- 
					
مۇھەببەتنىڭ مەنىسى _cat}
بىر كۈنى دوستۇمدىن: ئەگەر ساڭا ئۈچ كىشى بىرلا ۋاقىتتا مۇھەببەت ئىزھار قىلسا، بۇلارنىڭ بىرىنچىسى سېنى تاماققا تەكلىپ قىلىشقا ، ئىككىنچىسى ساڭا گۈل تەغدىم قىلىشقا، ئۈچىنچىسى سېنى مەدھىيلەپ شېئىر يېزىشقا ئامراق بولسا، بۇلارنىڭ ئىچىدە قايسىسى بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى خالايسەن ؟ دەپ سورىدىم .
-ھېچقايسىسى بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى خالىمايمەن.
-ئەگەر بۇ ئۈچى بىر ئادەم بولۇپ قالسىچۇ؟
-ئۇنداقتا ئويلىشىپ بېقىشقا بولىدۇ .
-ئەمسە سېنى بۇ كىشىگە ماقۇل بولدى دەيلى ، بۇ كىشى بىلەن بىرگە 10 يىل تۇرمۇش كەچۈردىڭ دېسەك ، كېيىنچە ئۇ ساڭا گۈل سوۋغا قىلىپ ، ساڭا ئاتاپ شېئىر يېزىشنى ، سېنى دائىم تاماققا تەكلىپ قىلىشنى ئارتۇقچە ھېس قىلىپ ، بۇ ئىشلاردىن بىرىنى قىسقارتىشنى ئويلاشسا ، سەن ئۇنىڭ قايسى تۈرىنى قىسقارتىشنى خالايسەن ؟
دوستۇم بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ :
-سىرىتتا يېمىسەمغۇ بولار،- دېدى .
-يەنە 10يىل ئۆتۈپ كەتتى دېسەك، ئۇ كىشىگە قېرىلىق يەتتى ، دائىم گۈل تەقدىم قىلىش ، شېئىر يېزىش ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىدىغان بولۇپ قالدى . ئۇ يەنە بىر تۈرنى قىسقارتىشنى ئويلىدى ، ئۇنىڭ قايسى تۈرنى قىسقارتىشىنى خالايسەن ؟-دەپ سورىدىم .
-ئۇنداقتا شېئىر يازىدىغاندىن ۋاز كېچەي .
-ئۇنداقتا سەن ئىككىنچى كىشىنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلدىڭ ، سەن ئاۋۋال بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىمەن دېگەن بولساڭمۇ ، ئاخىردا يەنىلا گۈل تەقدىم قىلىشقا ئامراق كىشىنى تاللىدىڭ .
مەن ئۇنىڭغا شۇنداق دېدىم –يۇ ئويلىنىپ قالدىم .
بۇ ئەسلىدە مۇھەببەتنىڭ كۈچى ئىكەن ، بىر كىشىگە نىسبەتەن سىزدە مۇھەببەت بولغانسېرى ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىدىغىنىڭىز شۇنچە كۆپ بولىدىكەن . ئۇنىڭ قەلبىڭىزدىكى ئورنى مۇستەھكەملىنىپ ، ئۆزىدىن باشقا تەرەپلىرىگە پىسەنىت قىلمايدىغان بولىدىكەنسىز .
ھەممىمىزنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشى بولىدۇ ، دانالىرىمىز ئېيىتقاندەك، مۇھەببەت بىر ئىستاكان سۇ . ئويلاپ باقسام مۇھەببەت چوڭقۇر مەنىلەرگە ئىگە ئىكەن ، مۇھەببەتلا مەۋجۇت بولىدىكەن ، كىممۇ باشقا نەرسىلەر بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرىدۇ دەيسىز .历史上的今天:
مۇھەببەت ۋە ۋاقىت 2009-01-31مۇھىم خاتىرە كۇنلەر 2009-01-31چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار 2009-01-31خانىم-قىزلارغا مەسلىھەت 2009-01-31ئاتىلار سۆزى- كومپاسنىڭ ئۆزى 2009-01-31
 
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى












