سەردار بىلوگى قۇرلغىلى
  •   18. مۇئمىنلەرنىڭ نەزەرىدەكى ئىنسان _cat}

    مۇئمىنلەرنىڭ نەزەرىدەكى ئىنسان



    مۇئمىنلەرنىڭ نەزەرىدە، ئىنسان اللھنىڭ ئۇلۇغ مەخلۇقىدۇر. اللھ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى. ئۇنىڭغا ئەڭ گۈزەل سۈرەت ۋە چىراي ئاتا قىلدى. ئۇنى ئۆز قولى بىلەن يارىتپ ئۆز روھىدىن جان بەردى. پەرشتىلەرنى ئۇنىڭغا سەجدە قىلدۇردى. ئۇنى ئىلىم ۋە ئىرادە بىلەن بارلىق مەخلۇقلاردىن ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە قىلدى. ئۇنى زىمىنغا خوجايىن قىلدى. ئالەمدە ئىش باشقۇرغۇچى قىلدى. ئاسمان ۋە زىمىندىكى ھەممە نەرسىنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئەمما اللھ ئۇنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتتى.
    ئالەمنىڭ كەڭرىلىكى، چوڭلۇقىغا نىسبەتەن ئىنسان ھەجىم ۋە جىسمانىي كۈچ – قۇۋۋەت جەھەتتە راستىنلا ئەرزىمەس، تولىمۇ كىچىك نەرسە. لىكىن روھىي ۋە مەئنەۋىي قىيمەت جەھەتتە تولىمۇ چوڭ نەرسەدۇر. بۇ توغرىدا شائىر خويمۇ ياخشى ئېيتىدۇ:

    كۆرەلمەيسەن ھەي ئىنسان ئۆزۈڭدە بار نەرسىنى،
    كىسىلىڭمۇ ئۆزۈڭدىن سىزەلمەيسەن ھىچ بۇنى.
    سەن ئۆزۇڭنى چاغلايسەن چىغى چاغلىق بىر جىسىم،
    بىلسەڭ، بۈيۈك بىر ئالەم سەندە تۇرغان – پۈتكىنى.

    مۇسۇلمانلار ئۆلۈمنىڭ ئىنسان ھاياتىنىڭ ئاياغلىشىشى ئەمەس بەلكى: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، گۇناھىڭلاردىن پاك بولدۇڭلار، جەننەتكە كىرىڭلار، ئۇيەردە مەڭگۈ قىلىڭلار» دىيىلىدىغان مەڭگۈلۈك جايغا قاتنايدىغان بىكەت ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ.
    ئىنساننىڭ اللھ ئالدىدىكى ئورنى



    قۇرئان نۇرغۇن ئايەتلەردە ئىنساننىڭ اللھقا يىقىنلىقىنى، اللھنىڭ ئىنسانغا يىقىنلىقنى بايان قىلىدۇ. «بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ھەقىقەتەن ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا جان تومۇرىدىنمۇ يىقىنمىز». (سۈرە قاف 16- ئايەت). بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەر ناھايتى كۆپ. رەسۇلۇللاھمۇ بۇ مەزمۇننى تەكىتلەپ ئۆز ھەدىسلىرىدە اللھ توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: «مەن بەندەمنىڭ مەن توغرۇلۇق ئويلىغان ياخشى ئويىدا بولىمەن، ئۇ مىنى تىلغا ئالسا مەن ئۇنىڭ يېنىدا ھازىر بولىمەن، ئۇ مىنى ياد ئەتسە مەنمۇ ئۇنى ياد ئىتىمەن. مىنى جامائەت ئارىسىدا ياد ئەتسە مەن ئۇنى تىخىمۇ ياخشى جامائەت (پەرىشتىلەر) ئارىسىدا ياد ئېتمەن. بەندەم ماڭا غېرىچ يىقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا گەز يىقىنلىشىمەن، ئۇ ماڭا گەز يىقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا غۇلاچ يىقنلىشىمەن. ئۇ ماڭا مېڭىپ كەلسە مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن». (بۇخارىي رىۋايىتى). مانا بۇ، ئىنساننىڭ اللھ ئالدىدىكى ئورنى.





  • ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى