سەردار بىلوگى قۇرلغىلى
  •   ئوقۇتقۇچى بولغانغا تويدۇم!!! _cat}

    خەتكۈچ:parzat tarbiyisi

    ئوقۇتقۇچى بولغانغا تويدۇم!!!
    2006-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتىتىنى <قوڭام>نى ئاران يۆلەپ يۈرۈپ غەلبىلىك تاماملاپ، ئالىدىغان كېنىشكىلەرنى بىرنى قويماي ئېلىپ ئانا يۇرتۇم خوتەنگە قايتىپ كەلدىم. گەرچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىدا ئالاھىدە ياخشى ئوقۇپ، ئىنتايىن بىلىملىك بولۇپ كەتمىگەن بولساممۇ، بىراق ئۆزەم بەش يىل جەريانىدا بىلىپ-بىلمەي ئۆگىنىپ قالغان بىلىملىرىم، توپلىغان تەجرىبىلىرىم ھازىرقى خوتەن رايونىغا نىسبەتەن خېلى ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيە ھېسابلىناتتى. ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن ئۆيدىكىلەرمۇ خېلى خۇشال بولۇپ قالدى، چۈنكى ئۆيىمىزگە <پىلانلىق توغۇت سىياسىتى> كېچىكىپراق بارغانمىدىكىن تاڭ، نوپۇس كۆپ بولغاچقا ئۆيدە نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئوقۇتىدىغان بىر ئادەم ئازلىغانىدى. مەنمۇ جاپالىق ئوقۇشنى تاماملاپ خېلى يىنىكلەپ قالغانىدىم. ئۆيگە كېلىپلا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا بەرگەن <شىنجاڭ رايونىغا قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى تولۇقلاش ئىمتىھانى> نىنىڭ ئەمەلىيەت ئىمتىھانىغا تەييارلىقنى باشلىۋەتتىم(يېزىقچە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن). تەييارلىق قىلىش، تېزىملىتىش جەريانىدا خوتەن شەھىرىدىكى نۇرغۇن ئىدارە ۋە ئورۇنلارنى بىلىۋالدىم. بۇنىڭ ئىلگىرى مەن خوتەن شەھرىنى تۈزۈكمۇ بىلمەيدىكەنمەن. شۇنداق قىلىپ ھاياتىمدىكى تۇنجى ئەمەلىيەت ئىمتىھانىغا كىردىم. ئىمتىھاننى ياخشى بىرىپ چىقتىم، بىراق نەتىجە چىققاندا مەن ئۆتەلمىگنىدىم. شۇ ۋاقتىدا مەن، -باشقىلار چوقۇم يول مېڭىپ مېنىڭ ئورنۇمنى ئىگىلىۋالدى، دەپمۇ يۈردۈم، بىراق ئىچىمدە يەنىلا ئۆزەمنىڭ دۆتلىكىنى ئىتىراپ قىلدىم.
    مۇشۇ ئىمتىھاندىن كىيىنلا <خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كەسپى ئورۇنلارغا خادىم قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى>، <شىنجاڭ مەمۇرى ئىمتىھانى> دىگەنگە ئوخشاش ئىمتىھانلارنى ئارقا-ئارقىدىن بەردىم، ئاقىۋەت يەنىلا ئەمەلىيەت ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىدىم. ئامال يوق! كىم مېنى دۆت بولسۇن دەپتىكەن، ياخشى ئوقۇمىسۇن دەپتىكەن؟!!! ئەگەر ياخش ئوقۇغان بولسام، نەتىجەم ئالاھىدە يۇقىرى بولغان بولسا، باشقىلار پۇل خەجلەپمۇ مېنىڭ ئورنۇمنى ئىگىلىۋالالمايتتى! بەلكىم بۇنداق دېسەم باشقىلار، نەدىمۇ مۇشۇنداق ئىش بولسۇن؟ دىيىشى مۇمكىن. بىراق، بىزنىڭ خوتەندە ئوقۇتقۇچى، كەسپى ئورۇن خىزمەتچىسى، ساقچى، ئەسكەر بولۇشلارنىڭ نەرقى ئالدىنئالا بېكىتىپ قويۇغلۇق. ئىلگىرى بىر ئادەم\20000 يۈەن بولسا، ھازىر مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ بىرئادەم\ 40000-50000 مىڭ يۈەنگە ئۆرلەپتۇ. بەزى چاغدا، نېمىشقا باشلىقنىڭ بالىسى بولماپتىم بۇلا، دەپ قاقشىغان يەلىرىممۇ بار.
    شۇنداق قىلىپ نەچچە قېتىم ئىمتىھان بىرىپ ھەممىسىدە مەغلۇپ بولدۇم. ئاخىرى ئىمتىھاندىن ئۈمۈدىمنى ئۈزۈپ ئۆزەم بىر ئىش قىلماقچى بولدۇم-دە، شەھەرگە بېرىپ ئىش ئىزدەشكە كىرىشتىم. شۇنداق ياخشى خىزمەتلەر ئۇچرىدى، بىراق مائاشى بەك تۆۋەن ئىدى. مۇشۇ ئىشلارنىڭ ئىچىدە كەتكۈزۈپ قويغان بىردىنبىر ئىشىم <خوتەن ئوتتۇرا ئاسىيا ماشىنا سېتىش شىركىتى> دە ئىشلەش بولغانىدى. شۇ ۋاقىتتا بۇ شىركەتنىڭ خوجايىنى مەندىن نەخ مەيداندا سوئاللارنى سوراپ، كومپىيۇتېر مەشغۇلاتىنى قىلغۇزۇپ مەندىن ھەقىقەتەن رازى بولغانىدى ھەمدە مېنىڭ بارلىق تېلفون نومۇرۇمنى ئېلىپ قېلىپ، چاغان ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن كەپ ئىشلىشىمنى، بىرنەچچە ئىشتىن خالىغان بىرنى تاللاپ قىلىسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ خۇشاللىقنى ئۆيدىكىلەرگە ئېلىپ باردىم، ئۆيدىكىلەرمۇ مېنىڭ ئىشلىشىمگە قوشۇلدى، بىراق ئىمتىھان ئالسا چوقۇم قاتنىشىشىمنى ئېيتتى. مەن چاغاننىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى كۈتتۈم. بىراق مۇشۇ مەزگىلدە بۇ گەپ بىر تۇغقىنىمىزنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ، مېنىڭ ئۇ يەدە ئىشلىمەسلىكىمنى، ئەگەر ئىمتىھان بولۇپ قالسا ئۇيەردىن چىقماقنىڭ تەسلىكىنى، بىزنىڭ يەنە بىر تۇغقىنىمىزنىڭ بىر شىركىتى بار بولۇپ، مېنىڭ شۇ يەردە ئىشلىشىمنى، ئىمتىھان ۋە باشقا ئىشلاردا ئاسانلا چىقىۋالغىلى بولىدىغانلىقنى ئېيتىپ مېنى ئۇ ئىشتىن توستى. ئامال يوق مەنمۇ ماقۇل بولدۇم. چاغان ئۆتۈپ كەتكەندە مەن تېلفونۇمنى قەتئىي ئاچمىدىم، ھېلىقى شىركەتنىڭ خوجايىنى مەن بىلەن ئالاقىلىشالماي ئۆيگە تېلفون ئۇرۇپتۇ. مەن ئۇ تېلفوننىمۇ ئالمىدىم. شۇنداق قىلىپ ئۇلاردىن<قۇتۇلۇپ> ھېلىقى تۇغقىنىمىزنىڭ شىركىتىگە ئىشقا بېرىشقا باشلىدىم. بۇ جەرياندا مەن كاسسىرلىققا ئائىت نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگۈنىۋالدىم ۋە باشقا نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆگۈنىۋالدىم. لېكىن بىر ئاي ئۆتمەي بۇ شىركەتتىنمۇ رايىم ياندى، كۈندە تۈزۈك ئىش يوق، ئەتىراپىمدىكى ھەممە ئادەم خەنزۇ، بەك زېرىكىشلىك ئىدى. ئاخىرى ئالدىمىزدا ئىمتىھان بار ئىكەن، مەن ئىشلىمەي، دەپ ئۇ شىركەتتىنمۇ چىقىپ كەتتىم. يەنە بىر قېتىم ئىمتىھان بىرىپ ئۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا مەغلۇپ بولدۇم.
    ئەمدى بىر ئىش قىلمىسام زادىلا بولمايتتى. بۇ چاغدا دىيارىمىزدا ئەڭ ئېقىۋاتقان ئىش - تاش كولاش ياكى تاشچىلىق قىلىش ئىدى. تاش ئېلىپ-سېتىشقا نۇرغۇن دەسمايە كېتىدۇ، بىراق تاش كولاشقا ھېچقانداق دەسمايە كەتمەيدۇ. مەن شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ <تىل-ئەدەبىيات> كەسپىنى پۈتتۈرگەن بىر ئاغىنەم بىلەن تاش كولاشقا باشلىدىم. تاپاۋىتىمىز ئانچە يامان ئەمەس بولدى. كۈنىگە ھېچبولمىغاندا 20-30 يۈەن، كۆپ بولغاندا نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم بولۇپ تۇراتتى. بىر كۈنى خۇدايىمنىڭ رەھمى كەلدىمۇ، 8 ئادەم بىرلىشىپ كولىغان بىر كاندىن ئىنتايىن چىرايلىق بىر تاش چىقتى. ھەممىمىز خۇشاللىقىمىزنى باسالماي قالدۇق. تاشنىڭ چوڭلىقى بىر سەرەڭگىنىڭ قېپىچىلىكلا كېلەتتى، بىراق بەك ئېسىل ئىدى. بىز شۇ ھامان تاشچىلارغا خەۋەر قىلدۇق، بىراق ئادەم كۆپ بولۇپ قالغاچقا تاشنى ئېلىپ قاچتۇق. كەينىمىزدىن يەتكەنلەر بىلەن سودىنى باشلىدۇق. -2000، -ياق.-3000،-ياق.-4000، -ياق. -5000، -يەنە ياق. ئاخىرى 5800 گە باھا پۈتۈلدى. مۇشۇ پۇل ۋە باشقا پارچە-پۇرات تاشلارنىڭ پۇلىسىدىن بولۇپ بىراقلا 800 يۈەن پۇل تەگدى. خۇشال ھالدا ئۆيگە كىرىپ 300 نى ئۆيدىكىلەرگە تۇتقۇزۇپ قويۇپ شەھەرگە يول ئالدىم. 500 يۈەن بىر كېچە خەجلەشكە يەتمىدى. ئىشلار ئۇزۇنغا بارمىدى. مەن ئۆيدىكىلەردىن 2000 يۈەن قەرز ئېلىپ تاش ئېلىپ-ساتماقچى بولدۇم. ئەمما بۇ ئىشنىڭ ئېپىنى تازا بىلنىگەچكە 2000 يۈەن ھەپتىلىكمۇ بولمىدى. قەرز!!!
    مەن مۇشۇ ۋاقىتتا يەنە شەھەرگە بېرىپ ئىش ئىزدىدىم. ئاخىرى بىر دوستۇمنىڭ تورخانىسىدا ئويناپ يۈرۈش داۋامىدا چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمايدىغان بىر ئىشقا تۇتۇش قىلدىم. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئېنتىرنېتتا 机器狗 دىيىلىدىغان بىر ئەسكى ۋىرۇس تارقالغان بولۇپ، ھەممە تورخانا دىگۈدەك بۇ ئەبلەخنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان ۋاقىت ئىدى. مەن مۇشۇ ۋاقىتتا ھېلىقى ئاغىنەمنىڭ تورخانىسىنىڭ سېستىمىلىرىنى بىر قوللۇق ئىشلەپ، كىنو-ناخشا، ئويۇنلارنى قاچىلاپ تورخانىنىڭ تىجارىتىنى خېلى يۈرۈشتۈرۈپ بەردىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ بىر تور مەستانىسى بولغاچقا تورخانىغا كىرىدىغان ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ ھەممىسى بىلەن دىگۈدەك ئاغىنە ئىدىم. ئۇلار نىمىگە ئىھتىياجلىق بولسا شۇنى تەق قىپ بىرەتتىم. ئاغىنەمگە قاچان پۇل دىسەم بىرىپ تۇراتتى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولدۇم، نۇرغۇن قىز-ئوغۇل دوستلىرىم كۆپەيدى. بىراق بۇ ئىش ناھايىتى جاپالىق ئىدى. بەزى چاغدا بىر-ئىككى كۈن ئۇدا ئۇخلىمايدىغان ئىش بولاتتى.
    مۇشۇ چاغلاردا خوتەندە <2007-يىللىق ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش ئىمتىھانى> غا تېزىملاش باشلاندى. مەنمۇ تېزىملاتتىم. گەرچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپاسىنى ئىلگىرى كۆرۈپ باققان بولساممۇ(بىزنىڭ ئۆيدە مەندىن باشقا ئۈچەيلەن ئوقۇتقۇچى) يەنىلا تېزىملاتتىم. ئامال يوق! كېيىنلىكىمنى ئويلىمىسام بولمايدۇ-دە! ئېمتىھانغا تېزىملىتىۋېتىپلا بىر ئايلىق كۇرۇسقا تېزىملاتتىم. بۇ جەرياندا تورخانىنىڭ سېستىمىسىمۇ خېلى ئوبدان مېڭىپ بەردى، ئۇ يەرگىمۇ جېىق بارمىدىم. سىنىپتا نۇرغۇن چىرايلىق قىزلار بار بولسىمۇ كۆز قىرىمنى سېلىپ قويمىدىم. شۇنداق قىلىپ بىر ئاي جاپالىق تىرىشىپ ئىمتىھاننىڭ بىرىنچى ئۆتكىلىدىن غەلبىلىك ئۆتتۈم. ئەمدى يەنە بەرداشلىق بىرىپ ئىككىنچى ئۆتكەلدىنمۇ ئۆتمىسەم بولمايتتى. يەنە تىرىشتىم، جاپالىق خىزمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشتىم. ئاخىرى ئۆيدىكىلەرنى بىر قەدەممۇ ماڭغۇزماي، 6-قېتىملىق ئىمتىھاندا ئۆز ئۆيەمنىڭ يېنىدىكى مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولدۇم.
    بىر ئايلىق تەربىيلىنىش باشلاندى. بۇ بىر ئاي مېنىڭ ھاياتىمدا ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلارنى قالدۇردى. ئىلگىرى مەن قىزلار بىلەن ئانچە ئارلىشىپ كەتمەيتتىم. ئالى مەكتەپتىمۇ بىرەرسى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان. بىراق بۇ قېتىم بىر ئاينىڭ كىيىنكى 15 كۈنىدە بىزنىڭ سىنىپتىكى بىر گۈزەل قىز بىلەن چىقىشىپ قالدىم. گەرچە مۇناسىۋىتىمىز نورمال بولسىمۇ، بىراق ئاللىقاچان مۇھەببەت پەيدا بولۇپ بولغانىدى. بۇ قىز تا ھازىرغىچە مېنى قىيناۋاتىدۇ~!
    2008-يىلى 3-ئاينىڭ 3- كۈنى ئۆز ئانا مەكتىپىم <سامپۇل ئوتتۇرا> غا خىزمەتكە چۈشتىم. بۇ 1998-يىلى 9-ئايدا بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن بۇيان، توپتوغرا ئون يىلدىن كىيىن ئانا مەكتىپىمگە تۇنجى كىلىشىم ئىدى. تۇنجى كۈنى ئەتىگەندە مەكتىپىمىزدە چوڭ يېغىن ئېچىلىپ بىز يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنى قارشى ئالدى(مەن بىلەن تەڭ 20 ئوقۇتقۇچى كەلگەن). ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى 20 ئادەمنىڭ 10 نىمۇ ئۆزىنىڭ كەسپىنى ئۆتەلمىگەنىدى. ئەڭ ئەلەم بولغىنى مەن بولدۇم. ماڭا تەنتەربىيە دەرىسى تەقسىم بولدى. ئۆزەم توپنىمۇ ئانچە ئوينىيالمايدىغان تۇرسام، بۇ دەرىسنى قانداقمۇ ئۆتەمەن دەپ قاقشاپ سىرتقا چىقسام، بىر خانىم مېنىڭ يېنىمغا كەلدى، مەن سالاملىشىپ بولۇپ، ماڭماقچى بولسام ئۇ ماڭا، سىز مېنىڭ سىنىپىمغا سىنىپ مۇدىرى بولۇپسىز، كىرىپ سىنىپنى ئۆتكۈزۈۋالغان بولسىڭىز، دىدى. ئاھ! بۇ گەپنى ئاڭلاپ كاللامدىن بۇس ئۆرلىدى. ماڭا بىرەرسى سىنىپ تۇتۇسىز دىمىگەن، بۇ قانداق گەپ ئەمدى، دىسەم، ئۇ ماڭا، ئىشەنمىسىڭىز ئىلمى مۇدىردىن سوراپ كىلەيلى- دېدى. ئىلمى مۇدىرنىڭ يېنىغا باردىم. -مۇدىر بۇ قانداق گەپ؟ نەدىمۇ خىزمەتكە چۈشكەن بىرىنچى كۈنى سىنىپ تۇتىدىغان ئىش بار؟ مەن 10 ئادەمنىڭ ئالدىدا دەرىس ئۆتۈپ باققان ئادەم ئەمەس، تەنتەربىيە دەرىسىنى قانداق ئۆتەرمەن-دەپ كاللام قېتىپ تۇرسام، بۇ ئەمدى قانداق بولغىنى؟!!! مۇدىر ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئۇكام، بۇ مېنىڭ ئىشىم ئەمەس، مەكتەپنىڭ ئىھتىياجى مۇشۇنداق بولۇپ قالدى، بۇ مەكتەپ مۇدىرى ھەم مەكتەپ مەمۇرىيتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئامال يوق-دېدى. مەكتەپتە مەندىن باشقا 100 كونا ئوقۇتقۇچى تۇرسا، بۇ سىنىپنى تۇتىدىغانغا شۇلاردىن بىرەرسى چىقمىدىما؟! ئەڭ ياخشىسى كىرىپ مەكتەپ مۇدىرىغا دەڭ بۇ گەپلەرنى! مېنڭ ئامالىم يوق-دەپلا گەپنى كېسىۋەتتى. مەن دەرھال شوجاڭنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم، ئەھۋاللارنى ئېيتتىم. ئۇ ئۇكام سىز دىگەن يەرلىك، سىنىپ تۇتقاننىڭ زىيىنى يوق. ئۇرۇنلاشتۇرۇشنى قىلىپ بولدۇق، ئەمدى ياندۇرغىلى بولمايدۇ-دېدى. ئامال يوق ئارقىمغا ياندىم. ئىشخانىدىن چىققىچە ئىچىمدە، ئۆلەسەن ئوغرى، ئىلگىرى ئانام، ئاچامنىمۇ شۇنداق بۇزەك قىلغان سەن، ئەمدى مەن تۇتۇلغان ئوخشايمەن ساڭا-دېدىم. شۇنىڭ بىلەن 1-يىللىق 3-سىنىپقا ھېلىقى خانىم بىلەن بىللە كىرىپ سىنىپنى ئۆتكۈزىۋالدىم.-تۈپ سان-43، ھەل بولمىغان ئوقۇغۇچى-2، يېرىم ھەل بولغان ئوقۇغۇچى-1 . بۇ سىنىپ ئالدىنقى ماۋسۇم مەكتەپ بۇيىچە ئىلغار سىنىپ بولغان؛ دەرىسكە قاتنىشىش، ئۆگۈنۈش، ئىنتىزام ھەرقايسى جەھەتلەردە بىرىنچى. ئەگەر بۇ سىنىپنى تۇتسىڭىز جاپا تارتمايسىز. بۇ گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ خانىم چىقىپ كەتتى.
    سىنىپ تۇتۇپ ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن چوڭ يېغىندا ئىشنىڭ يامىنى چىقتى. دۈجۈرنى تۈنۈگۈنكى مەشغۇلىيەت ئەھۋالىدىن خۇلاسە چىقىرىڭ،-دېدى ئىلمى مۇدىر. دۈجۈر ئوقۇتقۇچى تۈنۈگۈن بولغان ئىشلارنى دەپ كىلىپ، تۈنۈگۈن 7-سائەتلىك مۇزاكىرە ۋاقتىدا XXX مۇئەللىم سىنىپقا كىرمىگەن، دەپ بولغىچە ئىلمى مۇدىر شالىسىنى چېچىشقا باشلىدى. -نومۇر تارتىڭ، ئومۇمى خىزمەت نومۇرىدىن 1 نومۇر تارتىڭ، نىمىشقا كىرمەيدىكەن سىنىپقا، بۇ مەكتەپنىڭ تۈزىمى تۇرسا!!! گەرچە بۇ نومۇرلارنىڭ قانداق رولى بارلىقىنى، نىمە نومۇر ئىكەنلىكىنى بىلمىسەممۇ بۇ ماڭا بەك ھار كەلدى. ئورنۇمدىن تۇرۇپلا،- تۈنۈگۈن مۇنداق-مۇنداق ئىش قىلغان، مەن ئۇقماپتىمەن دىيىشىمگە، بىزنىڭ شۇجى سەت ۋارقىراپ،-ئولتۇرۇڭ جېق گەپ قىلماي-دېدى. تېخىمۇ ئاچچىقىم كەلدى، مەنمۇ-ماقۇل،-دەپ تازا ۋارقىراپ، قاپاقنى تۈرۈپ ئولتۇردۇم. ئەمما يېغىن جەريانىدا ئۇ شۇجى سېسىق گەپلەر بىلەن نەشتىرىنى سانجىشقا باشلىدى.-ئۇنداق سىتالىننىڭ جۇڭسەنفۇسىنىڭ ياقىسىدەك بۇرۇتنى قۇيۇۋېلىپ، <ماقۇل>-دەپ، ۋارقىرىماي گەپ قىللى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا مەن ئاچچىقىمنى زادى بېسىۋالالمىدىم. ئورنۇمدىن قوپۇپ گەپ ياندۇرۇشقا تەمشىلگەنىدىم، يېنىمدىكى بىر ئوقۇتقۇچى مېنى تۇتۇۋالدى. -باشلىقلار چوڭ يېغىندا ئۆزىگە گەپ ياندۇرغانلارغا بەك ئۆچ، ئۇنداق قىلسىڭىز ھامان بىر كۈنى ئۆچىنى ئالىدۇ، ئىچىڭىزگە سىغدۇرۋېتىڭ-دېدى. يېغىندىن كىيىن مەن ئۇدۇللا شۇجىنىڭ يېنىغا باردىم. -شۇجى، مەن سىنىپ مۇدىرى بولماي، ماڭا 30 سائەت دەرىس بەرسىلىمۇ مەيلى، لېكىن سىنىپ مۇدىرى بولماي. ماڭا بىرەرسى مۇزاكىرە ۋاقتىدا چوقۇم سىنىپتا بولۇش كىرەك دەيدىغان گەپنى قىلمىدى، ھەم بىرەرسى مەكتەپنىڭ تۈزۈملىرىنى كۆرسىتىپ بەرمىدى. خىزمەتكە چۈشۈپ ئىككىنچى كۈنى بولۇپ بولغىچە ئىزا ئىشتكىلى تۇرسام، بىرنەچچە يىل ئىشلىيەلمىگۈدەكمەن-دېدىم. بىراق شۇجى، -يېڭى كەلگەنما؟ جېق گەپ قىلماي سېنىپىڭغا بار،- دەپ گەپنى ئۈزۈپ قويدى.
    مۇشۇنداق قېقىلىپ-سوقۇلۇپ يۈرۈپ بىرنەچچە ئاي ئۆتتى. لېكىن مەن تۇتقان <ئىلغار سىنىپ>نىڭ <ئىلغارلىقى> بىلىنىشكە باشلىدى. كېيىن ئەھۋال ئۇقۇشىمچە، بۇ سىنىپنى تۇتقان خانىمنىڭ دادىسى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىلمى مۇدىر بولۇپ، بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئىلمى مۇدىر بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئىكەن. ئاخىرى بېرىپ بۇ مۇناسىۋەت مېنىڭ سېنىپىمنى ئىلغار قىلىپ قويۇپتىكەن. ھېچقانداق تەجرىبىسىز بىر سىنىپنى تۇتۇش ھەقىقەتەن قىيىن ئىكەن، بولۇپمۇ بىزنىڭ مەكتەپتە.
    سامپۇل يېزىسى لوپ ناھىيسى بويىچە ھەممىدىن باي يېزىلارنىڭ بىرى. شۇ سەۋەبلىك سامپۇل يېزىسى باش شۇجى خۇجىنتاۋنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىغا مۇيەسسەر بۇلالىغان(2006-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى باش شۇجى خۇجىنتاۋ لوپ ناھىيسىنىڭ <سوتسىيالىستتىك يىڭى يېزا> قۇرۇشتىكى ئۈلگە يېزىسى بولغان سامپۇل يېزىسىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن). نىمىشقا دىگەندە، مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغانغا ئوخشاش، سامپۇللۇقلاردىن تاشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ باقمىغانلار يوق. مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك بولسۇن تاشنىڭ نېسىۋىسىنى تېتىمىغانلار يوق دىيەرلىك. يېزىمىزدىكى نۇرغۇن ئۇستا، قولىدا گۈلدەك ھۆنىرى بار ھۆنەرۋەن، كاسىپلار تاش كولاپ بىر قۇز پۇل تېپىپلا ئۆزىنىڭ گۈلدەك شۇ ھۆنەرلىرىنى تاشلاپ قويدى؛ باللىرىنى ئوقۇتمىدى؛ داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلارنى سېتىۋالدى؛ خوتۇننى تۆپىلەپ ئالدى؛ پۇل بولغاندىكىن ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنى ھۆرمەتلىمەيدىغان يامان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پو ئېتىپ ئەمەس، يېزىمىزنىڭ ھەرقانداق بىر توپا كوچىلىرىدا داڭلىق ماركىدىكى ماشىنىلارنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
    -------------------------------------------------------------------------------------------
    پۇل بولغاچقا، تەربىيە كەمچىل بولغاچقا مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن ئەخلاقسىز. ئوقۇتقۇچىلارغا تەڭ تۇرۇپ گەپ ياندۇرىدىغان، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇرىدىغان ئىشلار مەكتىپىمىزدە دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. مەنغۇ يەرلىك، بۇ ئىشلاردىن ئانچە قورقۇپ كەتمەيمەن. بىراق، بىزنىڭ مەكتەپتە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئوقۇتقۇچىلار بار. ئالايلۇق: ئۈرۈمچى، بۆرتالا، تۇرپان، قۇمۇل، ئاقسۇ، ئاتۇش، غولجا، شىخەنزە.... خوتەندىكى يەتتە ناھىينىڭ ھەممىسىدىن ئوقۇتقۇچى بار. بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوڭشاپ بىر سائەتلىك دەرىس ئۆتمىكى ھەقىقەتەن تەس. ئىشقىلىپ تامغا ئۆتتىمۇ، جوزا-ئۇرۇندۇققىمۇ بىر سائەتنى تۈگەتسىلا خالاس. مۇشۇنداق بولغاندىكىن مەكتىپىمىزنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ. مەكتەپتە ياۋاشنى بۇزەك قىلىدىغان، گۇروھۋازلىق قىلىدىغان، پوقنى ئىككىگە بۆلەلمەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار ھەر ماۋسۇمدا ئىلغار سايلىنىدىغان، مۇكاپات ئالىدىغان؛ بىزگە ئوخشاش جاپالىق ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئەسكى بولىدىغان ئىشلار تەبىئى. ئاخىرى بىزمۇ كۆنۈپ كەتتۇق.
    مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيان بىرەر قېتىممۇ ئارامخۇدا دەم ئېلىپ باقمىدۇق. مەيلى تەتىل، مەيلى نورمال دەم ئېلىش كۈنلىرى بولسۇن ئىشقىلىپ بىز ماشىنا ئادەمنىڭ ئورنىدا ئىشلەيمىز. مەكتەپنىڭ ئىشى تۈگىسە يېزىنىڭ ئىشىنى قىلدۇق، كېچە-كۈندۈز، ئىسسق-سوغۇق دىمەي. قىممەتلىك يازلىق تەتىل باشلىنىۋىدى، جىبەرلىك خىزمىتى باشلاندى. بۇ دەل ئولىمپىك مەزگىلى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتىۋىمىزدە سىرتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى كۆپ بولغاچقا يەرلىك ئوقۇتقۇچىلار خاپىلىققا قالدۇق. ھەپتىدە بىر كۈن چوقۇم جىبەرلىك قىلىمىز، جىبەرلىككە كېچىكىشكە، جىبەرلىك ۋاقتىدا ئۇخلاشقا قەتئى بولمايدۇ. بەزىدە تېخى يېزىلىق ھۆكۈمەت ئادەم تەشكىللەپ مەكتەپكە كىلىپ ئىچىملىك قۇتىسىغا ئوخشاش بىر نەرسىلەرنى تاشلاپ قويۇپ تاپقىلى سالىدۇ. تاپالمىساق شۇ يەردىلا 200 يۈەن سۇغۇرىدىغان گەپ. ئەڭ بولمىغان ئىشى، كېچىسى خالىغان چاغدا يېزىمىزنىڭ خالىغان يىرىدە <ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى> قۇيۇپ بىرىدۇ، دەل ۋاقتىدا كالتەكنى كۆتۈرۈپ بېرىپ بولمىساق گەپنىڭ سېسىغى، ئىزانىڭ يامىنى شۇ يەردە! كېچىسى ئۇخلىمىغاندىكىن، كۈندۈزى ئۇخلايدىغان گەپ. ئەتىسى بىرنەچچە كۈن ئەس-ھوشىمىزنى بىلەلمەي يۇريمىز. شۇنداق قىلىپ بىر تەتىل جىبەرلىك قىلىش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى.
    ئىككىنچى ماۋسۇم باشلاندى. بىزنى جىبەرلىكتىن ئازات قىلىپ سىرتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى جىبەرلىككە ئورۇنلاشتۇردى. بۇ يارام ئوقۇتقۇچىلار 7 ھەپتىگە بارمايلا يەرلىك ئوقۇتقۇچىلاردىن پاچاق تارتقىلى تۇردى. -ھەي! ھەرقايسىڭمۇ تايىنلىقكەنسە گۇيلا، بىز تەتىلدە، دەم ئېلىش ۋاقتىمىزدا جىبەرلىك قىلدۇق، سەن خىزمەت ۋاقتىدا جىبەرلىك قىلىسەن؛ سەن ئارامخۇدا دەم ئالدىڭ، سىنى دەم ئالغۇزغانمۇ بىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز جىددى چاغلاردىكى جىبەرلىكنى ھەرقايسىڭغا ئوخشاش ئۇخلاپ قىلمىدۇق، سەن ھازىر جىبەرلىك قىلساڭ ئۇخلايسەن شۇ، پەقەت سىنىڭ ئۇخلايدىغان جايىڭلا ئۆزگىرىدۇ. ئۇنداق قىلماي ھاىر قىلىۋەتسەڭ، بىز قىشلىق تەتىلدە يەنە قىلىمىزغۇ! ئۇنىڭ ئۈستىگە قىشتا چاغان كىلىدۇ، جىبەرلىك يەنە ئەۋجىگە چىقىدۇ. جاپاغا قالىدىغىنى يەنە بىز تۇرساق. ناھايىتىلا بىر نەچچە ھەپتىنى ئارتۇق قىلىۋىتىسەن شۇ! پوقۇڭ چۈشۈپ قالمايدۇ!-دەپ سېسىق گەپلەرنىمۇ قىلىپ قويدۇم. بىراق كارغا كەلمىدى. بەرىبىر يات ئەمەسمۇ؟!!!ئەمدى جىبەرلىك قىلىدىغان ئىشتا مەنمۇ پاچاق تارتىمەن، ئۇلارمۇ باشقا مەكتەپتىكى سىرتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئوخشاش بىز بىلەن تەڭ قىلسۇن، تەتىلدە جىبەرلىك قىلغانننىڭ تەمىنى تېتىپ باقسۇن- دەپ.
    ئىككىنچى ماۋسۇم مەن ئويلاپمۇ باقمىغان ئىشلار كۆرۈلگىلى تۇردى. ماڭا جۇغراپىيە دەرىسى تەقسىم بولدى. ئامال يوق!!! بىر سائەت دەرىس ئۆتۈش ئۈچۈن چوقۇم بىرنەچچە سائەت كىتاپ كۆرمىسەم بولمايدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ بىر ماۋسۇم تۈگەي دېدى. لېكىن %90 ئوقۇغۇچى قەتئى دەرىس ئۆگەنمەيدۇ، ھازىر سۆزلەپ بەرسە ھازىر ئۇنتۇپ قالدۇ. بۇنىغۇ قويۇپ تۇرايلى، تاپشۇرۇق ئىشلەش ئىشىغا كەلگەندە مېنىڭ بېشىم ئەڭ قاتتى.-ھۆكۈمەت كىتاپ، تەپشۇرۇق دەپتەر ۋە بارلىق راسخوتلارنى كەچۈرۈپ قىلدى، ھەممىسى ھەقسىز. ھۆكۈمەت بەرمىگەن پەقەت شۇ قەلەم قالدى، ئەگەر تاپشۇرۇقنى ئوبدان ئىشلىسەڭ قەلەمنى ئۆزەم ئېلىپ بىرىمەن-دەپمۇ باقتىم. كار قىلمىدى. ئۇرۇپ باقتىم، ئاقىۋەت مېنىڭ دەرىسىمدە ئوقۇغۇچىلار قاچىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقتى. ئاخىرى ئامال يوق، بەرگەن ئوقۇغۇچىنىڭكىنى تەكشۈردۈم، بەرمىگەننىڭكى قالدى. ئەمما، بىزنىڭ گۇرۇپپا باشلىقىمىز مەن ئىشلەتكەن تاپشۇرۇقلاردىن رازى بولمىدى. چوقۇم ھەممە ئوقۇغۇچى ئىشلىشى كىرەك! شۇنداق قىلىپ ھەر ھەپتىلىك گۇرۇپپا پائالىيىتىدە ئىنتايىن ئاز نومۇر ئالدىم. بۇ مېنىڭ بۇ ماۋسۇملۇق خىزمەتلەردە چوقۇم ئارقىدا چىقىشىمدىن دېرەك بىرىدۇ.
    بىزنىڭ مەكتەپتىكى يەنە بىر يامان ئىشنى ئاشكارلىۋىتەي: مەكتىپىمىزدىكى ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەخسۇس، كونا دەرىس تەييارلىقىدىن كۆچۈرىدىغان، تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرىدىغان <ئوقۇغۇچى كاتىپلىرى> بار. بۇ ئوقۇغۇچىلار ئارام ئالماي شۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ. تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ ئۆزگەرتىدۇ، كونا دەرىس تەييارلىقتىن يېڭىسىغا كۆچۈرىدۇ. بۇ ئىشقا شۇنداق كۆنەككى، مەخسۇس تەربىيلەنگەندەك چاتاق چىقارمايدۇ. بۇ <تالانت> بۇ ئوقۇغۇچىلارغا باشلانغۇچتىنلا كەلگەن. مەن نەچچە قېتىم تاپشۇرۇقلارنى تەكشۈرۈپ بولالماي شەنبە-يەكشەنبە، ھەتتا كېچىلىرى ئۆيگە ئېىپ كىتىپ قىلغان ۋاقىتلىرىمدا بەزى ئوقۇتقۇچىلار ماڭا ئۇسۇل-چارىلىرىنى ئۆگەتكەنمۇ بولدى. بىراق، مېنىڭ ۋىجدانىم يول قويمىدى.
    بىر كۈنى تاپشۇرۇق تەكشۈۋېتىپ بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرى ئارىسىدىن(دەل شۇ قېتىملىق تاپشۇرۇق بار بەتتىن) بىر پارچە قاتلانغان قەغەزنى كۆرۈپ قالدىم، باشتا -كۆرمەيچۇ بولدى، ئەگەر بۇ بىر سالام خەت بولۇپ قالسا سەت بولمىسۇن-دەپ، تاپشۇرۇقنى تەكشۈرۋېتىپ يەنە كۆرۈپ باققۇم كېلىپ قالدى. قەغەزنى ئېچىپ قارىسام، بۇ خەت ئەسلى ماڭا يېزىلغان ئىكەن. تۆۋەندە مەن ئۇ خەتنىڭ مەزمۇنىنى چىكىت، پەشلىرىگىچە شۇ پېتى كۆپچىلىككە سۇندۇم:
    <سالام مۇئەللىم>
    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇئەللىم، ياخشىمۇسىز مەن سىلىنىڭ دەرىسنى كۈڭۈل قۇيۇپ، چۈشەندۈرۈپ، ئۆتۈپ برىشلىرىنى، ھەم تاپشۇرۇقلارنى ئاز بىرىپ، مۇستەقىل ئىشلەشكە دەۋەت قىلىشلىرىنى ئۈمىت قىلىمەن. ساۋاقداشلارنىڭ كۆپ قىسمى دەپتەرنىڭ ئاخىرىدىكى پايدىلىنىش جاۋاپلىرىدىن كۈچۈرۈپ ئىشلەيدۇ. يەنى ئۈگىنىش باشلىقىمىزمۇ كۈچۈرسە باشقا ساۋاقداشلار كۈچۈرمەسمۇ، ئويلاپ باقسىلا.مۇئەللىم ئۈتۈنەي، تاپشۇرۇقلارنى ئاز بىرىپ مۇستەقىل ئىشلەشنى تەشەببۇس قىلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن. دەرىسنى چۈشەندۈرۈپ ئۈتۈپ بىرىشلىرىنى سورايمەن. مەقسەت تاپشۇرۇقنى مۇستەقىل، پىكىر يۈرگۈزۈپ ئىشلەشنى ئۈلگە قىلىش.
    مۇئەللىم دەرىسخانىغا ئارلاشقانلىقىمنى كەچۈرۈڭ
    مۇئەللىم خەيىر-خۇش سىلىگە سالامەتلىك ھەم خۇشاللىق تىلەيمەن.
    مۇئەللىم بەك ئاشۇرۋەتكەن بولسام يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈڭ.
    رەھمەت سىزگە ئوقۇغۇچىڭىز:-XXXX
    مەخپىيەتلىكىمنى ساقلاشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    ----------------------------------------------------------------------------------------
    بۇ خەتنى ئوقۇۋېتىپ ئىختىيارسىز كۆزۈم سەل نەملىشىپ قالدى. دېمىسىمۇ مەكتىپىمىزدە ھەممە ئوقۇتقۇچىلار(بەلكىم مەنلە قالغاندىمەن) ئىككى سائەتلىك دەرىسنى بىر سائەتتە ئۆتۈۋېتىپ، كىيىنكى سائەتتە ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق ئىشلىتىدۇ. قانداق ئىشلىتىدۇ. ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت تارقىتىپ بەرگەن تاپشۇرۇق دەپتەرنىڭ دەرىسلىككە مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىنى تاپشۇرۇققا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، كەينىدىنلا كەينىدىكى ئۆلچەملىك جاۋابىدىن بالىلارغا كۆچۈرتكۈزىدۇ ياكى ئۆگۈنۈش باشلىقىنى ئۆلچەملىك جاۋابنى دوسكىغا يېزىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ يەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەكىتلەيدىغىنى، خەتنى چىرايلىق يېزىشلا خالاس. ئوقۇغۇچىلار تەييار جاۋابنى چىرايلىق كۆچۈرىدۇ، دەپتەرنى يغىۋالىدۇ، <كاتىپ>لارغا تاپشۇرىدۇ. بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقىدىن ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ. ئەمدى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىمىشقا مۇشۇنداق بولۇپ قالغانلىقىغا نىمە سەۋەب بولغان دىگەندە، بىرسى، ماۋسۇم ئاخىرىدىكى نومۇر؛ يەنە بىرسى، ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇقتا چوقۇم 70 تىن يۇقىرى ئېلىشى شەرت. 70 نومۇردىن تۈۋەن بولغان تاپشۇرۇقلار لاياقەتسىز، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوڭ باشلىقلار ئۆگەتكەن.
    ئۆتكەن ماۋسۇم تەنتەربىيە دەرىسى ئۆتۈپ تاپشۇرۇق دەيدىغان بۇ نەرسىگە يولۇقۇپ باقمىغان. بۇ ماۋسۇم جۇغراپىيە دەرىسى ئۆتۈپ <جۇغراپىيە خەرىتە تولدۇرۇش مەشىقى> دەيدىغان بۇ بىرنىمىنى تاپشۇرۇققا ئورۇنلاشتۇردۇق. باشتا ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇقنى ھەقىقەتەن كۆپ بىرەتتىم، بىر ھەپتىلىك، يەنى ئىككى سائەتلىك دەرىسكە 2-3بەت، تاپشۇرۇقنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بەزى سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئۆزەممۇ ئۇقالماي، مەنمۇ كەينىدىكى ئۆلچەملىك جاۋابقا قاراپ تەكشۈرەتتىم. مەنمۇ چۈشەنمىگەن بۇ سۇئالللارنى كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى توغرا ئىشلەيتتى. بۇ ئېنىقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆچۈرگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ كۆڭلۈمدە، -كاللاڭ خىېلى ئىشلەيدىكەن، توغرا جاۋابىنى تېتىپ كۆچۈرەلىپسەن-دەپ نومۇرنىڭ يوغىنىنى بىرەتتىم. بىراق، دەرىسخانىدا چوقۇم شۇ سوئالنى ئومۇملاشتۇرۇپ بىرەتتىم. گەرچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆچۈرگىنىنى بىلىپ تۇرساممۇ، ئۇلارنى تاپشۇرۇقنى كۆچۈرمەسلىككە، مۇستەقىل ئىشلەشكە ئۈندەپ تۇرساممۇ، بىراق ئۇلارنى كەسكىن توسمىغانىدىم. ئەمدىلا تۇلۇقسىز 1-يىللىقنىڭ 1-ماۋسۇمىدا ئوقۇۋاتقان بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ مېنى <ئاگاھلاندۇرۇپ> يازغان خېتى ماڭا بەك تەسىر قىلدى. مەن شۇ كۈندىن باشلاپلا تاپشۇرۇقنى ئەڭ ئاسانلىرىنى تاللاپ، ئەڭ ئازلىتىپ بىرىدىغان بولدۇم؛ تەسراقلىرى بولۇپ قالسا ئىشلەش يولىنى كۆرسىتىپ بەردىم. لېكىن بۇ خىزمەتلىرىم ماۋسۇم تۈگەي دەپ قالغاندىمۇ بىر ئىزىغا چۈشمىدى. دائىم ھەممە ئوقۇتقۇچىنىڭ كەينىدە ماڭىمەن.
    مەكتىپىمىزدە ھەركۈنى ئىككى قېتىم چوڭ ئىشخانىغا يىغىلىدىغان ئادەت بار. مەيلى ئىش بولسۇن، بولمىسۇن. باشتا ئەتىگەن يىغىلىپ يوقلىما تۈگىگەندىن كىيىن ئورۇنلاشتۇرۇش بولسا ئاڭلاپ ماڭاتتۇق. بىراق بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەركۈنى كەچلىكتە ئىشىكى ئېچىلمىغان چوڭ ئىشخانىنىڭ ئالدىغا يىغىلىۋېلىپ باشلىقنىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشى بۇ مەكتەپنى خۇددى بىر روھى كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئوخشىتىپ قويغانىدى. بەزىدە ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپمۇ قويدۇق. ئەمما ھازىرغا كەلگەندە، بىزمۇ پۈتۈن كۈنلۈك مەشغۇلىيەت تۈگىسىمۇ ئىختىيارسىز چوڭ ئىشخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بىر قاراپ قۇيىدىغان بولۇپ قالدۇق.
    <ئىككى ئاساسەن> خىزمىتى بىز ئوقۇتقۇچىلارنى ھالسىرتقان بىردىنبىر خىزمەت بولۇپ، بۇنىڭ دەردىنى تارتىپ باقمىغان ئوقۇتقۇچى يوق بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ بۇيەردە ئىككى ئاساسەن دېگەن نىمە دېسە، ئىككى ئاساسەن: ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساسەن ساراڭ قىلىش، ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساسەن قېرىتىش> دەيدىغان يومۇرلۇق گەپلەرمۇ بار. ئىككى ئاساسەن باھالىشى كېلىدۇ دەپ كېچىنى كېچە دىمەي، سوغۇقنى سوغۇق دىمەي ئىشلەپ كېتىمىز. بۇ ئىش چېڭىغا چىققاندا مەكتەپتىكى ئىككى ئەسكى فۇيىنجى ۋە بىر نەچچە دايىنجىلارمۇ يېتىشمەيدۇ. نۇرغۇن ۋاقىت ۋە كۈچ ئىسراپ بولغاننى دېمەيلا قويايلى، ئەڭ يامىنى ھەممە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىت ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىدۇ. قەغەز ئىسراپ بولىدۇ. لېكىن قىلغان ئىشلارنڭ ھەممىسىگە قارايدىغان بولساق، ھەممىسى كۆز بويامچىلىق، ئەمەلى ئىشتىن بىرسىمۇ يوق. ھېچقانداق ئاساسى ياكى قىلچىلەك مائارىپ ئۈچۈن پايدىسى يوق ئىشلار! ئىشلار تەقسىملەنگەندىن كىيىن، ئەگەر بۇ ئىشنى ۋاقتىدا تاماملىيالمىساڭ مانچە يۈەن جەرىمانە، دىگەن ھۆججەتكە ئىمزانى قۇيۇۋېتىپ ئاندىن ئىش باشلايمىز تېخى! مۇشۇ ئىشلارنى ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە ئۆزىمىزگە تەقسىملەنگەن ئىشتىن سىرت ئارتۇقچە بىر ئىشنى مەكتەپتىكى ياۋاشلارغا تەقسىم قىلدى ھەم چوقۇم دەم ئېلىشقا ۋاقىت چىقىرىپ بىرىمىز-دېدى. بۇ مۇنداق ئىش: ھازىر خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ. ھەتتا ھازىر تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش ھەققىمۇ كۆتۈرۋېتىلدى.
    ئەمما بىزگە قىلغۇزغان ئىش، مەكتىۋىمىزنىڭ شۇ ۋاقتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى(مەكتەپتە بارى) 1580 نەپەر، ئەمما مائارىپ ئىدارىسى كىتاپ تارقاتقان تېزىملىكتە 1695 نەپەر. دېمەك مائارىپ ئىدارىسى بىزنىڭ مەكتەپكە كومپارتىيە ھەدىيە قىلغان كىتابتىن ئەمەلىيەتتە بەرگىنى 1580 كىشىلىك، چوقۇم بىرىشكە تېگىشلىكى 1695 كىشىلىك. ئارلىقتا 100 نەچچە كىشىلىك كىتابنىڭ پۇلىسى ناھىيىدىكى باشلىقلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتكەن. ئەمدى بىز ھېچقاچان يوق ئوقۇغۇچىدىن 100 نەچچىنى تېپىپ تېزىملىككە كىرگۈزۈپ، <كىتابلارنى تولۇق ئالغان> قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ئىش قارىماققا ئاددىدەك تۇيۇلغىنى بىلەن ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىش. ئالدى بىلەن 39 سىنپقا 100 نەچچە ئوقۇغۇچىنى چاچىمىز، شۇ سىنىپنىڭ تۈپ سانىغا ئۆتكۈزىمىز، سىنىپنىڭ كىتاب ئالغانلىقتىن تېزىملىكىنى قايتىدىن ئىشلەيمىز. مۇشۇنداق بولغاندا بىر ناھىيىدە كىتاب تارقىتىشتىلا بىر نەچچە يۈزمىڭ يۈەن پۇل قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىدۇ.
    بۇ ئىشلاردىن سىرت، رامىزاندا مەسچىت ساقلاش، تەتىلدە ھەر جۈمە كۈنى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە ئەكىلىپ ئەھۋال ئىگىلەش، كەلمىگەنلىرىنىڭ ئۆيىگە چوقۇم شۇ كۈنى بېرىپ ئەھۋالىنى ئگىلەش؛ كەنتىلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش، پارنىك باشقۇرۇش ئىشىغا ياردەملىشىش.... ئىشقىلىپ بىز قىلىدىغان ئىشلارنى دەپ بولغىلى بولمايدۇ. خالا تازىلىمايمىز، ئىشقىلىپ باشقىسىنىڭ ھەممىسىنى قىلىمىز. ئەمما ئاخىرىدا ئەسكى بولىدىغىنى يەنىلا ئوقۇتقۇچىلار. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆز بۇيامچى بولۇپ قېلىشىدا مۇشۇ سەۋەبلەرمۇ ئاساسلىق رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇلار ئەڭ ئاخىرىدا بېرىپ نىمە ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىدىغىنى ھەممەيلەنگە ئايان.
    ئەڭ جاپا تارتقىنىمىز مۇشۇ قېتىملىق <ئېدىلوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈچىلىككە قارشى تۇرۇش قايتا تەربىيە پائالىيىتى> بولدى. شەنبە، ھەر چارشەنبە زارلانماي ئۆگىنىش قىلدۇق. نۇرغۇن خەتلەرنى يازدۇق، نۇرغۇن ماتىرىياللارنى ئۆگەندۇق. ئىككىنچى باسقۇچ ئاخىرلاشقان مۇشۇ ۋاقىتتا يازغان نەرسىلەرنى يىغىپ كۆرسەم يوغان بىر روماننىڭ خېتىنى يېزىپ بولۇپتىمەن. 16 يىل ئوقۇپ بىرەر پارچە كانسىپىك يېزىپ باقمىغان، مۇشۇ قېتىم ئامال يوق يازدىم. ئانالىز ماتىرىيالىنى بىر كېچە-كۈندۈز ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئىنتايىن كىچىك خەت بىلەن 35 بەت يېزىپ چىقتىم. ئۆزەمدە يوق گۇناھلارنىمۇ يازدىم، بار گۇناھلارنىمۇ يازدىم. ئامال يوق! چۈنكى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ ھەم ئۆتكۈر بولىدۇ. بۇ ھازىرقى جەمىيىتىمىزنىڭ مۇقىم، سىجىل تەرەققى قىلىشىنىڭ ئىھتىياجى. بۇ جەھەتتىن بىز پارتيە مەركىزى كومېتىتى بىلەن بىردەكلىنى ھەرۋاقىت ساقلايمىز.
    مائارىپ كەلگۈسىنىڭ ئاساسى. بۇ قىل سىغمايدىغان گەپ. ئەمما بىز مائارىپىمىزغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلغانكەنمىز، بىزنىڭ كەلگۈسىمىز قاراڭغۇ بىر جاھالەت بولۇپ قېلىشى ئېنىق!
    ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان قىسقىغىنە 9 ئاي جەريانىدا قىلمىغاننى قىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم، ئۇچرىمىغان ئىشلارغا ئۇچرىدىم. ئوقۇغۇچىلارنى ياخشىراق ئادەم بولسۇن دەپ ئۇرۇپ باقتىم، تىللاپ باقتىم، تەربىيە بىرىپ باقتىم. ھەتتا، ساڭا ئوخشاش دۆتلەر تىرىشىپ ئۆگەنمىگەنلىكتىن مەكتەپكە ھەر يەرلەردىن ئادەم كېلىپ ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. ئەگەر بىزدىنمۇ تىرىشىپ ئوقۇيدىغانلار چىقسا باشقا يەرلەردىن ئادەم كىلىپ يۈرەمتى. مۇشۇ پېتى كەتسەڭ كەلگۈسىدە قولۇڭدىكى ناننىمۇ تۇتۇپ يىيەلمەيسەن! -دەپ تەربىيەلەر بىرىپ باقتىم. ئەمما، كار قىلمىدى! ئەمدىلىككە كەلگەندە مەن سەل ھالسىردىم. بىر ئادەم قانچە كۈچىگەن بىلەن باشقا كۈن كەچۈرمىلىرىنىڭ كارى بولمىسا، بىر ئايلىق بىرە ئىككى مىڭ سوم مائاش تەگسە شۇنىڭغا قاراپلا ئولتۇرسا، ھەممىسى بىكار ئىكەن.
    مۇشۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن مېنىڭ 10 يىل ئىلگىركى ئۇستازىم، مەكتەپتىكى ھەممىدىن قابىل ئوقۇتقۇچۇم بىلەن بىر جىبەرلىككە كىلىپ قالدىم. پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ مۇئەللىم تويۇقسىز،- ئۇكام، خىزمەتكە چىقىشتىن بۇرۇن بۇ خىزمەتنى تازا ئەتىۋارلاپتىڭىز بۇلا. سىز ئەتىۋارلىغان خىزمەت مانا مۇشۇ ئەينا!!!-دېدى. قوغداش بۆلۈمىدە بىر ھازا كۈلۈشۈپ كەتتۇق. دېمىسىمۇ راست! بىز ئەتىۋارلىغان خىزمەت مانا مۇشۇ! ئارقىدىنلا مەن ئۇستازىمغا 10 يىل ئىلگىركى مەكتەپ بىلەن ھازىرقى مەكتەپنى سېلىشتۇرۇپ بەردىم: ئىلگىرى سىنىپ ئاز، قۇرلۇش كونا؛ ھازىر سىنىپ جېىق، قۇرلۇش يېڭى؛ ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى بىلىملىك، كۈيۈمچان، مەسئۇلىيەتچان ئىدى، ئوقۇغۇچىلارمۇ تىك تۇرۇپ قارىيالمايتتى؛ ھازىر ئوقۇتقۇچىلار گەرچە بىلىمى بولسىمۇ، تەييارتاپ، كۆز بۇيامچى، ساختىپەز شۇڭا ئۇقۇغۇچىلارمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ؛ ئىلگىرى مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشقا ھېرىسمەن ئىدى، كىتابنى ئۆزىنىڭ پۇلىغا سېتىۋالاتتى؛ ھازىر كىتاب مۇت، ئوقۇغۇچىلار تىرىشمايدۇ؛ ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا سەت گەپ قىلمايتتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېنىدا بولمىغۇر چاخچاقلارنى قىلىشمايتتى، ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن ئەخلاقلىق ئىدى؛ ھازىر ئايال ئوقۇتقۇچىلار كىيىم-كىچەككە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كاسىسىنى <قازاق قوي> نىڭ كاسىسىدەك ئوينىتىپ يۈرىيدۇ، شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ئەخلاقسىز. ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا كۈيىنەتتى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۈلەتتى، دائىم ئەخلاق تەربىيلىرىنى بىرىپ تۇراتتى؛ ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن كارى يوق، شۇڭا مەكتىۋىمىزدە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا گورۇھ توپلاپ ئۇرۇشىدىغان، ھەتتا بىر-بىرسىگە پىچەق تىقىشىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ كەتتى(تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىشلار). ھازىر بىرەر ئوقۇغۇچىنى تاك ئىتىپ چەككىلى بولمايدۇ، بىردەمدە ئاتا-ئانىسىنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى باشلاپ كېلىدۇ(مەكتىپىمىزدە ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ قويغان ئوقۇتقۇچىلارنى توپلىشىپ ئۇرىمىز دەيدىغان ئىشلار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ).
    مېنڭمۇ نۇرغۇن ئارزۇلىرىم بولغان، تور بېكىتىمنى ياخشى ئېلىپ ماڭماقچى، ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىپ، بۇ بىلىم دېڭىزىدا ئەركىن ئۈزمەكچى، پروگرامما تىلىدىن بىرەرنى ياخشى ئۆگۈنۈپ پروگراممېر بولماقچى، خاكېر تېخنىكىسىنى ياخشى ئۆگۈنۈپ ئۇيغۇر تور بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىر كىشلىلك تۆھپەمنى قوشماقچى بولغان. 9 ئاي ئىچىدە تورغا كىرگەن ۋاقتىم 100 سائەتكە بارىدۇ يا بارمايدۇ. تور بېكىتىممۇ شۇ تاشلانغانچە تاشلىنىپ قالدى. ھەممىنى مۇشۇ ئۇلۇغۋار سانىلىدىغان، ئەۋلادلارنى تەربىيلەيدىغان مۇشۇ نىجاسەت خىزمەتكە تىگىشتىم. ئەمما مىنىڭ ئېرىشكىنىم ھەم ئېرىشمەكچى بولغىنىم مەكتەپتىكى، بىزنىڭ گۇرۇپىدىكى بىر ناچار ئوقۇتقۇچى دىگەن نام بولۇپ قالماقچى.
    شۇ تاپتا ئۇنۋېرستىتتا ئۆتكۈزۈۋەتكەن ۋاقىتلىرىمغا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ. ئەگەر شۇ كۈنلەر قايتا كەلسە مەن قانداق تىرىشىپ ئۇقادىم. ۋاقىتنى قانداق قەدىرلەدىم؟! يېقىندا ئازراق پۇل خەجلەپ بولسىمۇ ئوقۇشنى ھەل قىلىش كويىدا يۈرىۋاتىمەن. ئەگەر بۇ ئىشىم ھەل بولۇپ قالسا ئوقۇتقۇچىلىق سېپىگە ھەرگىز قەدەم باسمايمەن! دىگەنلىرىم ھەممىسى قۇرۇق گەپ، بىراق كۆپچىلىككە دىمەكچى بولغان نەخ گېپىم، ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز ئەۋلادلارغا ھەقىقى كۆيۈنۈڭ؛ ئەگەر ئوقۇتقۇچى بولمىسىڭىز ياكى مۇقىم خىزمىتىڭىز بولمىسا شۇ خىزمەت ئورنىڭىزدا ناھايىتى بەك تىرىشىڭ. بىر ئادەمنىڭ نەتىجە قازىنىشى ئۇنىڭ خىزمەت ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، پەقەت تىرىشسىلا ھەممە ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ.
    http://www.anatil.com





  • ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى