لېكىن بۇ تور يۈزىدىكى ئويۇن پەقەت IE تور كۆرگۈسىدىلا ئەمەس، Chrome, Safari, FireFox قاتارلىق كۆرگۈلەردىمۇ ئىشلەيدىكەن. چۈنكى بۇ توربەتنىڭ كودلىنىشى HTML5 ئىكەن. مۇشۇنى قوللايدىغان ھەرقانداق بىر كۆرگۈچتە نورمال ئىشلەيدىكەن.

]]>
/cut-the-rope-web-version.html/feed 2
پەقەت CSS3 ۋە JS كودىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان iPhone تەقلىدچىسى /iphone-4-on-pure-css3.html /iphone-4-on-pure-css3.html#comments Tue, 27 Dec 2011 06:12:57 +0000 پاسىبان /?p=3541 [...]]]> پەقەت CSS3 ۋە JS كودىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان iPhone تەقلىدچىسى

تور بەتچىلىكتە CSS كودى كەڭ ئوموملىشىپ كەتكىنىگە ئۇزۇن زامانلار بولدى. يېڭى CSS تە ھەر خىل رەسىملەرنى پەقەت كود ئارقىلىقلا ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ رەسىم بولماستىن پەقەت كود ئارقىلىقلا ھاسىل قىلىنغان «رەسىم» . يېقىندا پروگراممىرلار پەقەت CSS ۋە JS كودلىرى ئارقىلىق iPhone 4 نىڭ تەقلىدىي كۆرىنىشىنى ھاسىل قىپتۇ.

 

پەقەت CSS3 ۋە JS كودىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان iPhone تەقلىدچىسى

پەقەت CSS3 ۋە JS كودىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان iPhone تەقلىدچىسى

پەقەت CSS3 ۋە JS كودىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان iPhone تەقلىدچىسى

تور بەت مەنزىلى : http://tjrus.com/iphone

]]>
/iphone-4-on-pure-css3.html/feed 5
10 چوڭ بلوگقا بېلەت تاشلاش باشلاندى /top-10-blog-in-2011-2.html /top-10-blog-in-2011-2.html#comments Tue, 27 Dec 2011 06:02:32 +0000 پاسىبان /?p=3545 [...]]]> 10 چوڭ بلوگقا بېلەت تاشلاش باشلاندى

2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگقا 15 كۈنلۈك نامزات كۆرسىتىش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، باھالاش ھەيئەت ئەزالىرى ھەر بىر نامزات بلوگلارغا تەلەپ بويىچە نومۇر قويۇپ تەرتىپكە تىزىپ چىقىپتۇ. ئاخىرىدا 20 بلوگنى ئاۋازغا قويۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدە بېلەت سانى كۆپ بولغان ئالدىنقى 10 بلوگنى تاللايدىغان ئىش ئىكەن.

مەنبە : يۈكسەل بلوگى

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ۋە بىلكان شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ‹‹ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى›› شۇ تاپتا، ئۇدا يېرىم ئايغا سوزۇلغان نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى ۋە كۆرسىتىلگەن بلوگلارنى باھالاپ رەسمىي نامزات بلوگلارنى تۇرۇغۇزۇپ چىقىش باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بېلەت تاشلاش ئارقىلىق يىللىق 10 چوڭ بلوگنى تاللاپ چىقىش باسقۇچىغا رەسمىي قەدەم قويدى.  نامزات قوبۇل قىلىش ۋە نامزات بېكىتىش باسقۇچى ئارقىلىق 20 بلوگ رەسمىي نامزات قىلىپ تۇرغۇزۇلدى. 27-دېكابىردىن يەنى بۈگۈندىن باشلاپ تاكى 31-دېكابىر كەچ سائەت 0 گىچە داۋام قىلىدىغان، 10 چوڭ بلوگنى بېلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. بۇ 20 نامزات بلوگنى بېلەت تاشلاش قاتارىغا تىزىشتا، باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان نومۇرىنىڭ يۇقىرىسىدىن تۆۋەنگە قاراپ تىزىلدى.

بېلەت تاشلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :

1. بېلەت تاشلاش ۋاقتى : 27-دېكابىردىن 31-دېكابىرغىچە جەمئىي 5 كۈن.
2. بېلەت تاشلاش سورۇنى: ئىزدىنىش مۇنبىرى، مىسرانىم مۇنبىرى، بىلىك مۇنبىرى، نۇرقۇت مۇنبىرى، كروران مۇنبىرى(جەمئىي 5 مۇنبەر)
3. بىر ئادەم پەقەت بىر قېتىم بېلەت تاشلىسىلا بولىدۇ. شۇ بىر قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا جەمئىي 10 بلوگقا بىرلا ۋاقىتتا بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.
4. ساختا بېلەت تاشلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەت سورۇنى ھېسابلانغان مۇنبەرلەرنىڭ يېڭىدىن ئەزا قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ۋاقىتلىق تاقالدى ياكى بېلەت سىستېمىسىغا 27-دېكابىردىن ئىلگىرى تىزىملانغان ئەزالارلا بېلەت تاشلىيالايدىغان قىلىپ تەڭشەلدى.
5. بېلەت تاشلاشتىن ئاۋۋال ‹‹ ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرى›› دىكى ‹‹ 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگ نامزاتلىرى ›› دېگەن تۈردىكى بلوگلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق نامزات بلوگلار بىلەن تونۇشۇپ، بىر قەدەر ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بېلەت تاشلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز!
6. ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە بېلەت تاشلاش تامام بولغان ھامان خۇلاسە قىلىنىپ، يېڭى يىل كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.

2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر سوفېت شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئالىم ئەھەد ئەپەندى
شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىدىن قىسمەت ئەپەندى
شىنجاڭ مىسرانىم ئۇنىۋېرسال تور بېكىتىدىن مىسرانىم ئەپەندى
شىنجاڭ ئەلداۋا ساغلاملىق تورىدىن ئوسمانجان نوھ بىلىگيار
بىلىك تورى ۋە كۆك كەپتەر بلوگىدىن كۆك كەپتەر ئەپەندى
يەتتە قىزلىرىم تورىدىن جۇلالىق (قىز)
كروران تورى ۋە بلوگىدىن كروران (قىز)
يۈكسەل بلوگىدىن كەمىنە يۈكسەل

 

ئەمسە تۆۋەندىكى مەنزىللەردىن كىرىپ، بېلەت تاشلاشنى باشلاڭ!

1. ئىزدىنىش مۇنبىرى

2. مىسرانىم مۇنبىرى

3. بىلىك مۇنبىرى

4. نۇرقۇت مۇنبىرى

5. كروران مۇنبىرى

كۇلۇبىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن «پاسىبان بلوگى» غا بېلەت تاشلاپ قوللىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن!
]]>
/top-10-blog-in-2011-2.html/feed 4
Siri نىڭ يېڭى ئېلانى /siri-ad.html /siri-ad.html#comments Mon, 19 Dec 2011 12:53:31 +0000 پاسىبان /?p=3510 [...]]]> سىرىنىڭ يېڭى ئېلانى

ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلات ئېلانلىرىنىڭ ھەممىسىدە خاسلىق بار. بۇلار 90-يىلىدىن كىيىن جوبس ئالما شىركىتىگە قايتىپ كېلىپلا تەرغىپ قىلىشقا باشلىغان ئاددىيلىقنى ھەممە نەرسىسىگە سىڭدۈرىۋەتكەن. مەھسۇلات چۈشەندۈرىدىغان ئېلانلىرىغا قارىساقمۇ ئارقا مەنزىرىسىدە ئارتۇقچە مەزمۇننى كۆرمەيمىز. بۇ خىل خاسلىق كىشىگە پاكىزە، ئازادىلىكنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

بۇ ئېلان iPhone 4S نىڭ ئېلانى بولۇپ، رودژېستىۋا بايرىمىغا ئاتاپ ئىشلەنگەن ئىكەن. ئېلاندا رودژېستىۋا بوۋاينىڭ iPhone 4S تىكى Siri نى ئىشلىتىپ چىقىش ئاساسى تېما قىلىنغان. بوۋاي Siri دىن ھەرخىل نەرسىلەرنى سورايدۇ ۋە Siri ماس جاۋابىنى قايتۇرىدۇ.

بوۋاي Siri دىن ھەر قايسى جايلارنىڭ تېمپىراتۇرا ۋە ئادرېس قاتارلىقلارنى سورايدۇ. ئارىلىقتا تېخى بوۋاينىڭ ئايالىدىن ئۇچۇرمۇ كېلىدۇ: «پىچىنە يېگەن چاغدا دىققەت قىلىڭ، گېلىڭىزغا تۇرۇپ قالمىسۇن».

ئېلاننىڭ ئەڭ ئاخىرىدا بوۋاي Siri دىن يەنە قانچىلىك سوۋغا ئېۋەتىش لازىملىقىنى سورىغاندا Siri جاۋابەن 3 مىليارت 7 يۈز مىليون دانە بار ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

30 سېكونتلۇق بۇ ئېلان باشتىن ئاخىر كىشىگە بىر خىل خاتىرجەملىك ۋە ئىللىقلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ. گەرچە قىسقا بولسىمۇ iPhone 4S نىڭ گەۋدىلىك ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىللىقلىق تۇيغۇسى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالىغان «ئۇتۇق قازانغان ئېلان» دېيىشكە بولىدۇ.

ماڭا ئالما شىركىتىنىڭ يەنە iPad 2 نىڭ ئېلانى بەكلا ياقىدۇ.

خەنچە نۇسقىدىكى ئېلانلارنىڭ يىغىندىسى

]]>
/siri-ad.html/feed 1
2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى باشلاندى /top-10-blog-in-2011.html /top-10-blog-in-2011.html#comments Tue, 13 Dec 2011 14:18:16 +0000 پاسىبان /?p=3492 [...]]]>

ھەر يىلى يۈكسەل بلوگى ئاساسلىق تەشكىللەپ كېلىۋاتقان «يىللىق 10 چوڭ بلوگ» پائالىيىتى بۇ يىل سەل كېچىكىپرەك باشلاندى. پەقەت 20 كۈنگىمۇ يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، پائالىيەتنى تەشۋىق قىلىش، نامزات كۆرسىتىش، تاللاش قاتارلىق باسقۇچلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىش كېرەك ئىدى.

يۈكسەل بلوگى 2008-يىلىدىن باشلاپ «ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق  10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» نى تەشكىللەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ كېلۋاتىدۇ. يىراق بولمىغان ئۆتمۈشتە، مەزكۇر پائالىيەت ئۇدا 2 نۆۋەت ناھايىتى ئۇتۇقلۇق تەشكىللەنگەن ھەمدە «ئۇيغۇرلاردىكى 2008-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» ۋە  «ئۇيغۇرلاردىكى 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» باھالاپ چىقىلغان ئىدى.  شۇ تاپتا، ئۇشبۇ پائالىيەت يەنە يۈكسەل  بلوگىدا ئۆزىنىڭ 3 – نۆۋىتىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.

گەپنىڭ نان تېگىدىغان يېرىنى ئېيتساق، پائالىيەت يۈكسەل بلوگىدا باشلىنىپ شۇ يەردە ئاخىرلىنىش قارار قىلىنغان بولۇپ، نامزات كۆرسىتىشمۇ يۈكسەل بلوگىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بىلەت تاشلاپ قارار قىلىشمۇ شۇنداق ئىكەن.

تۆۋەندىكىلىرى «يۈكسەل بلوگى» دىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار:

2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى

1. مەزكۇر پائالىيەت يۈكسەل بلوگى تەرىپىدىن تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.
2. مەزكۇر پائالىيەتنى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئالاھىدە قوللايدۇ.

3. بلوگگېرلار ياكى تورداشلار  يۈكسەل بلوگىدا ئۆز بلوگىنى ياكى ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بلوگلارنى مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىش نامزاتلىقىغا كۆرسىتىدۇ.
4. تورداشلار ئارىسىدىن مۇئەييەن نوپۇزغا ئىگە، ئۆزى لىللا مەيداندا تۇرۇپ ئىش قىلىدىغان تورداشلاردىن 10 نەپەر تاللىنىپ، «2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ھەيئىتى» تەشكىللىنىپ، تورداشلار كۆرسەتكەن نامزات بلوگلار ئىچىدىن ئالدىنقى قاتاردىكى 20 بلوگ تاللىنىپ چىقىلىدۇ ۋە پائالىيەتنىڭ باش-ئاخىرى نازارەت قىلىنىدۇ.
5. باھالاش ھەيئىتى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئارقىلىق تاللاپ چىققان 20 بلوگ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا بەلگىلىك نوپۇزغا ئىگە بىرقانچە مۇنبەردە بىراقلا تورداشلار ئاۋازىغا قويۇلىدۇ.
6. يۇقىرىقى مۇنبەرلەردىكى تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ تاللىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكەن ئاۋازىغا قاراپ 10 چوڭ بلوگ تاللىۋېلىنىدۇ.
7. يېڭى يىلنىڭ 1-كۈنى ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگ رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
8. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى نەتىجە ئېلان قىلىنىپ 3 كۈن ئىچىدە تاللاپ چىقىلغان 10 چوڭ بلوگقا مۇكاپات سوممىسىنى تارقىتىپ بېرىدۇ.
مۇكاپات سوممىسى:
مەزكۇر پائالىيەتتە بىرىنچى بولغان بلوگقا 500 يۈەن نەق پۇل، ئىككىنچى بولغان بلوگقا 300 يۈەن نەق پۇل، ئۈچىنچى بولغان بلوگقا 200 يۈەن نەق پۇل بېرىلىدۇ؛  قالغان 7 بلوگنىڭ ھەربىرىگە 100 يۈەندىن نەق پۇل مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.

 

گەپكە كەلسەك…

بلوگ ئۆتكەن يىل 12-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلۇپ بۈگۈن ساق 1 يىل بولىشىغا يەنە 2 كۈن قاپتۇ. مۇشۇ 1 يىل جەريانىدا پېقىر مەزمۇننىڭ كۆچۈرۈلمە بولماسلىقىغا، ئىجادىي بولمىسىمۇ نەپ تېگىش تەگمەسلىكىگە ئالاھىدە نەزەر سالغان ئاساستا ئىزچىل بلوگ يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. يازمىنىڭ ھەر بىر سۆز-جۈملىلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، پۈچەك سۆز-جۈملىلەرنىڭ بولۇپ قالماسلىقىغا، زېرىكتۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكىگە ئەھمىيەت بەردىم. مۇشۇنىڭدەك بەلگىلىك ئەجىر سىڭدۈرۈش تەسىرىدە، ھازىرقىدەك كۈندىلىك مۇقىم چېكىلىش قېتىم سانى 3,000 دىن ئارتۇق، 400 ئەتراپىدىكى مۇقىم، ئاكتىپ زىيارەتچىلەر قوشۇنىغا ئېگە بولدى. يېزىلغان ھەر بىر ئىنكاسلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، بىلسەم بىلگىنىمچە، بىلمىسەم توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ بولسىمۇ جاۋاب بەردىم. كاپالەت بېرەلەيمەنكى، ھەر بىر سورالغان سۇئاللار جاۋابسىز قالمىدى. ھەر بىر زىيارەتچىنى ئېيتىۋاتقان سۆزۈمنى قايسى خىل ئۇسۇلدا چۈشەندۈرسەم ئېنىقراق بىلىۋالاركىن دەپ ئېلاجىمنىڭ بېرىشىچە تەپسىلىي، ئوچۇق جاۋاب بېرىشكە تېرىشتىم. بۇنى، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان كۇلۇبنى زىيارەت قىلىۋاتقان بۇرادەرلەر چوقۇم ھېس قىلىپ يەتكەن بولسا كېرەك.

بىر مىسال ئالسام، بلوگ قۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە تور بەت ساھەسىدىن پەقەتلا خەۋىرىم بولمىغانلىقتىن، بەزى مەسىلىلەرنى ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن سوراشقا توغرا كەلدى. نەچچە سۇئالنى سورىسام جاۋاب بەرسىمۇ بىرەر تالغا شۇنداقلا جاۋاب بېرىپ يوقاپ كەتتى. يەنە قايتىلاپ سوراشتىن ئۆزۈم خىجىل بولدۇم. چۈنكى ئۇنىڭ ماڭا بۇنچە تەپسىلىي جاۋاب بېرىپ مېنىڭ ئىشىمنى قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى يوق، مېنىڭمۇ ئۇنىڭدىن رەنجىشىمنىڭ ئورنى يوق. لېكىن بۇنداق قىلغىنى ئۆزۈمگە ئازراق ئېغىر كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم ماتىرىيال ئاختۇرۇپ يۈرۈپ، ئىزدىنىپ يۈرۈپ ماۋۇ ئۇسلۇبنى ئۆزۈم ئۆزلەشتۈردۈم، بەتنى مۇشۇ ھالەتتە ھەرقايسى تور كۆرگۈلەردە نورمال كۆرۈنگىدەك بىر شەكىلگە ئەكەلدىم. يەنى، شۇ قېتىملىق ئىشنىڭ تەسىرىدە مەندىن سۇئال سورىغۇچىلارنى ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ، شۇ كىشىگە مەن چوقۇم چۈشىنىشلىك، رازى بولغۇدەك بىر جاۋاب بېرىشىمنى مەجبۇرىيەت دەپ قاراپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلدىم. ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشۇم، تىجارىتىم بولغانلىقتىن ئارىلىقتا نەچچە كۈنلەپ بلوگ تاشلىنىپ قالغىنىمۇ راست. ئۇ چاغلاردا سۇئاللار بەلكى بىر ئىككى كۈن جاۋابسىز قالغان بولىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، مۇشۇلارنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەر بىر زىيارەتچىلىرىمگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ كەلگىنىم ئۈچۈن كېسىپ ئېيتالايمەنكى، مەن ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا زىيارەتچىلىرىمگە يۈز كېلەلىگۈدەك بەت مەسئۇلى بولالىدىم، دەپ قارايمەن. گەرچە مەن ئۆزۈم شۇنداق قارىساممۇ، زادى شۇنداقمۇ ئەمەس، بۇنىسى سىلەرگە بېرەلىگەن تەسىرىمنىڭ قانچىلەكلىكىدە. ئەڭ مۇھىمى بۇ، ئەلۋەتتە.

