سەردار بىلوگى قۇرلغىلى
  •   17. دىنسىزلارنىڭ نەزەرىدەكى ئىنسان _cat}

    دىنسىزلارنىڭ نەزەرىدەكى ئىنسان



    ئىنسان دېگەن نىمە؟
    ئىنسان دىنسىزلارنىڭ نەزەرىدە زىمىنغا تۇغۇلۇپ، زىمىندا مېڭىپ، زىمىندىن يەپ، زىمىنغا قايتىدىغان مۇشۇ زىمىننىڭ بىرچاڭگال تۇپرىقى. ئۇنىڭ تۈگەل ۋۇجۇدى ئەت، قان، سۆڭەك، نىرۋا، سىستېمىلار، بەزلەر، ھۈجەيرە قاتارلىقلارنىڭ يىغىندىسى. ئۇنىڭدىكى ئاڭ، تەپەككۇر دېگەنلەرنى ئۇنىڭ مىڭىسى خۇددى جىگەر سەپرا، بۆرەك سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقارغاندەك ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئۇ مۇشۇ يەر شارىدىكى ساناقسىز خىلمۇ – خىل جانلىقلارنىڭ بىرى. بەلكى ئۇ مۇشۇ ئۇچار قاناتلار، ئۆمۈلۈگۈچىلەر، قۇرت – قوڭغۇزلار، ھاشاراتلار ۋە مايمۇنلارغا ئوخشاش بىر ھاياتلىق تۈرى. ئۇنىڭ پائالىيەت چىكى زاماننىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ «تەرەققى قىلىش» بىلەن ئىنسانغا ئايلانماق.
    ئىنسان ئۇنىڭ ئۈستىدە ياشاۋاتقىنى يەر شارى، يەر شارى بولسا قۇياش سېستىمىسىدىكى كىچىككىنە بىر پىلانىت. قۇياش سېستىمىسى بولسا يۈز مىليونلارچە ئاسمان جىسملىرى قورشاپ تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن غايەت زور سستېمىلارنىڭ بىرى.
    بىز كوپىرنىك ئورتىغا قويغان«قۇياش مەركەز» تەلىماتى ۋە ھازىرقى زامان ئاستىرونومىيسىدىن ئىنساننىڭ ئورۇن جەھەتتە بۇغايەت زور ئالەمدە ئىنتايىن كىچىك نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. دەۋر جەھەتتىن ئىيىتقاندا دارۋىن ۋە باشقا بىر قىسىم گىئولوگ، بىئولوگلار ئىنساننىڭ دەۋر جەھەتتىمۇ ھەم ئەرزىمەس نەرسە ئىكەنلىكىنى، يەرشارىنىڭ ئۆمرى نەچچە يۈز مىليۇن يىللارغا يېتىدىغانلىقىنى ئىسباتلاشتى، مانا بۇنداق ئەھۋالدا، يەر شارىدا ئىنسانلار ياشاشقا باشلىغان نەچچە يۈز ۋە نەچچە مىڭ يىللارنىڭ قىممىتى قانچىلىك بولىدۇ دەيسىز.
    يۇقارقىلار دىنسىزلارنىڭ نەزەرىدىكى ئىنساننىڭ ئورون ۋە دەۋر جەھەتتىكى قىممىتى.
    دىنسىزلار ئىنساننى باشقىلاغا ئوخشاش «ئىلاھ روھى» ياكى «سۆز قىلالايدىغان جانلىق» دېگەندەك ئالاھىدە ئاتالغۇلار بىلەن ئاتاپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئىنسان پەقەت بىر ماددىي جازا ۋە جانلىق جىسىمدىن ئىبارەت.
    ئۇنداق بولسا ئىنساندىن ئىبارەت بۇ گەۋدە ۋە جىسىمنىڭ ماددىي قىممىتى زادى قانچىلىك؟
    ئالىملار ئىنسان بەدىنىدىكى ئاساسلىق ماددىلارنى تەكشۈرگەندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرنى چىقاردى.
    ئىنساننىڭ ئىغىرلىقى ئورتا ھىساپ بىلەن 75 كىلوگرام كىلىدۇ. ئىنسان بەدىنىنى تۈزگۈچى ماددىلارغا توختالساق، ئىنسان بەدەنىنىڭ ئومومەن تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۆزئىچگە ئالىدىغانلىقىنى بىلىمىز.  
    7 پارچە سوپۇن ئىشلەشكە يەتكۈدەك ماي
    7 دانە قىرىنداش ئىشلەشكە يەتكۈدەك كاربون  
    120 دانە سەرەڭگە تىلىنى ئىشلەشكە يەتكۈدەك فوسفور،
    بىر توخۇ كاتىگىنى ئاقارتىشقا يەتكۈدەك ھاك،
    پىت بېسىپ كەتكەن بىر ئىتنىڭ تىرىسىنى تازىلاشقا يەتكۈدەك گۇڭگورت
    بىر قىتىملىق سۈرگە دورىسى قىلغۇدەك ماگنى تۇزى (ماگنى سولفات)
    ئورتاھال بىر تال مىخ ياساشقا يەتكىدەك تۆمۈر.
    تەخمىنەن 546. 4 لىتر سۇ.
    بۇ ماددىلارنى بازاردىن 50– 60پىياس (يۈەنگە سۇندۇرغاندا 0.8يۈەن ئەتراپىدا) غا سېتىۋالغىلى بولىدۇ. مانا بۇنىڭدا بۇ مىسلسىز جانلىقنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىگى بولغان ئاسمان تەرىپىدىن بېرىلگەن جاننىڭ قىممىتى يوق.
    زامانىمىزدىكى ئەرەب دىنسىزلىرىدىن بىرى مۇنداق دەيدۇ: بىز بىلەن ئەڭ تەرەققى قىلغان ھايۋان ئورتاسىدىكى پەرقمۇ ئەڭ ئاددىي بىر ھاشارەت بىلەن ئەڭ تەرەققى قىلغان ھايۋان ئورتاسىدىكى پەرقتىن ئارتۇق ئەمەس.
    ئەگەر بىز بولمىساق نىمە ئىش بولماقچىدى ؟!
    بىزنىڭ يوقلۇقىمىزدىن ئالەمگە، ئاي، كۈنگە نىمە ئىش يەتمەكچىدى؟ ئۇلار نىمىدىن قۇرۇق قىلىپ، نىمىگە ئىرىشمەكچى ئىدى؟
    مانا بۇ، ئىنساننى ئۇنىڭ جەۋھىرى بولغان روھىي قىيمىتىدىن، مەئنەۋىي ئورنىدىن ئايرىپ قاراشتىن كىلىپ چىققان بىلجىرلاشلاردىن ئىبارەت.





  • ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى

    评论

  • ۋائەلەيكۇم ئەسسالام اللە سىزنى سالامەت قىلسۇن بۇرادەر
    رەھمەت سىز گە ، مەن سىز نىڭ پىكىرىڭىزنى قوللايمەن
    كەچۈرۈڭ بۇ يېقىندىن تورغا چىقالماي قالدىم

    blog ڭىز ئۇلىنىش قىلىندى
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم بۇرادەر ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن سىلە ھەقىقەتەن ياخشى بىلىملەرنى توپلاپسىلەر .............بولىسا ئۆز-ئارا ياردەمدە بۇلۇپ يۈرسەك .مەن سىلىنىڭ بلوگنى ئۈزەمىنىڭ بىلوگقا ئۇلىنىش قىلۋالىدىم ............ئەگەر خالىسلا ئۆزلىرىمۇ مېنىڭكىنى ئۇلىنىش قىلۋالىسىلا......ئاللاھغا ئامانەت .........
    مېنىڭ بىلوگامىنىڭ تۇغ ئادىرىسى :http://islam.blogbus.com/files/12334150610.jpg