
-
پەيغەمبەر ئەخلاقىدىن ئۆرنەكلەر .2 _cat}
بالىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى:
پەيغەمبىرىمىز بالىلارنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇلارنى سۈيۈپ قۇياتتى، پۇرايتتى، سالام بىرەتتى، ئەھۋالىنى سۇرايتتى، ئاغىرىپ قالغاندا يوقلاپ باراتتى، ھەتتا قۇچىقىغا ئالغان بالىنىڭ تەرەت قىلىپ قۇيىشىغىمۇ خاپا بولمايتتى. بارلىق بالىلارنى ياخشى كۆرەتتى ۋە «كىچىكلەرنى ئىززەتلىمىگەن ئادەم بىزدىن ئەمەس.» دېگەنىدى.14
بالىلار بىلەن چاقچاقلىشاتتى، بىللە ئوينايتتى. پەيغەمبىرىمىز بىر قېتىم مۇھەممەد ئىبنى رەبىئ ئىسىملىك بىر بالىغا قاچىدىن سۇ ئېلىپ چاچقان. بىر قېتىم پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەر بىلەن بىللە بىر زىياپەتكە كىتىۋاتقاندا كۇچىدا ئويناۋاتقان ھۆسەيىننى كۆرۈپ ساھابىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ھۆسەيىنگە قۇچىقىنى ئاچقان ھۆسەيىن بولسا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدىدىن ئۇياق-بۇياققا قېچىپ يۇرگەن پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ يۈرۈپ تۇتۇۋالغان ۋە باغرىغا باسقانىدى15
بالىلارنىڭ يېنىغا بارغاندا ئۇلارغا سالام بىرەتتى. ئۇلارنى ئۆزى تەرەپكە يۈگۈرگىلى سېلىپ مۇسابىقىلەشتۈرەتتى ۋە ئۇلارغا ھەدىيەلەر بىرەتتى. بىر قېتىم تاغىسى ئابباسنىڭ ئىككى ئوغلى ئابدۇللاھ بىلەن ئۈبەيدۇللاھنى يۈگۈرگۈزۈپ قۇلىدىكى نەرسىنى كۆرسىتىپ: «كىم بالدۇر كەلسە ماۋۇنى بىرىمەن.» 16دېگەنىدى.
ئوتتۇرھال يول تۇتىدىغانلىقى:
پەيغەمبىرىمىز ھەتتا كېچە-كۈندۈزلۈك بارلىق ئىبادەتلىرىدىمۇ ئوتتۇرھال يول تۇتقان ئىدى. ئائىشە ئانىمىزدىن مۇنداق بىر رىۋايەت بار: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇلۇق بىر كېچە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلغىنىنى بىلمەيمەن.» ئەنەس ئىبنى مالىكتىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كېچىسى ناماز ئۇقۇۋاتقان ھالدا كۆرەي دېسەڭ ناماز ئوقۇۋاتقان ھالدا، ئۇخلااۋاتقان ھالدا كۆرەي دېسەڭ ئۇخلااۋاتقان ھالدا كۆرەتتىڭ».17
پەيغەمبىرىمىز ئىنسانلارنىڭ تەبىئيتىگە زىت كىلىدىغان ھېچقانداق ئىشنى بۇيرىمىغان. ئۇنىڭ بۇيرۇغان ياكى توسقان ئىشلىرى ئىنسانلارنىڭ ئادا قىلىشى قۇلاي ئىشلار ئىدى. بىر كۈنى پەيغەمبىرىمىز ۋەز ئېيتىۋېتىپ ئۆرە تۇرغان بىرسىنى كۆرۈپ نېمە سەۋەپتىن ئۆرە تۇرغانلىقىنى سورىغان. ئەتىراپىدىكىلەر: «ئۇ پالانى كىشى بولۇپ ئۆرە تۇرۇشقا، ئاپتاپتا تۇرۇشقا ۋە گەپ قىلماسلىققا ئاللاھقا ۋەدە قىلىپتۇ» دېگەندە پەيغەمبىرىمىز: «ئۇ ئادەمگە ئېيتىپ قۇيۇڭلار؛ گەپ قىلسۇن، سايىدىسۇن ۋە ئولتۇرسۇن...»18 دېگەن.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىبادەتلەردە ئوتتۇرھال يول تۇتىدىغانلىقى ھەققىدە سەھىيھۇل بۇخارىيدا مۇنداق رىۋايەت بار: «ساھابىلەردىن ئۈچ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆيىگە كىلىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىبادەتلىرى ھەققىدە سورغان. ئۇلارغا بۇ ھەقتە جاۋاپ بىرىلگەندىن كېيىن ئۇلار: «بىز پەيغەمبەردەك بۇلالايتتۇقمۇ؟ ئۇنىڭ ئۆتمۈشىتكى ۋە كېلەچەكتىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان تۇرسا!» دېيىشكەن ۋە بىرسى: «مەن كېچىچە ئىبادەت قىلىمەن» بىرسى: «مەن ھەر كۈنى روزا تۇتۇمەن» يەنە بىرسى: «مەن ئۆمۈر بۈيى ئۆيلەنمەي ئۆتىمەن» دېگەن. پەيغەمبىرىمىز ئۇلارنىڭ يېنىغا كىلىپ: « سىلەر مۇنداق- مۇنداق دېگەن كىشىلەرمۇ؟ مەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئاللاھتىن ئەڭ قۇرقىدىغان ۋە ئەڭ تەقۋادارىمەن. مەن روزىنى بەزى كۈنلىرى تۇتىمەن بەزى كۈنلىرى تۇتمايمەن، كېچە ئىبادەتلىرىنى بەزىدە قىلىمەن بەزىدە قىلماي ئۇخلايمەن، ئۆيلىنىمەن. كىمىكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن مەندىن ئەمەس.»19 دېيىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئوتتۇرھال يۇل تۇتۇشقا بۇيرۇغان. ئەمەل-ئىبادەتلىرىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز بۇ ئوتتۇرھاللىقنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن.
پەيغەمبىرىمىز ئاسانلىقنى تەۋسىيە قىلاتتى ۋە ئۆزىمۇ ئىشلارنىڭ ئاسان بولغىننى تاللايتتى. ئاللاھتائالا: «ئاللا سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىىكنى خالىمايدۇ».20دېگەن . پەيغەمبىرىمىز: «ئاسانلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار، خۇش بىشارەت بىرىڭلار ھۈركۈتمەڭلەر»21دېگەن. پەيغەمبىرىمىز ئىككى ئىش ئارىسىدا تاللاشقا دۈچ كەلسە گۇناھ بولمىسىلا ئاسىنىنى تاللايتتى.22
راستچىللىقى:
پەيغەمبىرىمىز راستچىل ئىدى. راستچىللىقنى تەۋسىيە قىلاتتى. تەۋسىيە قىلغان ۋە بۇيرۇغان ئىشلار بىلەن ئەمەلىي ھەركىتى ئارىسىدا بىردەكلىك بار ئىدى. پەيغەمبىرىمىز ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنمۇ يالغانچىلىق بىلەن تۆھمەت قىلىنغان ئەمەس ھەتتا مۇشرىك ئەبۇ جەھىل: «مۇھەممەد سۆزلىرىدە راستچىل ئىدى، ئۇ ئۆمرىدە يالغان سۆزلەپ باقمىغان» دېگەن بولسا پەيغەمبىرىمىزگە قارشى چىققان نەدر بىن ھارىس: «مۇھەممەد ئىچىڭلاردىكى ھەممە ياخشى كۆرىدىغان ياش ئىدى. ئەڭ راست سۆزلەيدىغان ۋە ئەڭ ئىشەنچىلىك بىرسى ئىدى» دېگەن. ئەبۇ سۈفيان پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھېچقاچان يالغان سۆزلىمىگەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان. 23
چاقچاق قىلغاندىمۇ راستچىللىقتىن چەتنەپ كەتمىگەن پەيغەمبىرىمىز: «شۈبھىسىزكى، راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق بولسا جەننەتكە باشلايدۇ»24 دېگەن.
ھەتتا يالغان ئارىلاشقان چاقچاقلارنىمۇ توغرا تاپمىغان پەيغەمبىرىمىز: «چاقچاق بىلەن مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىشنى ئۇلارغا زىيان يەتكۈزىشنى ۋە نەرسە-كىرەكلىرىنى ئېلىۋېلىپ يۇشۇرۇپ قۇيۇشلارنى چەكلىگەن.»25历史上的今天:
مۇھەببەتنىڭ مەنىسى 2009-01-31مۇھەببەت ۋە ۋاقىت 2009-01-31مۇھىم خاتىرە كۇنلەر 2009-01-31چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار 2009-01-31خانىم-قىزلارغا مەسلىھەت 2009-01-31
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى