
-
پەيغەمبەر ئەخلاقىدىن ئۆرنەكلەر .1 _cat}
ئابدۇقاھار ئابدۇۋارىس مەھزۇن.
ئاپتۇر شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتىنى پۇتتۇرگەن. ھازىر تۈركىيە سەلجۇق ئۇنۋېرسىتىتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىدا ئىسلام تارىخى بويىچە ماگېستىر ئاسپىرانت.
ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن.»1
بۇ ئايەتتە ئاللاھتائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدا بارلىق گۈزەل ئەخلاق، ئېسىل مىجەز-خۇلۇقلارنىڭ مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى بايان قىلغان بولسا «سىلەرگە-ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمۈد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە-رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگەدۇر.»2 دېيىش ئارقىلىق پەيغەمبىرىمىزنى بارلىق ئىشلىرىمىزدا ئۈلگە قىلىشىمىزغا چاقىرغان.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىك سۈپىتى بىلەن ئېلىپ بارغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى، سۆزلىرىنى، يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە تۇرمىشىدىكى چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىز مۇسۇلمانلار كۈندىلىك ھاياتىمىزغا تەدبىقلاپ ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى، كۈندىلىك ھاياتىنى، ئەخلاقى سۈپەتلىرىنى ياخشى بىلىشىمىز زۆرۈر.
تۆۋەندە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاددى ئەمما ئېسىل ئەخلاقى سۈپەتلىرىنى ھەدىسلەردىن نەقىل ئېلىپ قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قېرى-ياش، ئەر-ئايال بولسۇن ھەممە كىشىگە كۆڭۈل بۆلەتتى. ساھابىلەردىن بىرەرسىنى كۆرۈپ تۇرمايدىغان بولسا سۈرۈشتۈرەتتى.ھەممە ئادەمنىڭ ھاجىتىدىن چىقاتتى. كېسەللەرنى ۋە قۇشنا-قۇلۇملارنى يوقلاپ ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بۇلاتتى. ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرىغا قاتنىشىپ تەزىيەسىنى بىلدۈرەتتى. مەسجىدنى سۈپۈرۈپ-تازىلايدىغان ئايال كۆرۈنمەي قالغان چاغدا ئۇنىڭ نېمە بولغانلىقىنى سورىغان ۋە ۋاپات تاپقانلىقىنى ئاڭلاپ ئاتايىن قەبرىسىگە بېرىپ دۇئا قىلغان.3
پەيغەمبىرىمىز، مەيلى تۇنۇش ۋە مەيلى ناتۇنۇش بولسۇن ھەممىگە سالام بىرەتتى. رۇخسەتسىز ھېچقانداق ئۆيگە كىرمەيتتى. چېھرىدىن ھەر زامان تەبەسسۇم يېغىپ تۇراتتى. ھېچكىم بىلەن ئازارلىشىپ قالمايتتى.سۆرەن سالمايتتى. كۆپ سۆزلەشنى ياقتۇرمايتتى. بىھۇدە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولمايتتى. پەيغەمبىرىمىز كىشىلەرنىڭ كەمچىللكلىرىنى يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ ئېيتمايتتى. بىرەرسىنىڭ ناتوغرا ئىشلىرىنى ئاڭلىغىنىدا : «پالانى مۇنداق قىپتۇ دەپ ئېتىنى ئاتىماي، مۇنداق قىلغانلار بارئىكەن دەپ شۇ ئىشنى چەكلەيتتى».4
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارنىڭ كەينىدىن گەپ تېپىشنى، غەيۋىتىنى قىلىشنى ياقتۇرمايتتى. پىتنە-پاساتنىڭ ئالدىنى ئالاتتى. ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى. مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىياللاھۇ ئەنھۇ جامائەتكە بامدات نامىزىنى ئۇزۇن ئۇقۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا: «پىتنە تېرىماقچىمۇسەن؟!» دەپ ئاگاھلاندۇرغانىدى.5
ئەتىراپىدىكىلەرنىڭ سەمىمىي مۇسۇلمان بولىشىغا ئەھمىيەت بىرىپ ئۇلارنى خاتا ۋە ھارام ئىشلارنى قىلىشتىن مەنئى قىلاتتى. بىر كۈنى بىر ياش پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا كىلىپ زىنا قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىغاندا ئۇنىڭغا: «بۇ قىلمىشنىڭ ئاپاڭغا قىلىنىشنى خالامسەن؟!.. ياكى ھەدە-سېڭىللىرىڭغا، ھامماچىلىرىڭغا قىلىنىشىنى خالامسەن؟» دېگەندە بۇ ياش: «ياق» دەپ جاۋاپ بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا دۇئا قىلغان شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ نىيىتىدىن ۋاز كەچكەن.6
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەرىزلەرنى ۋاختىدا قايتۇرماسلىقىنى ۋە قەرىزدارنىڭ قەرىزى سەۋەبىدىن تەڭقىسلىقتا قېلىشىنى خالىمايتتى. بۇ ھەقتە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ھەدرەد مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر يەھۇدىينىڭ مەندە تۆت تەڭگە ئېلىشى بار ئىدى.مەن ئۇنىڭ قەرزىنى ۋاقتىدا بەرمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلىپ بېرىپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا بۇ قەرزنى ئادا قىلىۋېتىشىمنى ئېيتتى. مەن بەرگۈدەك بىر نەرسەمنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزىنى ئۆچ قېتىم تەكرارلىغان ئىدى مەن بازارغا بېرىپ ئۈستۈمدىكى تون چاپاننى تۆت تەڭگىگە سېتىپ قەرزىمنى قايتۇردۇم».7
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇچراشقان كىشىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشەتتى ۋە ئايرىلغاندا ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيتتى. بىر كۈنى پەيغەمبىرىمىز ھۇزۇرىغا كەلگەن بىر كىشى: «قولۇڭغا سۆيسەم بۇلامدۇ؟.»دەپ سورىغان. پەيغەمبىرىمىز: «بولمايدۇ»دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇ كىشى: «ئالدىڭدا ئىگىلسەم بۇلامدۇ؟» دېگەن. پەيغەمبىرىمىز: «ياق» دېگەن. بۇ نۆۋەت ئۇ كىشى: «قول ئېلشىپ كۆرۈشسەمچۇ؟.» دېگەندە پەيغەمبىرىمىز: «بولىدۇ» دېگەن8 . مۇسۇلمان مىللەتلەردە ھۆرمەت يۈزىسىدىن چوڭلارنىڭ قولىغا سۆيىدىغان ۋە بېشىنى ئىگىپ سالام بىرىدىغان ھەر خىل يوللۇق سالاملىشىش ئادەتلىرى بار بولۇپ چوڭلارنىڭ قولىنى سۆيۈشنىڭ دىندا ھېچقانداق كاراھىيتى يوق تۇرۇقلۇق پەيغەمبىرىمىز ھاكاۋۇرلۇق بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئۇ كىشىنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلغان.
پەيغەمبىرىمىز جىھاتتىن باشقا ۋاقىتلاردا بىرەرسىنى ئورمىغان. قۇل ۋە دىدەكلەرگىمۇ باشقا ھۆر ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلغان.
جابىر ئىبنى سەلەمە رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاز سۆزلەيتتى، ئاز كۈلەتتى، ساھابىلىرى ئۇنىڭ يېنىدا شېئىر ئۇقۇشاتتى ۋە ئۆز-ئارا بەزى ئىشلارنى سۆزلەشكەچ كۈلىشەتتى.»9 پەيغەمبىرىمىز ئىشلەشنى، تەر تۈكۈشنى تەرغىپ قىلاتتى. تىلەمچىلىكتىن چەكلەيتتى. بىر كىشى پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭدىن نەرسە تىلىگەنىدى پەيغەمبىرىمىز ئۇ كىشىدىن: ئۆيىدە نېمە بارلىقىنى سورىدى. ئۇ، بىر يېپىنچىسى ۋە بىر دانە سۇ ئىچىدىغان ياغاچ تاۋىقى بارلىقىنى ئېيتتى. پەيغەمبىرىمىز «ئۇلارنى ئەكەل.» دېدى ۋە مەسجىتتە باھا چىقارتىپ ئىككى تەڭگىگە سېتىپ بەردى. ئۇ ئادەم ئىككى تەڭگىنىڭ بىرىگە يىمەكلىك ئالدى ۋە يەنە بىرىگە بىر پالتا ئېلىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا كەلدى. پەيغەمبىرىمىز ئۆز قولى بىلەن پالتىنى ساپلاپ بەردى ۋە: «ئون بەش كۈنگىچە سېنى كۆرمەي، بېرپ ئۇتۇن كېسىپ سات.» دېگەن. ئۇ كىشى ئون تەڭگە تېپىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىغا كەلگەن. پەيغەمبىرىمىز: «تاپقان پۇلىڭغا ئازىراق يەيدىغان نەرسە ئېلىپ ساڭا يەتكۈدەك ھالغا كەل» دېگەندىن كىيىن: «مانا بۇ (كىشىنىڭ ئۆز ئەمگىكى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىشى) تىلەمچلىك قىلغىنىدىن ياخشىدۇر.» دېگەن.10
ئاياللار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى:
ئەر-ئەيال مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن پەيغەمبىرىمىز مۇنەۋۋەر بىر ئائىلە باشلىقى ئىدى. پەيغەمبىرىمىز: «ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.» «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىگە قارىتا ياخشى مۇئامىلدە بولغىنىڭلاردۇر. مەن ئىچىڭلاردىكى ئائىلىسىگە قارتا ئەڭ ياخشى مۇئامىلدە بولغان بىرىمەن.» دېگەنىدى. پەيغەمبىرىمىز ئەرلەرنى ئاياللارغا خۇشخۇي مۇئامىلىدە بولىشنى ئۈمۈد قىلاتتى. باشقىلارغا خۇشخۇي بولۇپ ئايالىغا چىراي ئاچماسلىقنى ياقتۇرمايتتى. پەيغەمبىرىمىز ئائىلىسىگە، ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى. ئاياللىرى بىلەن چاقچاقلىشاتتى.11 ئاياللارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئۇلارغا سالام بىرەتتى. پەيغەمبىرىمىز مەخسۇس بىر كۈننى ئاياللارغا تەلىم-تەربىيە بىرىشكە ئاجىراتقانىدى.
پەيغەمبىرىمىز ئېرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ كەلگەن بىر ئايالغا: «ھەربىر ئايالنىڭ ياخشى كۆرۈلدىغان بىر تەرىپى باردۇر.»12 دېيىش ئارقىلىق ئېرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا دەۋەت قىلغانىدى. ئاياللىرىنى پەقەت ئۇرمىغان پەيغەمبىرىمىز ۋىدالىشىش خۇتبىسىدە: «ئاياللار ھەققىغە رىئايە قىلىشىڭلارنى ۋە بۇ بارىدا ئاللاھتىن قورقۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىلەر ئاياللارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى سۈپىتىدە نىكاھلاپ ئالدىڭلار ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداڭلار.» دەپ بۇيرىغانىدى.13历史上的今天:
مۇھەببەتنىڭ مەنىسى 2009-01-31مۇھەببەت ۋە ۋاقىت 2009-01-31مۇھىم خاتىرە كۇنلەر 2009-01-31چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار 2009-01-31خانىم-قىزلارغا مەسلىھەت 2009-01-31
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى