
-
تور خۇمارىنىڭ زىيىنى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش _cat}
ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تورغا خۇمار بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى، زىيىنى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى (2)
2. تور خۇمارىنىڭ زىيىنى
تورغا خۇمار بولۇپ قالغۇچىغا تورغا چىقىش باشتا ھۇزۇر تۇيۇلىدۇ. تورغا چىقىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئەستا قالدۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. تورغا چىقىشقا خۇشتارلىق باشتا روھىي جەھەتتە كۆرۈلگەن بولسا، كېيىن جىسمانىي جەھەتتە كۆرۈلۈپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كەيپىيات ناچارلىشىش، تەپەككۇر ئاستىلاش، باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، قول تىترەش، ماغدۇرسىزلىنىش ۋە ئىشتىھا تۇتۇلۇشقا ئوخشاش روھىي ھالەت كۆرۈلىدۇ. بۇنداق روھىي ھالەت تورغا چىققاندىن كېيىنلا ئەسلىگە كېلىپ نورماللىشىدۇ.
تور خۇمارىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئورۇقلاش، چىراي سارغىيىش، تورغا چىقىش ۋاقتى ئۇزىراش، تورغا چىقمىسا ئىچى تىت-تىت بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ھەتتا ئۆزىنى ئۆزى نابۇت قىلىدىغان ئۆلۈۋالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈپ، تورغا خۇمار بولۇپ قالغۇچىنىڭ ئۆزىگىمۇ، جەمئىيەت ئامانلىقىغىمۇ خەۋپ يەتكۈزىدۇ.
پسىخولوگلارنىڭ ئەندىشە قىلىشىچە، تور ۋە كومپيۇتېر ئومۇملاشقان شارائىتتا چوڭ بولغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «ھېسسىي سۆرۈنلۈك يىغىندى كېسىلى» گە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ تاشقى دۇنيانىڭ تەسىرىگە مۇناسىپ ئىنكاس بىلدۈرمەسلىك، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىش، ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە قىزىقماسلىق، چىرايى سولغۇنلىشىش، تەپەككۇر قىلىشى ئازىيىپ كېتىش، ئېغىر بولغاندا ھېچنېمىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىككە ئوخشاش ئىپادىلىرى بولىدىكەن. كومپيۇتېر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۆرۈنلۈك ئادەتتىكى سۆرۈنلۈككە ئوخشىمايدىكەن. ئادەتتىكى سۆرۈنلۈك روھىي كېسەلدىن، بۇنداق سۆرۈنلۈك كومپيۇتېردىن كېلىپ چىقىدىكەن، خۇمار بولۇپ قالغۇچى ھەرقانداق نەرسىگە قىزىقىشنىغۇ قىزىقىدىكەن، ئەمما قىزىقىشى كومپيۇتېر دۇنياسىغا يۆتكىلىپ كېتىدىكەن.
پسىخىك توسقۇنلۇقنىڭ بىر خىلى بولغان بۇنداق ھېسسىي سۆرۈنلۈككە جىددىي قارىشىمىز كېرەك. كومپيۇتېرغا باغلىنىپ قالىدىغان روھىي ھالەت كېلىپ چىقىدىغان بولسا، يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، كىشى باشقا شەيئىلەرگە قىزىقمايدىغان، ئىجتىمائىي ئالاقە دائىرىسى تارىيىپ كېتىدىغان، مەۋھۇم دۇنياغا كىرىپ قېلىپ چىقالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ جىسمانىي، ئەقلىي جەھەتلەردە تېخى يېتىلىپ بولمىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇنداق «ۋىرۇس» نىڭ ھۇجۇمىدىن قاتتىق پەخەس بولۇشى كېرەك.
3. تور خۇمارىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش
1) توردا مۇڭدىشىش ياكى ئويناشنىڭ رولىغا توغرا قاراش لازىم.
توردا تۇرمۇش ھەرقانچە چىندەك كۆرۈنسىمۇ، رېئال تۇرمۇشنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. شۇڭا، تورغا چىقىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، باشقىلاردىن كېچىشكە بولمايدۇ. مۇشۇنداق قاراشتا بولغاندىلا تورغا چىققاندا ئۆزىنى ئاسان تىزگىنلىيەلەيدۇ.
2) كىشىلەر ئارا بېرىش-كېلىشنى كۆپەيتىش، ھەر تەرەپلىمە قىزىقىش يېتىلدۈرۈش لازىم
كىشىلەر ئارا بېرىش-كېلىش كۆپەيسە ۋە قىزىقىش دائىرىسى كېڭەيسە، تورغا باغلىنىپ قېلىش ئازىيىدۇ، تورغا چىقمىسا قىلىدىغان ئىش يوقتەك تۇيغۇ پەيدا بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
3) تورغا چىقىش ۋاقتى ئۇزاق بولۇشنىڭ سالامەتلىككە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى تونۇش لازىم.
تېببىي مۇتەخەسسىسلەر كۆزىتىش ئارقىلىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كومپيۇتېر مەشغۇلات ۋاقتى ئۇزاق بولۇپ كەتسە، ئاسانلا كۆز تېلىش ھەم «كومپيۇتېرلىق كۆز يىغىندى كېسىلى» پەيدا بولۇپ، كۆز غۇۋالىشىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىش، كۆز نەمسىزلىنىش، قىچىشىش، قىزىش، ئاغرىش ۋە يورۇقلۇقتىن قورقۇشقا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق كۆز كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە ھەربىر سائەتتە بىردەم دەم ئېلىۋېلىش لازىم. تورغا چىقىش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە بوغۇملار، بويۇن، بەل ئومۇرتقىلىرى زەخىم يەيدۇ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا تورغا چىقىش ۋاقتىنى تىزگىنلەش ئىنتايىن زۆرۈر.
«ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش» مەنبە
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى
评论
blog ڭەز ئۇنىش قىلىندى
ئادرىس: http://yigana0998.blogbus.com/
لوگو: http://p0.images22.51img1.com/6000/yigana12345/0ec279ad9b6a58a6440e715575f39531.gif
ئادرىس: http://yigana0998.blogbus.com/