بىر يىلدىن بۇيان چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئەسلىگىنىمىزدە مۇشۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقان سىز، بەلكى ھاۋا ئىللىق بىر كۈنلەردە، ياكى خۇشخۇي، سىم-سىم يامغۇرلۇق بىر كۈنلەردە، ياكى بولمىسا كەيپىياتىڭىز ئوچۇق، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بىر كۈنلەردە كۇلۇبقا كىرىپ سىزگە پايدا بېرەلەيدىغان بىرەر تېمىنى كۆرۈپ، «پاسىبان كۇلۇبى» دەپ ئاتىلىدىغان شۇنداق بىر تور بەتنىڭ بولغىنىدىنمۇ خۇشال بولغان، مەمنۇن بولغانمىدىڭىز؟ كۇلۇبىمىز گەرچە سىزنىڭ قولىڭىزغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىرەر مەنپەئەت كۆرسىتىپ، بىر چاپىنىڭىزنى ئىككى قىلىپ بېرەلمىگەن بولسىمۇ، مۇشۇ بلوگنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق سىزنىڭ بەزى ئىشلىرىڭىز ئاسانلاشقان، قولىڭىزدىكى ئايفونىڭىزنىڭ قىممەتلىك بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى بايقىشىڭىزغا ياردەم بېرەلىگەن، شۇ ئارقىلىق سىزگە ئازغىنە مەنىۋى ئوزۇق بېرەلىگەندىمىزمۇ؟

ئەگەر سىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، بلوگىمىزدىن مەنپەئەت كۆرگەن بولسىڭىز، سىزنىڭ بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن «2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» گە «پاسىبان كۇلۇبى» مىزنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىشىڭىزنى، بىلەت تاشلاش پائالىيىتى باشلانغاندا بىزگە بىلەت تاشلىشىڭىزنى سورايمەن.

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:

2011–يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە باشقىلار

‹‹ئۇيغۇرلاردىكى 2011 –يىللىق 10 چوڭ بلوگ›› قا نامزات كۆرسىتىڭ!

PS: بۇ پائالىيەتتە مۇكاپات ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا ئەمەلىيرەك بولدى. ئىلگىرى قۇرۇق ناملا بولسا ئەمدىلىكتە نەخ پۇل شەكلىدە بولدى. گەرچە مۇكاپات سوممىسى بەك چوڭ بولمىسىمۇ، بۇ بىزدەك تور بەت ئېگىلىرىگە چوڭ ئىلھام بولىدىكەن. ئەگەر بىز 10 چوڭ بلوگنىڭ ئالدىنقى بەشىگە كىرەلىسەك، مۇنبەرنى تېخىمۇ چوڭايتىپ، ياخشىراق مۇلازىمېتىرغا ئالماشتۇرۇش ھاجىتى تۇغۇلسا ئالماشتۇرۇپ، مۇنبەردىكى ھەر بىر ئەزاغا ئايرىم بىر بوشلۇق بېرىش، تېمىلارغا قىستۇرىدىغان رەسىمنى بىۋاستە مۇنبەر بوشلۇقىغا چىقىرىش دېگەندەك ئىقتىدارلارنى قوشۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

]]>
/top-10-blog-in-2011.html/feed 11