
-
ئائىلە تەربىيەسى بەك مۇھىم _cat}
ئائىلە تەربىيەسى بەك مۇھىم
ھۆكۈمنامىدىكى جاۋاپكار مەردان ئېلىغامۇددەتلىك ئۈچ يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدى،قوشۇمچە 5000يۈەن جەرىمانە قويۇلدى دىگەن قۇرلارنى ئوقۇۋاتقىنىمدا،ئۇنىڭ بىچارە تۇرقى كۆز ئالدىمغا كەلدى...
شۇ چاغدا ئۇنىڭ دىلوسىنى قولۇمغا ئالغاندىن كېيىن دىلو ئارخىۋىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ قاماقخانىغا سوراققا باردىم. 16ياشلىق بىر بالا 35رەت ئوغۇرلۇق قىلىپ،مەزكۇر رايون تەۋەسىدە ناھايىتى يامان تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى.تېرگاۋ جەريانىدا ئۇ جىنايىتىنى تولۇق ئىقرار قىلدى،ئەمما تۇرقىدىن ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان،قۇلاق كەستى بالىلارغا ئوخشىمايتتى تۇرقىدىن بىرخىل مىسكىنلىك تۆكۈلۈپ تۇراتتى،شۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ گەپكە سالدىم.
س:نېمىشقا ئوغۇرلۇق قىلدىڭ؟
ج:خەجلەي دەپ قىلغان.
س:نېمىشقا تولۇقسىز ئوقۇمىدىڭ؟
ج:دادام بىلەن ئاپام بەش ياش چېغىمدا ئاجرىشىپ كەتكەن،مەن ئاپام بىلەن موڭغۇلكۈرەگە كېتىپ شۇ يەردە مەكتەپتە ئوقۇغانتىم، باشلانغۇچ ئالتىدە ئوقۇۋاتقاندا، مېنى باشقىلار ئالداپ ئىچكىرىگە ئېلىپ كىرىپ،ئۇرۇپ ئوغۇرلۇققا سالدى.قاچسام تۇتۇۋېلىپ ئۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قولىدا نەچچە يىل ئوغۇرلۇق قىلىپ كۆرمىگەن كۈنۈم قالمىدى،ئاخىرقى قېتىم تۇتۇلۇپ شەندۇڭدا بىر يىل ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەندىم، ۋاقتىم توشقاندىن كېيىن مېنى شىنجاڭغا ئەكىلىپ قويدى.شۇنىڭ بىلەن دادامنى ئىزدەپ سانجىغا كەلدىم، ئاڭلىسام دادام قايتا توي قىلىپ باللىرى بار ئىكەن،بىراق دادامنىڭ ھەدىسى مېنى داداڭنىڭ ئۆيىنى بۇزاي دەمسەن ھاراملىق دەپ ئۆيىگە كىرگىلى،دادام بىلەن كۆرەشتۈرگىلى قويمىدى.شۇنىڭ بىلەن ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانىدا،تورخانىدا يۈردۈم،پۇلۇم قالمىسا ئوغۇرلۇق قىلدىم،ئۆزەم يالغۇز بولغاندىكىن،بىر قېتىم ئوغۇرلۇق قىلسام نەچچە كۈن يىتەتتى.شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ كۈنگە قالدىم.
س:نېمىشقا ئاپاڭنىڭ يېنىغا كەتمەيسەن؟
ج:ئاپامنىڭ كۈنى ئارانلا،دادامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئىشلەپ،ئازراق پۇل تېپىپ باراي دىگەنتىم،بىراق دادام بىلەن كۆرۈشەلمىدىم.
ئەمدى ئۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ سوراش ھاجەتسىز ئىدى،ئۆزىمۇ شۇ گەپلەرنى قىلغۇچە يىغلاپ ئېقىپ تۇراتتى.قاماقخانىدىن كۆڭلۈم غەش يېنىپ چىقتىم.
شۇنچە يىللىق خىزمەت ئەمەلىيىتىدە شۇنى خۇلاسىلىدىمكى ، بالىلارنىڭ يامان يولغا مېڭىپ قېلىشىدىكى ئەپ تۈپكى سەۋەپ ئائىلە،ئاتا-ئانىسىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە دۇنيا قارىشىغا بېرىپ چېتىلىدىكەن،ئىچكىرىگە كىرىپ ناتوغرا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرگەن نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى كۆردۈم ۋە ئاڭلىدىم، ئاساسەن دىگۈدەك لاياقەتسىز ئاتا-ئانىلار،ئوغۇرلۇق ،بۇلاڭچىلىق ، باسقۇنچىلىق قاتارلىق جىنايەت بىلەن تۈرمىگە كىرگەنلەرنىڭ %90نىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى باشلانغۇچتىن تۆۋەن، ئائىلىسىنى سۈرۈشتۈرسىڭىز،ئاتا-ئانىسىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن ياكى ئاجرىشىپ كەتكەن،شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنداق ئاتا-ئانىلارنىڭ كاللىسىدا ياشاشتىن باشقا ئۇقۇم يوق، قانداق ياشاش،قانداق بالا تەربىيەلەش مەسىلىسى مەۋجۈت ئەمەس،بالىنى تۇغۇپ قويغان بىلەن تەربىيەلىمىسە ھايۋاندىن بەتتەر بولماي نىمە ،تېخى ھايۋان چېغىدا ئۆز بالىلىرىغا ياشاش بىلىملىرىنى ئۈگىتىدۇ.لېكىن مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىز ئاتا-ئانىلار جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇن،تۇغۇپلا قويسا بولدى،قانداق چوڭ بولىشى بىلەن كارى يوق، ئۇنداق ئادەم بالىلىق بولۇپ نىمە قىلىدۇ دەيمەن،بالا دىگەنگە ئۈچ ۋاق تامىقىنى بەرسىلا ھىساپ ئەمەس ئەلۋەتتە.
يىغىنچاقلىغاندادەيدىغىنىم،بالىلىرىمىزنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرسەك،ھازىر جەمئىيىتىمىزدە ئوقۇغان بىلەن بەرىبىر خىزمەت تاپالمايسەن،ئوقۇپ نىمە ئىش قىلىدۇ دىگەن قاراش كۆپىيىپ قالدى. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس،بىر ئادەم ئۆزىنىڭ نىمە ئىش قىلىشىنى قانداق ياشىشىنى بەلگۈلىگۈچە ئۇنىڭغا نۇرغۇن جەريان كېرەك،ئۈگىنىش بىلەن ئائىلىنىڭ توغرا تەربىيەسى ئەڭ مۇھىم دەپ قارايمەن.
http://www.anatil.com/历史上的今天:
ياخشى دادا بولۇشنىڭ شەرتلىرى 2009-05-15ئوقۇتقۇچى بولغانغا تويدۇم!!! 2009-05-15ئاﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ 2009-05-15
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى