
-
يەرشارىدا 24 سائەت ئەزان توختىمايدىكەن _cat}
يەرشارىدا 24 سائەت ئەزان توختىمايدىكەن
ئەرەپ بىرلەشمە ئەمىرلىكىدە بىر ماتىماتىكا ئالىمى ناھايىتى ئىنچىكە بىر تەتقىقات
نەتىجىسىدە ھەركۈنى 24 سائەت بۇيىچە يەرشارىدا ئەزاننىڭ توختىماي ئوقۇلۇپ
تۇردىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى . ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىدا مۇنداق دەيدۇ : ئىسلامنىڭ
ناماز ئىبادىتىگە چاقىرىقى بولغان ئەزان پۈتكۈل يەرشارىدىن ھېچبىر ۋاقىت توختاپ
قالماي ئۇقۇلۇپ تۇرىدۇ . دىمەك ، ئەزان بىر رايۇندا توختىغان ھامان يەنە بىر رايۇندا
باشلىنىدۇ!!!!!!!!!!!
بۇتەتقىقاتچى <<ئابدۇلھەمىد ئەلفادىل>> ئۆزپىكرىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ :
يەر شارى 360 پاراللېلگە بۆلۈنىدۇ ، ھەربىر پاراللېلدا مەلۇم بىر زامان ئۆتىدۇ،
بىر پاراللېلنى بۇنىڭ يېنىدىكى يەنە بىر پاراللېلدىن پەقەت 4 مىنۇتلام ئايرىپ تۇرىدۇ،
ئەزاننىڭ قائىدىسى دەل ۋاقتىدا ئۇقۇلۇشتۇر ، مۇئەززىن تەخمىنەن بىرقېتىملىق ئەزاننى تەلەپكە لايىق ئۇقۇسا 4 مىنۇتتا ئۇقۇپ بۇلىدۇ.
تېخىمۇ ئۇچۇق قىلىپ ئېيتساق بىر پاراللېلدىكى رايۇندا ئەزان باشلىنىپ 4 مىنىۇت
داۋاملاشسا ، 4 مىنۇت تۈگىگەن ھامان ئىككىنچى پاراللېلدىكى رايۇندا ئەزان باشلىنىدۇ
ئىككىنچىسىدە تۈگىسە ئۈچىنچىسىدە باشلىنىدۇ ئاندىن تۆتىنچىسىدە ... دېمەك
ئەزان يەرشارىدا كۈن بۇيى مانا مۇشۇنداق توختىمايدۇ بۇنى كىچىككىنە بىر ھېساب
ئەمىلى بىلەن ئېنىقلاش مۇمكىن
历史上的今天:
ئىمزا قويۇشقا بولمايدىغان ئالتە خىل توختام 2009-02-05بلوگ ئەسكەرت مىسى 2009-02-05ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك 2009-02-0525. ئىنساننىڭ ھاياتتىكى غايىسى 2009-02-05
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى