
-
25. ئىنساننىڭ ھاياتتىكى غايىسى _cat}
ئىنساننىڭ ھاياتتىكى غايىسى
ئىنساننىڭ ھاياتتىكى غايىسى ۋە ۋەزىپىسىنى ئىسلام ئەقىدىسى ئەڭ روشەن تۈردە بايان قىلدى.ئۇنىڭچە، ئىنسان بىكارغا يارىتىلمىغان ۋە بىكار تاشلاپ قويۇلمايدۇ. ئۇ اللھنى تونوش ۋە اللھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يارىتىلدى. زىمىندە خەلىفە بولۇش، بۇ قىسقا ھاياتتا بۇيرۇق ۋە مەسئۇلىيەت ئامانىتىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يارىتىلدى.
ئۇلار دەيدۇ : ئەخمەق يىيىش ئۈچۈن ياشايدۇ، ئاقىل ياشاش ئۈچۈن يەيدۇ. بۇ سۆز مەسىلىنى يىشەلمەيدۇ. چۈنكى ياشاشنىڭ ئۆزى غايە ئەمەس. ئىنسان نىمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟
ماتىريالىستلار : ئىنسان ئۆزى ۋە مال دۇنياسى ئۈچۈن ياشايدۇ، دەيدۇ. ئەمما مۇئمىنلەر ئىنسان پەرۋەردىگارى ئۈچۈن، يەنە بىر مەڭگۈلۈك ھايات ئۈچۈن ياشايدۇ، دەيدۇ. اللھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئىنسانلار! بىزنى سىلەرنى بىكار ياراتتى (يەنى اللھ بىزنى ھايۋاناتلارنى ياراتقاندەك، ساۋاپمۇ بىرىلمەيدىغان، جازامۇ بىرىلمەيدىغان قىلىپ ياراتتى)، ئاللاھنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايمىز دەپ ئويلامسىلەر؟ ھەق پادىشاھ – اللھ ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوقتۇر، اللھ ئۇلۇغ ئەرشىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر». (سۈرە مۇئمىن 15- 116 ئايەتلەر).
ماتىريالىستىك نەزەرىيە ئىنساننىڭ غايىسىنى تونۇيالمىدى. چۈنكى غايە ئىرادە تەلەپ قىلىدۇ. ئىرادە بولسا بىر ئىرادە ئىگىسىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ نەزەرىيە ئىنساننىڭ ئىرادە ئۈچۈن يارىتلغانلىقنى ئىتىراپ قىلمايدۇ. شۇڭا ماتىريالىزىمچى نەزەرىدە ئىنساننىڭ تۇرمۇش يولىدا جاپا تارتىش ۋە تۇرمۇشنى گۈزەللەشتۈرۈشتىن باشقا ۋەزىپىسى يوق دەپ قارىلىدۇ.
دۇنيا ئازغىنە مەنپەئەت بولۇپلا قالماستىن بەلكى تولىمۇ ئەرزىمەس مەنپەئەت، چۈنكى ئۇنوقۇل ھايۋانى مەنپەئەت. ئەگەر بىراۋنىڭ ياشىشى قورساق ۋە جىنسى ئەزاسى ئۈچۈنلا بولسا ئۇنىڭ قىممىتىمۇ شۇ ئىككى ئۇرۇندىن چىققان نەرسىگە باراۋەر بۇلىدۇ.
بىزگە قۇرئانىڭ مونۇ سۆزى يىتەرلىك: «شۈبھىسىزكى، اللھ ئىمان ئەيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كاپىرلار (ھاياتى دۇنيادا) چاھارپايلاردەك يەپ ئىچىدۇ، (ئاخرەتتە) ئۇلارنىڭ جايى دەۋزەخ بولىدۇ». (سۈرە مۇھەممەد 12- ئايەت).
ئىنسان توغرىسىدىكى ماتىريالىستىك قاراش ئىنساننى پەقەت ئۆز نەپس خاھىشى، ھاۋايى – ھەۋىسى، تەنى ۋە شەھۋەتلىرى ھەمدە تۈگەل ھايۋانى تەرەپلىرىگىلا كۆڭۈل بولىدىغان قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنساندىكى ھايۋانى تەرەپ روھىي تەرەپنىڭ ئاجىزلىشىشى، تۇنجۇقۇشى، ئاخىردا ئۆلۈشى ھىساۋىغا زورىيىدۇ ۋە قانىدۇ.
ئىنساننىڭ كۆڭۈل ئىستىكى ۋە ھاۋايى ھەۋىسىدىن باشقا بىر نىشانى بولىشى كېرەك.ئۇنداق بولمىغاندا ئىنسان ئۆز سايىسى ئەتراپىدىلا ئايلىنىدىغان، بىر قىردىن ئاشالمايدىغان جۇۋازدىكى كالىغا ئوخشاپ قالىدۇ. ياكى غەرپلىك يازغۇچىلاردىن بىرى «مەۋجۇدىيەتچىلەر»نى سىفەتلەپ: «مەۋجۇدىيەتچىلەر قۇيرۇقىنى چىشلەش ئۈچۈن دائىم ئۆز ئەتراپىنى ئايلىنىدىغان ئىتقا ئوخشايدۇ. ئۇ ئىت ئۇنىڭ ئۆز قۇيرۇقى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. يا ئايلىنىشتىن توختىمايدۇ. ئۇلارنىڭ پەلسەپىسى ئىت ئوينايدىغان ئويۇن، ئىتلار بىكار قالغىنىدا ئۆز قۇيرىقىنى چىشلەپ ئوينىغىندەك، ئۇلار نەتىجىسىز نەرسە بىلەن ھەپىلىشىدۇ» دېگەن سۆزىدىكى ئىتقا ئوخشاپ قالىدۇ.历史上的今天:
يەرشارىدا 24 سائەت ئەزان توختىمايدىكەن 2009-02-05ئىمزا قويۇشقا بولمايدىغان ئالتە خىل توختام 2009-02-05بلوگ ئەسكەرت مىسى 2009-02-05ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك 2009-02-05
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى