
-
پەيغەمبەر ئەخلاقىدىن ئۆرنەكلەر .3 _cat}
سېخىيلىقى ۋە مۇھتاجلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقى:
«پەيغەمبىرىمىز ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سېخىيسى ئىدى».26 مەرتلىك–سېخىيلىق سۈپىتى جەھەتتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇنى تۇنۇيدىغانلارنىڭ ھېچقايسىسى تەڭ كىلەلمەيتتى. ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورالسا ھەرگىز يوق دېمەيتتى.
پەيغەمبىرىمىز: «بېخىللىق ۋە يامان ئەخلاقتىن ئىبارەت ئىككى ئىش مۇئمىن كىشىدە تېپىلمايدۇ»27 دېگەن.
پەيغەمبىرىمىز مال-مۈلكىنى ئۆزىنىڭ راھەت-پاراغىتىگە ئەمەس پېقىر-مىسكىنلەرگە سەرپ قىلاتتى.ئۇ: «ئۇھۇد تېغىدەك ئالتۇنۇم بولسا ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلىشقا ئېلىپ قالغىنىمدىن باشقا بىر دىنارنىمۇ يېنىمدا قالدۇرۇش مېنى خۇشال قىلمايدۇ»28 دېگەن.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ خىسلىتى تەغابۇن سۈرىسىنىڭ 16- ئايىتىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بولۇپ بۇ ئايەتتە بېخىل كىشىنىڭ نىجاتلىققا ئىرىشەلمەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
پەيغەمبىرىمىز ھەممە ئادەمگە ياردەم قولىنى سۇناتتى، مۇھتاجلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايتتى. خەبباب بىن ئەرت ئۇرۇشقا ئەۋەتىلگىنىدە ئۆيىدە ھايۋانلىرىنى ساغىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى. خەببات ئۇرۇشتىن كەلگەنگە قەدەر پەيغەمبىرىمىز ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئەچكەلىرىنى سېغىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان.
پەيغەمبىرىمىز يەنە، بويتاق ياكى ئېغىر كۈندە قالغان كىشىلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەم قىلىشتىن ئۆزىنى تارتمايتتى بەلكى بۇ خىل ئىشلاردىن زوق ئالاتتى. 29
پەيغەمبىرىمىز بەزى كۈنلىرى باشقىلارنىڭ ئىشىنى قىلىپ شۈنچىلىك چارچايتتىكى ھەتتا نەپلە نامازلارنى ئولتۇرۇپ ئۇقۇيتتى.30
كەمتەرلىكى:
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئورنى يۇقۇرى، مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولغىنى بىلەن ئۆزى ناھايىتى كەمتەر ئىدى. ھاكاۋۇرلۇقتىن، ماختانچاقلىقتىن يىراق ئىدى. پەيغەمبىرىمىز: «مېنى ناسارالار ئىيسانى ئۇچۇرغاندەك ئۇچۇرماڭلار، مەنمۇ بىر بەندە. مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلەر» دەيتتى.31 ئۇ يەنە كەمتەرلىك ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ماڭا ۋەھىي قىلدىكى، سىلەر كەمتەر بولۇڭلار، ھېچكىم ھېچكىمگە چوڭچىلىق قىلمىسۇن، ھېچكىم ھېچكىمگە يۇغانچىلىق قىلمىسۇن.» 32
پەيغەمبىرىمىز ئۆيىدە بولسۇن ياكى سىرتتا بولسۇن ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلاتتى.33 تۇل ئاياللار، يىتىم بالىلار ۋە يۇقسۇل كىشىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ-قۇپۇپ، پاراڭلىشىشتىن ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلاتتى، كىسەللەرنى يوقلايتتى، مېيت نامازلىرىغا قاتنىشاتتى، ھەتتا قۇل-دېدەكلەر چاقىرىغان يەرلەرگىمۇ باراتتى.34 قوينىڭ بىر تۇيىقى ئۈچۈن مېھمانغا چاقىرىلسىمۇ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان35 ھۇزۇرىغا كەلگەن بىر ياشنىڭ تىتىرەپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: «تىتىرمە! مەن ھۆكۈمدار ئەمەس. مەن، قۇرەيش قەبىلىسىدىن قاقلانغان گۆش يېگەن بىر ئايالنىڭ ئوغلى»دېگەن.36
پەيغەمبىرىمىز ئۆزىدىن ناھايىتى خاتىرجەم ئىدى.باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قىلغان قاتتىق مۇئامىلىلىرىدىن ئۇلارغا ئاچچىقلىمايتتى ۋە ئىچىدە غوم ساقلاپ ئۆچ ئېلىشقا ئۇرۇنمايتتى.37 ھۈنەيىن ئۇرۇشىدىكى غەنىمەت تەقسىماتىغا قارىشى چىققان زۇلھۇۋەيسەرا نىڭ: :ئادىل تەقسىم قىلمىدىڭ» دېگەن سۆزىگە ئاچچىقلىماستىن: «مەن ئادىل تەقسىم قىلمىسام يەنە كىم ئادىل تەقسىم قىلار» دېيىش ئارقىلىق چېچىلىپ يۈرمەستىن ئۇزىنى تۇتقانىدى. ھۇزۇرىغا كەلگەن ناتۇش كىشىلەرنىڭ قاتتىق-قۇپال سۆز-ھەرىكەتلىرىگە سەۋر قىلاتتى.
جەسۇرلىقى
پەيغەمبىرىمىز مەيلى ئۇرۇشتا بولسۇن ياكى نورمال تۇرمۇشتا بولسۇن ئەڭ جەسۇر ئىنسان ئىدى38 بىر قېتىم مەدىنەدە قورقۇنچلۇق بىر ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ.پەيغەمبىرىمىز ھەممىدىن بۇرۇن ئاۋاز ئاڭلانغان جايغا بېرىپ سەۋەبىنى بىلىپ كىلىپ مەدىنە خەلىقىنى خاتىرجەم قىلىدۇ.
مەدىنەگە ھىجرەت قىلىش ئالدىدا تۇرغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆيى قورشىۋېلىنغاندا،39 ئەبۇ بەكىر بىلەن بىللە يۇشۇرنىۋالغان غارغا مۇشرىكلەر ئىزدەپ كەلگىنىدە،40 ئۇھۇد ئۇرۇىشىدا ئۇبەيد بىننى ھالەبنىڭ پەيغەمبىرىمىز بىلەن جېنىنىڭ بارىچە ئېلىشقىنىدا41 ۋە نۇرغۇنلىغان شىددەتلىك ئۇرۇشلاردا پەقەت قورقۇپ قالمىغان، ئەكسىچە جاسارىتىنى كۆرسىتىپ ئەسھابىلىرىغا ئۈلگە بولغان.
ۋاپادارلىقى
پەيغەمبىرىمىز بەرگەن ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلىپ كەلگەن، بىرسىگىمۇ خىلاپلىق قىلمىغان. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبىلھەمسەنىڭ رىۋايىتىگە قارىغاندا ئۇ پەيغەمبىرىمىز بىلەن جاھىلىيەت دەۋرىدە بىر ئېلىم-بېرىم مۇئامىلىسى قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىزگە ئازىراق بىرىشى بولۇپ مەلۇم بىر يەردە تاپشۇرۇپ بىرىشكە كىلىشىدۇ، ئەمما قىلىشقان بۇ ۋەدىنى ئابدۇللاھ ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئۈچىنچى كۈنى ئېسىگە كىلىپ دىيىشكەن يەرگە بارغاندا پەيغەمبرىمىزنى شۇ يەردە ئۇچۇرتىدۇ. 42
مېھرىبانلىقى
پەيغەمبىرىمىز پۈتۈن ئەھلى جاھانغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەندۇر.43 ئۆزىگە ئازار بەرگەن، سۈيقەست قىلغان، ھەتتا ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەرگىمۇ ھېچبىر زامان بەددۇئا قىلمىغان.
ئەقەبە كۈنى كۆرگەن ئەزىيەتلىرىدىن كوڭلى يېرىم بولغان پەيغەمبىرىمىزگە جىبرائىل ئەلەيھىسسالام كىلىپ: «ئاللاھتائالا سېنىڭ قەۋمىڭگە دېگەنلىرىڭنى ۋە قەۋمىڭنىڭ ساڭا بەرگەن رەددىيەلىرىنى ئاڭلاپ ساڭا تاغ پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى، ئۇنىڭغا خالىغىنىڭنى بۇيرىغىن» دېگەن.... ۋە تاغ پەرىشتىسى: «خالىساڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مەككىدىكى ئىككى تاغنى دۈم كۆمتۈرەي» دەپ ئەمرىگە تەييار بولۇپ تۇرغان، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبىرىمىز قەۋمىگە بەددۇئا قىلماي ياكى بۇيرۇقى ئاستىدىكى تاغ پەرىشتىسى ئارقىلىق ئۇلارغا بىرەر جازا بۇيرۇماي ئاللاھتىن پەقەت مۇنداق تىلەكتە بولغان: «ئاللاھنىڭ، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان، ئاللاھقا شىرىك كەلتۇرمەيدىغان ئەۋلادلارنى چىقىرىپ بىرشىنىلا ئۈمۈد قىلىمەن»44
ئۇھۇد ئۇرۇشىدا بىر تال چىشى سۇنۇپ، يۈزلىرى يارىلانغاندا ساھابىلار مۇشرىكلار ئۈچۈن بەددۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما پەيغەمبىرىمىز ئۇلارغا مۇنداق دېگەن: «مەن قارغىش ئۈچۈن ئەمەس، دەۋەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ۋە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن» 45
چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ۋە كىچىكلەرنى ئىززەتلەشنى دىنى پىرىنسىپ ھالىغا كەلتۈرگەن، پەيغەمبىرىمىز بۇ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ دىندىن يىراق قالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.46
«مېھرىبان بولمىغان ئادەمگە ئاللاھ مېھرىبان بولمايدۇ»47 دېگەن پىرىنسىپنى ئوتتۇرغا قويغان پەيغەمبىرىمىز: «سىلەردىن قانداق بىر كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرگەندىلا ئاندىن مۇسۇلمانى كامىل ھېسابلىنىدۇ»48 دېيىش ئارقىلىپ ئىمانى كامىللىقنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشكە باغلىغان.
سەۋرى-تاقىتى ۋە ئەپۇچانلىقى
پەيغەمبىرىمىز ئەتىراپىدىكى ئىنسانلارنىڭ قۇپال مۇئامىلىلىرىنى كۆرگەندە سەۋر قىلاتتى ۋە كەچۈرەتتى49 ساھابىلىرىگە قىلىنغان قۇپال مۇئامىلىلەرگىمۇ سەۋر قىلىش بىلەن بىرگە ساھابىلارغا ئىلگىركى ئۈممەتلەردىن ئىبرەتلىك ھېكايىلەر سۆزلەش ئارقىلىپ ئۇلارنىمۇ سەۋرچانلىققا ۋە ئەپۇچانلىققا ئۈندەيتتى.
پەيغەمبىرىمىز بىر ئىنساننىڭ بېشىغا كىلىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرگە ئۇچىرغان ۋە ھەممىسىگە تاقەت قىلغان؛ تۇغۇلماي تۇرۇپ دادسى ۋاپات بولغان، ئالتە يېشىدا ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەن، سەككىز يېشىدا چوڭ دادىسى قازا قىلغان،تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىننى تەرك ئىتىپ ھەممە نەرسىسىنى ئۇ يەردە قالدۇرۇپ مەدىنىگە ھىجىرەت قىلغان، ئاياللىرىدىنمۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەنلەر بولغان.يەتتە بالىسىنىڭ ئالتىسىدىن ئايرىلىپ قالغان.شۇنچىۋالا جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتىپ تۇرۇپمۇ ئۇچرىغان يامانلىقلارغا سەۋر قىلغان. ھەتتا يەكتىكىنى تارتىشتۇرۇپ گەدەنلىرىنى قىزارتىۋەتكەنلەرنىمۇ، ھاياتىغا قەست قىلغانلارنىمۇ ئەپۇ قىلغان.50历史上的今天:
مۇھەببەتنىڭ مەنىسى 2009-01-31مۇھەببەت ۋە ۋاقىت 2009-01-31مۇھىم خاتىرە كۇنلەر 2009-01-31چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار 2009-01-31خانىم-قىزلارغا مەسلىھەت 2009-01-31
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى