
-
چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار _cat}
مەھسۇلاتلارنى چۈشەندۈرۈلۈشىنى كۆرشنى بىلىۋېلىڭ ، بولمىسا ئالغان نەرسىنى ئىشلىتەلمەي قالىسىز ؛
كىر يۇيۇشنى ئۆگۈنىپ قويۇڭ ، بولمىسا ئايىغىڭىزنى كىر ئالغۇدا يۇيۇپ قويۇسىز ؛
چىراق كۆيۈپ كەتسە ئالماشتۇرۇشنى ، تەرەت تۇڭى بۇزۇلسا ياساشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ ، بولمىسا ھە دېسىلا رېمونتچى چاقىرتىشمۇ بىر ئاۋارچىلىق ؛
ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ تاشلاڭ ، ئىشلىتىپ بولغان باتارېيىلەرنى ئەخلەتلەرگە قوشۇپلا تاشلىماڭ ؛
تېرىڭىزىنىڭ مايلىق ، قۇرغاق ياكى ئارلاشما تېرە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ ، بولمىسا شۇنچە پۇلنى خەجلەپ ماي سېتىۋېلىپ ، مايلىق تېرىنى تېخىمۇ مايلىق ، قۇرغاق تېرىنى تېخىمۇ قۇرغاق قىلىپ قويۇسىز ؛
قانداق ۋاقىتىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرشنىڭ ياخشى پەيتى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ ، ئون سائەت ئىشلەپ بولۇپ ئارقىدىن چېنىقسىڭىز ، ئۇ چېنىققانلىق ئەمەس ، بەدەنگە زەرەر يەتكۈزگەنلىك بولىدۇ ؛
ھېچبولمىغاندا بىرەر كۆڭىل ئېچىش ئۇسۇلىڭىز بولىشى كېرەك ، قارتا ئويناش ياكى شاھمات ئويناش دېگەندەك ؛
ئاتا - ئانىڭىزنىڭ كىيمىنىڭ رازمېرىنى ياكى نېمىنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلمىسىڭىزمۇ ، لېكىن تۇغۇلغان كۈنىنى چوقۇم ئەستە ساقلاڭ ؛
توي قىلسىڭىز بولامدۇ - بولمامدۇ ، تېنىڭىزنىڭ ئەخۋالىنى مۆلچەرلەڭ ، بولمىسا توي قىلمايلا بويتاق ئۆتۈپ كەتكىنىڭىز ياخشى ؛ (بۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ ، بۇ گەپنىڭ تازا ماس كەلمىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم ، ئەسلى ماقالىنىڭ ئاپتورىغا ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن بۇ قۇرلارنى ئۆزگەرتمەي چىقىرىپ قويدۇم ، توغرا كۆز قاراشتا بولىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن ) .
خەرىتە كۆرىشىنى ئۆگۈنىۋېلىڭ ، ھېچبولمىغاندا ، ئۆزىڭىز تۇرغان ئورۇننى تېپىشىنى بىلىۋېلىڭ ؛
110 ، 119 ، 120 ، 122 ، 10086 ياكى 10010 دېگەندەك تېلېفون نومۇرلىرىنى بىلىۋېلىڭ ، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، جۇڭگونىڭ خەلقئارالىق رايۇن نومۇرى 0086 ؛
ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابىنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ ، ئويلىمىغان ۋاقىتتا ئىشلىتىپ قېلىشىڭىز مۇمكۇن ؛
توختامنى كۆرۈشنى ، ھېچبولمىغاندا ئۆزىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختىمىنى كۆرۈشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ ؛
شەخسى تاپاۋەت بېجىنى قانداق تاپشۇرۇشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ ، بولمىسا بىلىپ - بىلمەيلا باج ئوغىرسى بولۇپ قالىسىز ؛
ئۆزىڭىزگە قانداق سۇغۇرتا لازىم ، قاندىقى لازىم ئەمەسلىكىنى بىلىۋېلىڭ ، بولمىسا سۇغۇرتا خادىمىنىڭ ئىككىلەندۈرۈشى بىلەن ئېغىپ كېتىسىز ؛
بانكا كارتىڭىزنىڭ مەخپى نومۇرىنى يادقا بىلىڭ ، تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى مەخپى نومۇر قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ ؛
مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرالمىىسىڭىز ، بانكا ياكى مالىيە ئىشلىرى مەھلىھەتچىسىنى ئىزدەڭ ، پۇللىرىڭىز بانكىدا مىدىر قىلماي تۇرىۋەرمىسۇن ؛
ئاپتوماتىك بانكىدىن پايدىلىنىشنى بىلىۋېلىڭ ، توردىن نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىش ياخشى يۈزلىنىش ؛
ISO9001 ياكى ISO 9002 نى بىلمىسىڭىز مەيلى ، بىراق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئۈستىدىكى CE نىڭ سۈپەت كاپالەتنامىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالماڭ ؛
سولياۋ خالتىلار نېفتتىن ياسالغان بولغاچقا ، ئۇنى ئامال بار ئاز ئىشلىتىڭ ؛
ئاسماندىكى بۇلۇتقا قاراپ ھاۋا رايىنى بىلەلمىسىڭىزمۇ ، يۇلتۇزغا قاراپ بىر نېمە دىيەلەيدىغانسىز ؛
چاقماق چېقىپ يامغۇر يېغىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلىۋېلىڭ ، بولمىسا خەقنىڭ بېيجىڭدا ئىيوندىمۇ قار ياغىدىكەن ، دېگىنىگە ئىشىنىپ يۇرىسىز历史上的今天:
مۇھەببەتنىڭ مەنىسى 2009-01-31مۇھەببەت ۋە ۋاقىت 2009-01-31مۇھىم خاتىرە كۇنلەر 2009-01-31خانىم-قىزلارغا مەسلىھەت 2009-01-31ئاتىلار سۆزى- كومپاسنىڭ ئۆزى 2009-01-31
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى