سەردار بىلوگى قۇرلغىلى
  •   19. ئىنساننىڭ ئۈستۈنكى ئالەمدىكى ئورنى _cat}

    ئىنساننىڭ ئۈستۈنكى ئالەمدىكى ئورنى



    ئىنسانلار تۈركۈمىنىڭ روھى ئالەمدىكى ئورنىنىڭ قانداقلىقىغا كەلسەك، بۇ ئورۇن خۇداغا ئەڭ يىقىن پەرىشتىلەرمۇ بويۇن سوزۇپ، تەلپۈنۈپ قولغا كەلتۈرەلمىگەن ئەڭ يۈكسەك ئورۇندۇر. اللھ زىمىنىدىكى خەلىفەلىك (اللھ قا ئورۇنباساسارلىق قىلىش) ئورنىغا تاللىغان نامزات ئىنسان بولدى. «ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە خەلىفە (ئورۇنباساسار) يارىتىمەن» دىدى، پەرىشتىلەر: يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (شەخىسنى) خەلىفە قىلامسەن؟ ھالبۇكى بىز بولساق سىنى پاك دەپ مەدھىيلەيمىز، مۇقەددەس دەپ مەدھىيلەيمىز دىدى، اللھ: مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن دىدى. اللھ پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ نامىنى ئادەمگە ئۈگەتتى، ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ: «(خەلىفە بولۇشقا ئادەمگە قارىغاندا بىز ھەقلىق دەيدىغان قارىشىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بىرىڭلار» دىدى. پەرشىتىلەر «سىنى (پۈتكۈل كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن، ھىكىمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» دىدى. اللھ: «ئى ئادەم! ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ نامىنى ئېيتىپ بەرگىن» دىدى. ئادەم ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن چاغدا، اللھ: «مەن سىلەرگە ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى غەيىپنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمەن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن، دىمىگەنمىدىم» دىدى». (سۈرە بەقەر 30 - 33 ئايەت).
    اللھ ئىنساننى ھۆرمەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى روھى ئالەمدە يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە قىلىشنى خالاپ پەرىشتىلەرنى بۇ يىڭى جانلىققا سالام ئادا قىلىش ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاپ، ھۆرمەتلەپ، ئىگىلىپ قارشى ئىلىشقا بۇيرىدى. «ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە ئەيتتى: «مەن ھەقىقەتەن لايدىن ئادەم يارىتىمەن. ئۇنى مەن راۋرۇس ياراتقان (يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرىنى مۈكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنڭغا جان كىرگۈزگەن ۋاقتىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار». پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ قالماي ھەممىسى (ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلدى. پەقەت ئىبلىسلا بويۇنتاۋلىق قىلىدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى» (سۈرە ساد 71 - 74 ئايەتلەر). ئىبلىس اللھنىڭ ئىنسانغا سالام بېرىش بۇيرۇقىغا بويسۇنمىدى، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ھەسەت ۋە چىدىماسلىق اللھنىڭ بۇيروقىغا بويۇنتاۋلىق قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى ۋە ئىنسانغا دۇشمەنلىك پوزىتسىيسى تۇتتى. نەتىجىدە بۇ دۈشمەنلىششنىڭ ئاقىۋىتى تۇۋەندىكىدەك بولدى: «اللھ: سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا قىيامەتكىچە مىنىڭ لەنىتتىم بولسۇن دىدى». (سۈرە ساد 77 - 78 ئايەت). مانا بۇ بولسا، ئىنساننىڭ روھى ئالەمدىكى ئورنىدۇر.





  • ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى