
-
جامائەت نامىزىغا قاتنىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان _cat}
جامائەت نامىزىغا قاتنىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھەدىسلەر نۇرغۇن. چوقۇم ئاللاھنىڭ ئۆيى بولغانمەسچىتلەردە جامائەت نامىزىغا قاتنىشىش كېرەك. ھەربىر مۇسۇلمان بۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى، ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرى، ئەھلى، قولۇم-قوشنىلىرى ئارىسىدا بۇنى بەرپا قىلىشى، ئۇنىڭغا ئالدىرىشى، بىر-بىرىنى مەسچىتتە جامائەت نامىزىغا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىشى كېرەك. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇيرىغانغا ئەمەل قىلىشى، ئاللاھ ۋە ئاللاھ رەسۇلى چەكلىگەندىن چەكلىنىشى، مۇنافىقلارغا ئوخشاپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان ئىش- ئەمەللەردىن يىراقلىشىشى كېرەك، ئاللاھ مۇنافىقلارنىڭ سۈپىتىنى ئەڭ ناچار سۈپەت دەپ تەرىپلەيدۇ، ئۇلار نامازغا ھورۇنلۇق قىلىدۇ. ئاللاھ سۇبھانۇ ۋە تائالا ئۆزىنىڭ كىتابىدا مۇنداق دېگەن:
إِنَّ المُنَافِقِينَ يُخَادِعُونَ اللَّهَ
وَهُوَ خَادِعُهُمْ
وَإِذَا قَامُوا إِلَى الصَّلاةِ قَامُوا كُسَالَى يُرَاءُونَ النَّاسَ
وَلاَ
يَذْكُرُونَ اللَّهَ إِلاَّ قَلِيلاً
مُذَبْذَبِينَ بَيْنَ ذَلِكَ لاَ إِلَى هَؤُلاءِ
وَلاَ
إِلَى هَؤُلاءِ
وَمَن يُضْلِلِ اللَّهُ فَلَن تَجِدَ لَهُ سَبِيلاً
[النساء آية: (142
-
143)]
شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار اﷲ نى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، اﷲ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ، ئۇلار ناماز ئۈچۈن تۇرغاندا، خۇش ياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ (ساۋاب ئۈمىد قىلمايدۇ)، (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ (يەنى رىياكارلىق قىلىدۇ)، اﷲ نى پەقەت ئازغىنا ياد ئېتىدۇ. مۇناپىقلار كۇفرى بىلەن ئىمان ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ تۇرىدۇ، نە ئۇلارغا، نە بۇلارغا مەنسۈپ ئەمەس (يەنى مۆمىنلەرگىمۇ، كاپىرلارغىمۇ مەنسۈپ ئەمەس)، كىمنى اﷲ گۇمراھ قىلغان ئىكەن، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ توغرا يول تاپالمايسەن
[سۈرە نىسا 142-143-ئايەتلەر].
جامائەت نامىزىغا قاتنىشىشنى تەرك ئېتىش نامازنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمىنى تەرك ئېتىشتۇر. ھەممىگە مەلۇمكى، نامازنى تەرك ئېتىش ئاللاھنى ئىنكار قىلىش، گۇمراھلىق ۋە مۇرتەدلىكتۇر. چۈنكى ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: « بىر كىشى (مۇسۇلمان) نىڭ مۇشرىك ۋە دىنسىزدىن پەرقى نامازدۇر». جابىر رىۋايىتى. ( سەھىھۇلمۇسلىم)ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: « بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەھدى نامازدۇر. كىمكى نامازنى تەرك ئېتىدىكەن، ئۇ ئىنكار قىلغان بولدى.» ① يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسلەر نامازنىڭ مۇھىملىقىنى، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئۇنى بەرپا قىلىشى ۋە قەتئىي ئەمەل قىلىشى لازىملىقى تەكىتلەيدۇ. ئاللاھنىڭ بىزگە كۆرسىتىپ بەرگىنىدەك، نامازنى تەرك ئېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەرىكەتلەرنى قەتئىي تەرك ئېتىش لازىم.
ھەربىر مۇسۇلمان ھەر ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، ئاللاھ تائالا تەلەپ قىلغاندەك ئورۇندىشى، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە ئورۇنلىشى لازىم.
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا چەكسىز ئىتائەتمەنلىك بىلدۈرۈشى، ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن ۋە قاتتىق ئازابىدىن پاناھ تىلىشى لازىم.ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەقىقەت كېلىدىكەن، ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەرقانداق باھانە- سەۋەبلەر بىلەن ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا ئىمكانىيەت قالمايدۇ. چۈنكى ھەممىگە قادىر ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ
وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ
وَأُوْلِي الأَمْرِ مِنكُمْ فَإِن تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ
وَالرَّسُولِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ
وَالْيَوْمِ الآخِرِ ذَلِكَ خَيْرٌ
وَأَحْسَنُ تَأْوِيلاً
[النساء آية: (59)]
①
تىرمىزى ھەدىس توپلىمىدا رىۋايەت قىلىنغان.ئى مۆمىنلەر! اﷲ قا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە
ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا اﷲ قا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، بۇ (يەنى اﷲ نىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر [سۈرە نىسا: 59].ئاللاھ سۇبھانۇ ۋە تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
الَّذِينَ يَتَسَلَّلُونَ مِنكُمْ لِوَاذاً فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَن تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
[النور آية: (63)]
پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن [سۈرە نۇر: 63]ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، جامائەت نامىزىغا قاتنىشىشنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپ، ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغىنى، ئۆز-ئارا چۈشىنىش، ھەققانىيەت ۋە ئاللاھتىن قورقۇش يۈزىسىدىن بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش، ئۆز-ئارا ھەقنى تەۋسىيە قىلىش، بىر-بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىش قاتارلىقلار.
نامازدىن قالغانلارنى يېتەكلەپ جامائەت نامىزىغا باشلاپ كېلىشنىڭ ساۋابى ناھايىتى كاتتىدۇر.
ئاللاھتىن بىزنىڭ ئىلمىمىزنى زىيادە قىلىپ بېرىشىنى، ئىككى دۇنيالىقىمىزنى ياخشىلاپ بېرىشىنى تىلەيمىز؛ بىزنىڭ جىسمىمىزنى ۋە روھىمىزنى، دىنىمىزنى زىيان-زەخمەتلەردىن ساقلىشىنى، بىزنى مۇنافىقلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن ساقلىشى تىلەيمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەك مېھرىبان، بەك سېخىيدۇر.ئاللاھتىن پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئەھلى- ئائىلىسىگە، ساھابىلىرىگە رەھمەت قىلىشىنى تىلەيمىز. ئامىن!
(تۈگىدى)
历史上的今天:
مۇھەببەتنىڭ مەنىسى 2009-01-31مۇھەببەت ۋە ۋاقىت 2009-01-31مۇھىم خاتىرە كۇنلەر 2009-01-31چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار 2009-01-31خانىم-قىزلارغا مەسلىھەت 2009-01-31
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى