سەردار بىلوگى قۇرلغىلى
  •   پەيغەمبەر ئەخلاقىدىن ئۆرنەكلەر .4 _cat}

    2009.01

    31

    خەتكۈچ:(تەۋىسيە)

    ئىپپىتى
    پەيغەمبىرىمىز دۇئالىرىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ كەلگەن بىر ئىش ئىپپەتتۇر.51  ئەر-ئاياللارنىڭ، قەبىھ سۆز-ھەرىكەتلەر ۋە ناشايان ئىشلاردىن ساقلىنىشىنى سۆزلىگەن پەيغەمبىرىمىز ئۇچۇقچىلىقتا يۇيۇنغان بىر كىشىنىڭ بۇ ئىشىنى يامان كۆرگەن. ئەر-ئاياللارنىڭ شەكىل-قىياپەتلەردە بىر-بىرىگە ئوخشىۋېلىشلىرىنى توسقان. 52
    بۇلاردىن سىرت ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگە باشقىچە نەزەردە قاراشلىرىنى توسقان پەيغەمبىرىمىز، سوئال سوراپ كەلگەن بىر ئايالغا ئىبنى ئابباسنىڭ دىققەت بىلەن قاراپ قالغىنىنى كۆرۈپ ئىبنى ئابباسنىڭ يۈزىنى تۇسىۋالغان.
    53
    ھايالىق ئىكەنلىكى
    پەيغەمبىرىمىز: «ھەر بىر دىندا ئەخلاق بار، ئىسلامدىكى ئەخلاق ھايادۇر» دېگەن.54  ساھابىلەر پەيغەمبىرىمىزنى: «ئۆزىنى ھوجرسىدا ساقلىغان قىزدىنمۇ بەكراق ھايالىق ئىدى» دەپ سۈپەتلەشكەن.
    ھايا بىلەن ئىماننىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ۋە بىرسى بولمىسا يەنە بىرسىنىڭمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان، پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىر كىشىنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئەۋۋەل ئۇنىڭدىن ھايانى كۆتىرۋىتىدۇ، ھاياسىز قالغان كىشى ئاللاھنىڭ غەزپىگە ئۇچراشقا باشلايدۇ-دە، ئۇنىڭدىن ئامانەت (ئىشەنچ) مۇ كۆتىرلىدۇ، ئىشەنچسىز كىشى خائىنغا ئايلىنىدۇ، خائىن كېشىدە مېھرى-شەپقەت بولمايدۇ، مېھرى-شەپقەتسىز كىشى لەنەتگەردىگە ئايلىنىدۇ ۋە ئاخىرىدا قەلبىدىن ئىمان بىراقلا يۇقىلىدۇ.» .55

    ئادىللىقى
    پەيغەمبىرىمىز نەزىردە ھەممە ئادەم باراۋەرئىدى.ھەممە ئىشتا ئادىل بولغان پەيغەمبىرىمىز ئادالەتنى ئېجىرا قىلىشتا ئاراچىلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايتتى. ئەنەس ئىبنى مالىكنىڭ ھامماچىسى ئەررۇبەيئە بىر ئەنسارى دېدەكنىڭ چىشىنى تۈكىۋەتكەندە، پەيغەمبىرىمىز قساس ئېلىش بۇيرۇقى بەرگەن ۋە ئىتىراز بىلدۇرۇپ كەلگەن ۋاستىچىلارنى رەت قىلىپ، بۇيرۇقنى ئىجىرا قىلدۇرغان. 56
    پەيغەمبىرىمىز قۇل-دېدەكلەرنى كەمسىتمەستىن ئادالەتنى ياقىلاپ ئۇلارنىڭ ھەق-ھۇقۇقلىرىنى قوغدايتتى.مەخزۇم ئايمىقىدىن ئوغرىلىق قىلغان بىر ئايالنىڭ ئىشى قۇرەيش قەبىلىسى كىشىلىرىنى غەمگە سالىدۇ. ئۇلار: «بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇسامە بىن زەيىدنى ئەۋەتىدۇ. ئۇسامە بۇ توغرۇلۇق پەيغەمبىرىمىزگە گەپ قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز: «ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئارا تۇرماقچىمۇ سەن؟» دەپ ئورنۇدىن تۇرۇپ خۇتبە ئۇقۇپ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەردىن ئىلگىرى ئوتكەن ئۈممەتلەر شۇنىڭ ئۈچۈن ھالاك قىلىندىكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇپۇزلۇق كىشىلەر ئوغرىلىق قىلسا جازالىماي، ئاجىز كىشىلەر ئوغرىلىق قىلسا جازالايتتى. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مۇھەممەدنىڭ (ئۆزىنىڭ دېمەكچى) قىزى فاتىمە ئوغرىلىق قىلغان تەقدىردىمۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قۇلىنى كەسكەن بولاتتىم».57
    پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەدەب- ئەخلاققا بۇيرۇپ يامان ئىش يامان ھەرىكەتلەردىن توسقان نۇرغۇن ھەدىسلىرى بار. يۇقاردا پەقەت پەيغەمبىرىمىز ئەخلاقىدىن ئازغىنە ئۆرنەكلەر بىرىلدى.ئاللاھ ھەممىمىزنى پەيغەمبىرىمىزدىن ئۈلگە ئېلىپ ئېسىل ئەخلاقلار بىلەن ئۆزىمىزنى زىننەتلەشكە نېسىپ قىلسۇن!
    _____________________________________
    پايدىلانغان مەنبەلەر:
    1سۈرە قەلەم 4-ئايەت.   
    2سۈرە ئەھزاب،21-ئايەت
    3سەھىيھۇل بۇخارىي، كىتابۇل ئىمان.
    4ئەبۇ داۋۇت، كىتابۇل ئەدەب.
    5سەھىيھۇل بۇخارىي، بابۇلئەزان.
    6ئبنى ھەنبەل، بەشىنچى جىلد،256 -257-بەتلەر.
    7ئىبنى ھاجەر ئەل ئەسقەلانىنىڭ «ئەل ئىسابە فى تەميىزىسساھابە» دېگەن ئەسىرى ئەيىن ھەرىپى قىسمى.
    8تىرمىزى، كىتابۇل ئىستىئزان.
    9سەھىيھ مۇسلىم، كىتابۇل ئەيدەين.
    10سۈنەنى ئىبنى ماجە، كىتابۇتتىجارات.
    11ئىبنى ھەنبەل، ئالتىنچى جىلد 264-بەت.
    12سەھىھ مۇسلىم، كىتابۇررىزائ.
    13ئەبۇ داۋۇت، كىتابۇل مەناسىك.
    14تىرمىزى، كىتابۇل بىررى ۋەسسىلەتى.
    15ئبنى ماجە، كىتابۇل مۇقەددىمە، بابۇ فەزلىلھەسەن ۋەلھۈسەيىن.
    16ئىبنى ھاجەر ئەل ئەسقەلانىنىڭ «ئەل ئىسابە فى تەمييىزىسساھابە» دېگەن ئەسىرى.
    17ياخشىلار باغچىسى، 202-باب، 1170-ھەدىس. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى.  
    18ئىبنى ھاجەر ئەل ئەسقەلانىنىڭ «ئەل ئىسابە فى تەميىزىسساھابە» دېگەن ئەسىرى.  
    19 سەھىيھۇل بۇخارىي، كىتابۇننىكاھ.
    20  سۈرە بەقەرە، 185-ئايەت.
      21سەھىيھۇل بۇخارىي، كىتابۇل ئىلىم.
    22 سەھىيھۇل بۇخارىي، كىتابۇل مەناقىب.
    23 ئىبنى ھەنبەل، بىرىنچى جىلد 262-بەت.
    24 سەھىيھۇل بۇخارىي، كىتابۇل ئەدەب.
    25 ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد بىن ئۆمەر ئەلۋاقىدىينىڭ «كىتابۇل مەغازى» ناملىق ئەسىرى. بەيرۇت 1984 نەشىرى، ئىككىنچى جىلد 448-بەت.
      26 سۈنەنۇد دارىمىي، كىتابۇل مۇقەددىمە.
      27 سۈنەنۇت تىرمىزى، كىتابۇل بىررى ۋەسسىلەتى، بېخىللىق بابى.
      28 سەھىيھۇل بۇخارىي، كىتابۇن فىيل ئىستىقرازى...
    29  سۈنەنۇن نەسائىي، كىتابۇل جۇمئە.
    30 سەھىيھۇ مۇسلىم، كىتابۇل مۇسافىرىن.
    31  سەھيھۇل بۇخارىي، كىتابۇ ئەھادىيسىل ئەنبىيا.
    32 ياخشىلار باغچىسى، 71-باب، 602-ھەدىس. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى.
      33سۈنەنى ئىبنى ماجە، كىتابۇت تەھارە.
    34 سەھىيھۇل بۇخارىي، كىتابۇل ئەدەب.
    35 سەھىيھۇل بۇخارىي، كىتابۇل ھىبە.
    36 سۈنەنى ئىبنى ماجە، كىتابۇل ئەتئىمە.
      37سەھىيھۇل بۇخارىي، كىتابۇتتالاق.
    38 ئىبنى كەسىرنىڭ «ئەلبىدايە ۋەننىھايە» ناملىق ئەسىرى، بەيرۇت 1990-يىل نەشرى، ئالتىنچى توم 37-بەت.
    39 ئىبنى سەئەدنىڭ «ئەتتەبەقاتۇل كۇبرا» ناملىق ئەسىرى، بىرىنجى جىلد 227-228-بەتلەر.
    40  ئىبنى ھەنبەل، بىرىنچى جىلد 4-بەت.
      41ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد بىن ئۆمەر ئەلۋاقىدىينىڭ «كىتابۇل مەغازى» ناملىق ئەسىرى. بەيرۇت 1984- يىل نەشىرى، بىرىنجى جىلد 251-بەت.
      42ئىبنى سەئەدنىڭ «ئەتتەبەقاتۇل كۇبرا» ناملىق ئەسىرى، يەتتىنچى جىلد 59-بەت.
    43 سۈرە بەقەرە 107-ئايەت.
    44  سەھىيھۇل بۇخاري، كىتابۇ بەدئىل خەلقى، بابۇ زىكرۇل مەلائىكە.
    45سەھىھ مۇسلىم، كىتابۇل بىر.
    46ئەبۇ داۋۇد، كىتابۇل ئەدەب.
      47 ياخشىلار باغچىسى، 143-باب، 893-ھەدىس. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى.
    48  ياخشىلار باغچىسى، 22-باب، 183-ھەدىس. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى.
    49  ئىبنى سەئەدنىڭ «ئەتتەبەقاتۇل كۇبرا» ناملىق ئەسىرى، بىرىنچى جىلد 378-بەت.
    50 سەھىيھۇل بۇخارىي، كىتابۇل ئەدەب.
    51 سەھىيھ مۇسلىم، كىتابۇز زىكر.
    52 سەھىيھۇل بۇخارىي، كىتابۇللىباس.
      53سەھىھ مۇسلىم، كىتابۇل ھەج.
    54 ئىبنى مالىكنىڭ «مۇۋەتتائ» ناملىق ئەسىرى، كىتابۇل جامىئ، بابۇ ماجائە فىلھايا.
    55  سۈنەنى ئىبنى ماجە، كىتابۇل فىتەن.
    56 سەھىيھۇل بۇخارىي، كىتابۇسسۈلىھ.
      57ياخشىلار باشچىسى، 350-باب، 1770-ھەدىس. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

    مەنبە   http://www.blogbus.com/





  • ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى