سەردار بىلوگى قۇرلغىلى
  •   مۇھەببەت ۋە ۋاقىت _cat}

    خەتكۈچ:(تەۋىسيە)


    بۇرۇن بىر ئارالدا خۇشاللىق،قايغۇ،بىلىم،مۇھەببەت قاتارلىقلار بىللە ياشايدىكەن.
    كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئارال چۈكۈپ كىتىش خەۋىپىگە دۈچ كەپتۇ،شۇنىڭ بىلەن،ئارالدىكىلەر كىمە بىلەن ئارالدىن ئايرىلماقچى بولۇپتۇ،پەقەت مۇھەببەتلا ئارالدىن ئايرىلغۇسى كەلمەي،ئارالدا يالغۇز قاپتۇ.ئۇنىڭ ئارالنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغۇسى باركەن، بىراق ئۇ قىلالماپتۇ،ئارال پۈتۈنلەي چۈكۈپ كىتەي دەپ قالغاندىلا مۇھەببەت كىتىشنى توغرا تېپىپتۇ،بىراق ئۇنىڭ كىمىسى بولمىغانلىقتىن باشقىلارغا يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ.
    دەل شۇ چاغدا بايلىق كىمىسى بىلەن ئارالنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپتۇ،مۇھەببەت ئۇنىڭدەن ياردەم سوراپ دەپتۇ:«بايلىق،مېنى كىمەڭگە ئېلىۋالساڭ!»
    بايلىق:«كەچۈرگىن،مىنىڭ كىمەمدە لىق ئالتۇن،كۆمۈشلەر بار ،ئەگەر سەن چىقساڭ كىمەم چۈكۈپ كىتىپ بۇلاردىن ئايرىلىپ قالىمەن...»
    ئارقىدىن ھاكاۋۇرلۇق يىتىپ كەپتۇ،مۇھەببەت ئۇنىڭغا يىلىنىپ بېقىشنى ئويلاپ:«مېنى كىمەڭگە چىقىرىۋالساڭ!»دەپتۇ.
    ھاكاۋۇرلۇق:«كەچۈرگىن،سەن پەك ھۆل بولۇپ كىتىپسە، چىرايلىق كىمەمنى ھۆل قىلىۋىتىسەن.»دەپتۇ ھاكاۋۇرلارچە.
    مۇھەببەت بىئارام بولۇپ تۇرغاندا قايغۇ يىتىپ كەپتۇ،«قايغۇ،مىنى كىمەڭگەچىقىرىۋالساڭ،مەن چۈكۈپ كىتەيلا دەپ قالدىم!»دەپ يىلىنىپتۇمۇھەببەت قايغۇغا.
    قايغۇ دەپتۇ:«كەچۈرگىن،مېنىڭ ھازىر يالغۇز يۈرگىم بار...»
    ئارقىدىن مۇھەببەت خۇشاللىققا ئۈمد باغلاپ:«خۇشاللىق ،مېنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كەتسەڭ !»دەپتۇ.
    خۇشاللىق ئۆزخۇشاللىقى بىلەن بولۇپ كىتىپ مۇھەببەتنىڭ گخپىنى ئاڭلىماپتۇ....
    دەپ بۇ چاغدا،مۇھەببەت بىرىنىڭ:«كەل،مەن سېنى ئالغاچ كىتەي !»دىگىنىنى ئاڭلاپتۇ،ئۇ بىر ياشانغان مويسىپىت بولۇپ،مۇھەببەت ئۇنى تونىمايدىكەن...مۇھەببەت قىزغاققا چىقىپتۇ،ئۆزىنى مويسىپىتقا قەرىزدەك ھىس قىلىپ ئۇنىڭ ئىسمىنى بولسىمۇ سورىۋالغۇسى كىلىپ ئېغىز ئېچىشىغا ئۇ ئاللىقاچان كىتىپ بوپتۇ...
    مۇھەببەت قارىسا يېنىدا بىلىم تۇرغۇدەك،ئۇ بىلىمدىن سوراپتۇ:«ماڭا ياردەم قىلغان كىم بولىدۇ؟»
    «ئۇ ۋاقىت بوۋاي بولىدۇ.»دەپتۇ بىلىم جاۋابەن.
    «بىراق نىمە ئۈچۈن ۋاقىتتىن باشقىلار ماڭا ياردم بىرشنى خالىمايدۇ؟»دەپ ياندۇرۇپ سوراپتۇ مۇھەببەت.
    بىلىم كۈلدى،مۇھەببەتكە مەنىلىك قاراپ قۇيۇپ:«پەقەت ۋاقىتنىڭلا مۇھەببەتنى چۈشىنەلەيدىغان قابىليىتى بار،پەقەت ۋاقىتلا مۇھەببەتنىڭ قانچىلىك يۈكسەك ھەم ئۇلۇغ ئىكەنلىكىن بىلىدۇ!»دەپتۇ





  • ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى