
-
<< گۆھەر >> زادى كىمگە تەئەللۇق ؟ _cat}
قىزلانىڭ ئىپپتى ۋە تاپتىن چىققان ئەركەكلەر !!
ئــــالـــى مــەكــتەپــكە مىڭـــشىنىڭ ئــالــدىدا ئانامىنىڭ مىنىڭ قۇلقۇمغا شىۋىرلاپ مۇنۇ سۆزلىرى ھىلىمۇھەم يادىمدا << قىزىم ، كىچىكىڭدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە پەزىلەت ۋە باشقا جەھەتلەردە بىزنى ئىزچىل تۇردە خاتىرجەم قىلىپ كەلدىڭ . بىراق ھازىر سەن بزىدىن ئايرىلىپ يىراق شەھەرگە ئوقۇشقا مىڭۋاتىسەن ، ســـــاڭا ئـــارتۇق گەپ كەتمەيدۇ ، ساڭا شۇنداق بىر ئىغىز گەپنى قىلىپ قوياي ، قىز بالـــىنىڭ يىغىرى پـــــەقەت ئــــۆزى بىلەن بىـــللە ، ئۇمىد ئىشەنچىمىزنى يەردە قويمىغىن !!! >> .
ئانامنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقى ماڭا ئايان ئىدى ، بەلكىم ئـــاتا - ئـــانىلىرىمىزمۇ ئالىي مەكتەپدىكى بەزى بىر قىسىم قىزلارنىڭ بەزىبىر بولمىغۇر قىلىقلىرى ھەقىقىدىكى سوز چوچەكلىرىنى ئاڭلىغان بولسا كىرەك . دىمىسىمۇ بىز يۇرىتتىكى چاغدىلا ئالىي مەكتەپتىكى بىزى قىزلانىڭ شەنبە - يەكشەنبە كۇنلىرى ئايرىپىلان بىلەن ئىچكىرگە قاتناپ چوڭ شەھەرلاردە ئوتكۇزۇپ كىلدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ھەيرانلىقتىن كوزلىرىمىز پاقىراپ توۋا دەپ قالغان ئىدۇق . مانا ئەمدى بىر نەچچە يىللىق ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشى داۋامىدا ئوزىنىڭ نىمە ئۇچۇن مەكتەپكە كەلگەنلىكىنى ئۇنۇتغان ھالدا چەكتىن ئاشغان ئۇيۇن تاماشالارنىڭ قۇلى بۇلۇپ كەتكەنلەرنى ۋە ۋاقىتسىز < ئانا > بولۇپ قالغانلارنى كوردۇق . باشتا ھەيرانلىقتا ياقىمىزنى چىشلەپ يۇرگەن بولساق بۇنداق ئىشلارنىڭ كوپلىكىدىن توۋا دىيىشكە ئۇلگۇرەلمەيۋاتىمىز .
<< قىزلار نىمىشقا قىزلىق بىلەن يارىتىلغان ؟ >> بۇ ھەربىر قىز بولغۇچى ئويلىنىپ بىقشقا تىگىشلىك مەسىلە ، مۇئەللمنىڭ ئەخلاق ئىدىيە تەربيە داۋامىدا بىزگە ئېيىتقىنى قىز - ئوغۇل ساۋاقداشلا ئالدىدا بۇنداق گەپنى ئاڭلىغىنىمىزدىن خىجىل بۇلۇپ قىزىرىپ كەتكەن ئىدۇق ، ئويلىنىش - ئۇيىلىشتىن مىڭ ئەۋزەل . مەن بىر قىز بالىغۇ ، ئاخىر .
نۇزىگۇم ئىپپەت نۇمۇسىنى قىممەتلىك ھاياتى بىلەن قوغدىغان ئىدى . يىقنىدا 13 ياشلار چاممىسىدىكى بىر قىزنىڭ 3 لۇكچەكنىڭ ئارىسىدىن ئۆز پاكلىقىنى قوغداپ لۇكچەك قولدىن ساق-سالامەت چىققانلىقىنى ئاڭلاپ خۇشال بولۇشقان ئىدۇق . ۋاھالەنكى 2-3 -4 تەڭگە پۇل ۋە ئازراق كۆڭۇل خوشلىقىنى دەپ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس پاكلىقىنى ۋايران قىلۋاتقانلارنى كۆرۇپ تۇۋاتىمىز . شۇبىسىزكى : نۇمۇس بۇلغۇنىش ئۆزىگە تۇرلۇك جىنسى كىسەلنى سۆرەپ كەلدى . شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان ئەيدىس كىسىلى كۆپ تارقالغان رايۇنغا ئايلىنىپ قىلىشى ، ئائىلە ، نىكاھ پاجىئەلىرىنىڭ كۆپۇيىپ كىتىشى ، ياشلار ئارسىدىكى ئاجىرشىش نىسبىتىنىڭ يۇقۇرى بولشى ، نىكاسىز ھامىلە چۇشۇرۇش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشنى ئەجىبا قىزلاردىكى ئەڭ مۇقەددەس ئەڭگۇشتەر بولمىش << قىزلىق >> بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغىسىنىڭ ئاجىزلىشىدىن ئايرىپ قارىيالامدۇق ؟
<< قىزلىق >> ئۇ قىزلارنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ئەڭگۇشتەرى ، ھاياسى ، نۇمۇسىدۇر . قىزنىڭ قىممتى ئىپپەتتە ، ئىپپەتىسىز بىر قىز دۇنيادا ئەڭ نازىن چىرايلىق بولسىمۇ ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ . قىزلارغا شۇنداق بىر خىسلەت يۇشۇرۇلغانكى ، قىزلىقنىڭ ئەزىزلەپ ساقلىنىشى ، قىزلارنى ھۆرمەتلىك ،ئىززەتلىك ئىپپەتلىك قىلىدۇ . قىزلىقنىڭ دەپسەندە قىلىنشى بولسا قىزلارنى ئەسكى لاتىدەك قەدىرسىز ھالغا چۇشۇرۇپ قويىدۇ . << قىزلىق >> قــــىزلارنىڭ گــــــەدىــــنىدىكى بۇيۇك ئامانەتــــــــــتـــۇر . بۇ ئامانەت ھالاللاپ ئالغان << بوز يىگىت >> -ئەرگە مەنسۇپ . << قىزلىق >> دىن ئىبارەت بۇ بۇيۇك ئـــــــامــــانەتنى ساقلاپ ئــۆزىنىڭ ھەقلىق ئىگسىگە جايىدا يەتكۇزۇپ بىرىش ھەر قانداق بىر قىزنىڭ بــــــــۇيــــــــۇك مــــــــۇ قـــەددەس بــــــــــۇرچى !!!
قىزلارنىڭ ئىپپتى ۋە ھاياتنى قوغداش ھەربىر تەرپتىن قوغداش يەنە بىر تــــــــــــــەرەپتىن يىگىت ، ئەرلەرنىڭ بۇرچىدۇ . لىكىن يولدىن چىققان قىزلارنىڭ يىنىدا تىخمۇ بەتتار ھالدا تاپتىن چىققان << ئــــــەركـــــەك >> لەر ساماندەك ،ھەتتا << ئىـــــشەك ئالساڭ مىنىپ ئال >> دەپتىكەن دەپ تويدىن بۇرۇن قىزلارنىڭ << قىز >> ياكى << قىز >> ئەمەسلىكىنى سىناپ بىقىپ ئاندىن ئالىمىز دەپ شەرمەندىلەرچە تەلەپ قويىدىغان يىگىتلەرمۇ ئاز ئەمەس . ھەقىقەتەن ھايا تۇيغۇسىنىڭ يوقۇلىشى تۇرمۇشنىڭ ئەسلى گۇزەل مەنىسىنى بۇلغىۋىتىدىكەن .
قايسى كۇنى بىر نەچچە قىز پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قايسى بىر قىزنىڭ توي كىچىسى ئىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ چىقىرىلغانلىقىنىڭ گىپى چىقىپ قالدى . گەپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاپ چۇچۇپ كەتتۇق ، ئۇنىڭ ئىرى ، << سەن تىخى پاك ئىكەنسەنغۇ ؟ ھازىر جەمىيەتتە پاك قىزنى تاپقىلى بولاتتىمۇ ؟ سەن كىمنى ئالدايسەن ؟ بۇ ساقتا قىزلىقمۇ نىمە ؟ دەپ تىللاپ كىتىپتۇ .
<< قىــــــزلىــــــــق - ئۇ ئاددى بىر گـــــۆش ، لىكىن ئادەمنىڭ روھىغا تۇتۇشىدىغان گـــــــۆش ، اللە نىمشقا ئادەمنى شۇ يەردىن يارىتىدۇ ، بۇنىڭ چوقۇم سەۋەبى بار . نىمىشقا قىزلىقنى چوڭ بىلىمىز ؟ ئابدۇلئەھەد ئابدۇرىشىد بەرقى << ئارىتبالىغ ھەققىدە قىسسسە >> ( شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى 2004-يىل سىنتەبىر نەشرى ) بۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولىدىكى : << قــــىـــزلىق - قىز بالىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن ، پۇتكۇل جەمىيەت ئەزالىرىنىڭ ئەقىدە ساپاسى ، روھى ساغلاملىقى ، ئەر-خوتۇنچىلىق مۇناسىۋىتى ، پــــــــەرزەنىـــــــــتـــلەرنىڭ ئــۆسۇپ يىتىلىشىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك موھىم ئىش .
قىز - ئايالالرنىڭ مەدەني ساپاسسى ئەڭ زور دەرىجىدە شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ دەرىجە ساپاسىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ .قىز ئاياللا بىر ئائىلىگە ئەمەس ، مەلۇم بىر توپ ، قوۋۇمگە مەنسۇپ بولغانئىكەن ، ئۇنىڭ مۇقەددەس بايلىقى بولمىش قىزلىقمۇ بىر ئۆزىگىلا ئەمەس پۇتكۇل مىللــــــــــەت روھىــــــيتىگە مــــــــــەنـــــــــسۇپ !!!
مەنبە:دىيارىم
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى