
-
24. ئىنساننىڭ خاراكتېرى _cat}
ئىنساننىڭ خاراكتېرى
ئىنساننىڭ تەبىئىتى ئىنسانغا ۋە ئۇنىڭ تۇغما ھالدىكى تەبىئىتىگە سىڭگەن مۇرەككەپلىك ۋە چىگىشلىكىگە قارىغاندا، ئالدىراپ باھابەرگىلى بولمايدىغان ئىنچىكە بىر ساھە. مانا شۇ نوقتىدىن تۇرۇپ ئەستايىدىل قارىغىنىمزدا، مۇنداق قاراشقا كىلىمىز: ئىنسان تەبىئەتى نوقۇل جىنسىي ئىستەك ياكى نوقۇل روھمۇ ئەمەس، ساپ ئەقىل ياكى ساپ جىسممۇ ئەمەس. ئۇ، يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئامېرىكىلىق ئالىم سىيشوت «روھى ھايات» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:
«ھەرقايسى ئەسىردىكى ئالىملارنى قەدىمدىن بېرى ھەيران قالدۇرۇپ كىلىۋاتقان مەسىلە ئىنساننىڭ ئاجايىپ مۇرەككەپ تەبىئىتى مەسىلىسدۇر. ئىنساننىڭ ماددىي قىسمى بولغان تەن تىرىلىدۇ، ئۆسىدۇ، ئاخىرىدا ئۆلىدۇ. لىكىن سەزگۈلەر بىلەلمەيدىغان بىر نەرسىنىڭ بۇ تەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق. سىزىش ۋە تەپەككۈر قىلىش مۇشۇ نەرسىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئىچىدە. ئۇ ئىنسان مەۋجۇدىيىتنىڭ جەۋھىرى مەركەزلەشكەن قىسمدۇر. ئىنساننىڭ ماددىي مەۋجۇتلۇق ۋە ماددىسىز مەۋجۇتلۇقتىن ئىبارەت ئىككى مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكى ئېنىق؛ ئىنسان چۈشەنچىسىدىكى ئاينىپ كىتىش بۇ ئىككى ئاساسلىق نەرسىنىڭ بىرىگە سەل قارىغانلىقىنىڭ ياكى ئۇ ئىككىسىنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ ئۇلارنى مۇستەقىل نەرسە، دەپ قارىغانلىقنىڭ نەتىجىسى».
ئىسلام ئىنساننىڭ تەبئىتىنى ھەقىقى تۈردە تونۇپ، ئۇنىڭغا ئۆز لايىقىدا مۇئامەلە قىلدى. چۈنكى ئىسلام بولسا اللھنىڭ سۆزى، ئىنسان بولسا اللھنىڭ مەخلۇقى. ھەر نەرسىنىڭ ماھىيتى ۋە تەبىئىتىنى ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ. اللھ ئىنساننىڭ تېنىنى يىرىك، روھىنى نازۇك، سىپتا ھالەتتە ياراتتى. تەن بولسا ئىنساننى زىمىنغا باغلايدۇ، روھ ئاسمانغا تەلپۈندۈرىدۇ. تەن كۆڭۈل ئىستەكلىرى ۋە راھەتنى قوغلىشىدۇ، روھ ئۆز – ئۆزىدىن ھالقىشقا ۋە يىراق ئۇپۇقلارغا ئىنتىلىدۇ. تەن تەلەپلىرى ھايۋان تەلەپلىرىگە، روھنىڭ ئىستەكلىرى پەرىشتە تەلەپلىرىگە ئوخشايدۇ. ئىنسان شۇ تەبئىتى بىلەن ئادەم ئاتا بىر چاڭگال لاي بىلەن بىر پۇۋلەم روھدىن يارىتىلغاندىن تارتىپ زىمىندا خەلىفە بولۇشقا تاللانغان. ئىسلام ئەقىدىسى تەننى دەپ روھتىن بىخەبەر قالمىدى. بەلكى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئورتىسىنى مۇستەھكەم رەۋىشتە باغلىدى. روھقىمۇ تىگىشلىك ھەققىنى، تەنگىمۇ ئۆزىنىڭ تىگىشلىك ھەققىنى بىرىپ ئوڭچىللىق ياكى سولچىللىق قىلمىدى.
تارىخ جەرەيانىدا ئىنساندىكى روھى تەرەپنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ماددىي تەرىپىنى كىشەنلەش، ئۇنى ئازاپلاش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان دىنلار ۋە مەزھەپلەر كۆرۈلدى. ھىندىلارنىڭ بىراھمانلىرى، خىرىستىئانلارنىڭ پوپلىرى دەل شۇ خاھىشنىڭ تەرغىباتچىلىرى ئىدى.
بۇ قاراشقا قارشى ھالدا ئالەمدە ئىلاھ بار ياكى روھ بار، دېگەنگە تانىدىغان، سەزگۈلەر بىلەلەيدىغان ماددىدىن باشقىغا ئىشەنمەيدىغان ماتىريالىزىم قارىشى پەيدا بولدى.
بۇ نەزەرىيە بىلەن ئىنسان يىرىم ئىنسان ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، پەقەت ئىنساندىكى ھايۋانى تەلەپ بۇ ياشاشنىڭ بىردىن – بىر مەقسىدى بولدى.历史上的今天:
يەرشارىدا 24 سائەت ئەزان توختىمايدىكەن 2009-02-05ئىمزا قويۇشقا بولمايدىغان ئالتە خىل توختام 2009-02-05بلوگ ئەسكەرت مىسى 2009-02-05ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك 2009-02-05
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى