
-
ئاتىلار سۆزى- كومپاسنىڭ ئۆزى _cat}
ئوغلۇم!باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا مۇنداق نوقتىلارغا دىققەت قىل:
1. باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئىگىلە!
2. باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا چېھرىڭدىن تەبەسسۇم پارلاپ تۇرسۇن ، باشقىلارنىڭ سۆزىنى زەن قويۇپ ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋال!
3. باشقىلارنىڭ شەخسىي ئىشىنى سۈرۈشتۈرمە، تاسادىپېي بىلىپ قالغان تەقدىردە، ئۇنى ئۇنتۇپ كەت ياكى ئۇ مەخپىيەتلىكنى مەڭگۈ ساقلا!
4. باشقىلارنىڭ ماختىشى خۇددى ئەتىرگۈلگە ئوخشايدۇ، ئۇنى پۇراپ قويساڭلا كۇپايە، مۇبادا پۇرىقىدىن مەستخۇش بۇلۇپ كەتسەڭ، مەغلۇبىيەتكە قەدەم باسىسەن!
5. باشقىلار يىتەرسىزلىكلىرىڭنى كۆرسىتىپ بەرسە ، سەمىمى ئېتراپ قىل، شۇنداق قىلساڭ ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيسەن!
6. دوستۇڭ ئازاپلانغاندا، ئۈمىدسىزلەنگەندە ، ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىن، ئەكسىچە خۇشاللانغاندا ئۇنىڭ بىلەن مۇۋاپىق ئارلىق ساقلىغىن!
7. ئارتۇقچىلىقلىرىڭ ۋە كەمچىلىكلىرىڭنى بايقاشقا ماھىر بول!
8.ئەتە يېڭى بىر كۈن باشلىندۇ، ئەتە سەن تۈنۈگۈنكى ياكى بۈگۈنكى سەن ئەمەس!
9. باشقىلارغا خالىسانە ياردەم قولۇڭنى سونۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرغىن!
10.يېتەرسىزلىكلىرىڭنى ئويلاپ قايغۇرۇپ كەتمە، < ئالتۇن ساپ بولماس، نوقسانسىز ئادەم ( بولماس) > دېگەن ئەقىلىيەنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت!
11. ئۆزۈڭنىڭ ئاددىي ئادەملىكىڭدىن كۆڭلۈڭ يېرىم بولمىسۇن، ئەڭ خىرە يۇلتۇزمۇ قاراڭغۇدا يەنىلا كۆزنى چاقنىتىدۇ ؛ ھامان مۇلايىم، سەۋرىچان بول历史上的今天:
مۇھەببەتنىڭ مەنىسى 2009-01-31مۇھەببەت ۋە ۋاقىت 2009-01-31مۇھىم خاتىرە كۇنلەر 2009-01-31چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار 2009-01-31خانىم-قىزلارغا مەسلىھەت 2009-01-31
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى