سەردار بىلوگى قۇرلغىلى
  •   پەرزەنت تەربىيىسىنى ئۆز خىزمىتىم دەپ قارامسىز؟ _cat}

    خەتكۈچ:parzat tarbiyisi

    پەرزەنت تەربىيىسىنى ئۆز خىزمىتىم دەپ قارامسىز؟

     ئابدىرىھىم دۆلەت

        ھەرقانداق ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ يارامسىز ئادەم بولۇپ قىلىشىنى خالىمىسا كېرەك.ھەتتا ئوغرىمۇ ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئوغرى بولۇپ قېلىشىنى،پاھىشىمۇ ئۆز پەرزەنتىنىڭ پاھىشە بولۇپ قىلىشىنى خالىمايدۇ.ئۇلار ئۆز پەرزەنتىنى ياخشى ئادەم بولسىكەن،مەندەك بولۇپ قالمىسىكەن،دەپ ئويلايدۇ.ئىنسان شۇنداق بىر مەخلۇقكى،ئۆزى يامان ئىشلاردىن قول ئۈزمەيدۇ-يۇ،ئەمما ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنىڭ يامان ئادەم بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ.پاھىشىخانىدىن چىقمايدىغان بىر ئەرمۇ  ئۆز ئايالىنىڭ ياكى سىڭلىسىنىڭ پاھىشە بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ.ئىنسانلار ئەزەلدىن يامان ئىشلاردىن قول ئۈزەلمىسىمۇ،ئەمما يامان ئىش ئىنسانلار تەرىپىدىن ئوموميۈزلۈك مەدھىيلەنگەن ئەمەس.

      دىمەك،ئىنسان تەبىئىتىدە گەرچە يامانلىققا مايىللىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرسىمۇ،ئۇ ھەمىشە ياخشىلىققا مايىللىق تەرىپىدىن بېسىلىپ تۇرىدۇ.چۈنكى ئىنسان تەبىئىتى يەنىلا تېگىدىن ياخشىلىققا مايىل بولۇپ،ھىچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ قىلغان يامانلىقىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

       بىز مەيلى ئۆزىمىز نىمە ئىش قىلمايلى،ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمىزنىڭ،بولۇپمۇ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ يامان ئىش قىلىشىنى،يارامسىز ئادەم بولۇپ قېلىشىنى قەتئى خالىمايمىز.

      خوش،ئۇنداقتا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ياخشى، ياراملىق ئادەم بولىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىدىغان بىز،بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەش ئۈچۈن قانچىلىك ئەمەلىي ئىش قىلدۇق ياكى قىلىۋاتىمىز؟

     مېنىڭچە سىز تۆۋەندىكى ئىشلارنى چوقۇم قىلدىڭىز:

    1.بالىڭىزنى مەكتەپكە بەردىڭىز.

    2.بەزى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ياخشى ئەمەس، دەپ قاراپ مەكتەپنى ئۆزىڭىز تاللىدىڭىز.

    3.ھەتتا بۇنىڭغىمۇ تازا كۆڭلىڭىز ئۇنىماي،سىنىپ مۇدىرىنىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ بالىڭىزنى كۆڭلىڭىزدە بولىدۇ،دەپ قارىغان سىنىپ مۇدىرىنىڭ قولىدا ئوقۇتتىڭىز.

    4.بالىڭىزنى ئوقۇش قوراللىرىدىن ھەرگىز قىسمىدىڭىز،بەلكى ئاشۇرۇپ ئېلىپ بەردىڭىز.

    5.بالىڭىزنىڭ ئىمتىھان نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ تۇردىڭىز،ياخشى بولسا مۇكاپاتلاپمۇ قويدىڭىز.

    6.بالىڭىز كىتاپ سېتىۋالىمەن دىسە،خوشاللىق بىلەن ئۇنىڭ تەلىپىنى دەرھال بەجا كەلتۈردىڭىز.

       دىمەك،سىز مۇشۇلارنى قىلغىنىڭىزدىن ئۆزىڭىزنى پەرزەنت تەربىيىسىگە ئوبدان كۆڭۈل بۆلەلىدىم،مەن خېلى لاياقەتلىك ئاتا-ئانا،دەپ قارىدىڭىز.ئۇنداقتا،سىز يەنە تۆۋەندىكى سۇئاللارغىمۇ جاۋاپ بېرىپ بىقىڭ،بۇلارنى قىلالىدىڭىزمۇ؟

    1.بالىڭىزنى ئۆزىڭىز تاللاپ ئاپىرىپ بەرگەن مەكتەپكە ئالاھىدە بېرىپ مەكتەپنىڭ ئومومىي ئەھۋالىنى تەپسىلى ئىگىلەپ باقتىڭىزمۇ؟

    2.بالىڭىزنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ئىكەنسىز،ئۇنىڭ سىنىپ مۇدىرىدىن بۆلەك ،باشقا دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ بالىڭىزنىڭ ھەرقايسى پەنلەردىكى ئەھۋالىنى تەپسىلى ئىگىلەپ باقتىڭىزمۇ؟

    3.بالىڭىزغا ۋاقتىڭىزنى مەخسۇس،پىلانلىق ئاجىتالىدىڭىزمۇ ياكى ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىڭىزدىن پايدىلاندىڭىزمۇ؟

    4.بالىڭىزنى تەربىيىلەشتە ئۆھىڭىز تۈزگەن مەخسۇس،كونكىرت پىلانىڭىز بارمۇ؟شۇ پىلاننى داۋاملاشتۇرالىدىڭىزمۇ؟

    5.مەخسۇس پەرزەنت تەربىيىسىگە ئائىت كىتاپ سېتىۋېلىپ ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ ياكى وقۇغىنىڭىزنى ئەمەلىيىتىڭىز سىناق قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟

    6.پەرزەنت تەربىيىسىگە ئائىت سېتىۋالغان كىتاپلىرىڭىز ئۈچ پارچىغا يىتەمدۇ؟

    7.ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بالىڭىزنى تەربىيىلەشنى خىزمەت ياكى باشقا پائالىيەتلىرىڭىز بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويالامسىز ياكى قايسىسىنى ئۈستۈن كۆرىسىز؟

    8.بالىڭىزنىڭ ئارىلىشىۋاتقان دوسلىرىنىڭ ئىسمىنى ،ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ياكى بىلىشكە ئۇرۇنۇپ باقتىڭىزمۇ؟

    9.بالىڭىزنىڭ ئوقۇشىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلەمسىز ياكى ئادىمىيلىك تەربىيىسىگىمۇ ۋە ياكى بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئۇيلىنىپ باقمىدىڭىزمۇ؟

    10.سىزنىڭچە ئات-ئانىغا نىسپەتەن پەرزەنت تەربىيىسى كەسپى خىزمەتمۇ ياكى ئىشتىن سىرتقى خىزمەتمۇ؟

    11.سىز پەرزەنت تەربىيىسى بىلەن بالىنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىر خىزمەت دەپ قارامسىز؟

       ئەمدى سىز بۇ سۇئاللارغا ئەستايىدىل،يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ جاۋاپ بېرىپ بىقىڭ.ئەلۋەتتە،جاۋابىڭىز سەمىمى بولۇش كېرەك.بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن سىز يەنە ئۆزىڭىزنى پەرزەنت تەربىيىسىدە لاياقەتلىك ئاتا-ئانا دەپ قارىدىڭىزمۇ؟

                                                      شىنجاڭ ئاياللىرى

    http://www.anatil.com





  • ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى