
-
ھايا ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى... _cat}
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم :
ھايا ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى ،باشقىلارنى ھايالىق بولۇشقا رىغبەتلەندۇرۇش تۇغرىسىدا !( ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن )ئىبىن ئۈمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۆز قېرىندىشىغا ھايالىق بولغاندا يېتىدىغان زىيان ئۈستىدە توختىلىۋاتقان ئەنسارىيلاردىن بولغان بىر ئادەمنىڭ يېنىدىن ئۈتۈپ كىتېۋىتىپ ؛« ئۇنى ئۆز ھالىغا قويغىن ،ھايالىق بولۇش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر » دېدى . ( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان )
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ؛
1. ھايانىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئىمانى كامىللىق ئىكەنلىكىنى ،چۈنكى ھايالىق كىشى گۇناھلاردىن قول ئۈزىدۇ ،شۇنداقلا ھايا ئۇ كىشىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ .
2. ھايا-ئىنساننى خاراكتىر ۋە تۇغما تەبىئەت بولۇپ ئۇ شەرىئەت ئەدەپلىرىنى ئۆز لەشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ ئېشىپ بارىدۇ .
ئىمران ئىبىن ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىندۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ؛ « ھايا بەندە ئۈچۈن ھەممە ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ » ( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ) , ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام يۈزى ئىچىلمىغان قىزدىنمۇ بەكرەك ھايالىق ئىدى .ئەگەر رەسۇلۇللاھ بىرەر ئىشنى ياقتۇرمىسا بىز ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن بىلۋالاتتۇق .
ئۆلىمالار ؛ ھايانىڭ ماھىيتى قەبىھ ،ناچار ئىشلارنى تەرك ئېتىشكە سەۋەب بۇلىدىغان ،ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتا سۇسلۇق قىلىشتىن تۇسىدىغان پەزىلەتتۇر ،دەپ قارايدۇ . ( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان )
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ؛
1. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا ئەگىشىپ ھايانى ئۆزلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۇرۇش .
2. ھايا ئاياللارغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئالاھىدە سۈپەت ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللاردىكى ھاياسىزلىق قىيامەتنىڭ يىقىنلىشىپ قالغانلىقىنىڭ دەلىلى . _
3. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھايالىق ئىكەنلىكى ،ھايانىڭ بۈيۈك ئەخلاق ئىكەنلىكى .ئىمران ئىبىن ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن ؛ « ھايا بەندە ئۈچۈن ھەممە ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ » ( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان )
ئى ئاللاھ بارلىق قېرىنداشلارغا شەرمى-ھايا ئاتا قىلغايلا ! ئامىن !历史上的今天:
ياخشى دادا بولۇشنىڭ شەرتلىرى 2009-05-15ئوقۇتقۇچى بولغانغا تويدۇم!!! 2009-05-15ئاﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ 2009-05-15
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى