سەردار بىلوگى قۇرلغىلى
  •   جامائەت نامىزىغا قاتنىشىش زۆرۈر _cat}

    2009.01

    31

    خەتكۈچ:(تەۋىسيە)

     

     


     

     



    بۇ شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبن ئابدۇللا ئىبن بازنىڭ ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئاتاپ يازغان بىر پارچە ماقالىسى. ئى ئاللاھ! بىزنى ۋە ئۇلارنى مەغفىرىتىڭگە ۋە مۇھەببىتىڭگە ئېرىشكۈچىلەردىن قىلغىن! بىزنى غەلىبىگە مۇۋەپپەق قىلغىن! ئامىن!

     

     

     

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بارىكەتۇھۇ:

     

     


    ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر بىر قىسىم ئالىملارنىڭ دىندا ئاسانلىق يارىتىش، دېگەن سۆزىنى باھانە قىلىپ جامائەت نامىزىغا سەل قاراۋاتىدۇ، مېنىڭچە مەن بۇ مەسىلىنىڭ خەتىرىنى چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشىم كېرەك. مۇسۇلمانلار ئاللاھ ئۆزىنىڭ كىتابىدا ئالاھىدە تىلغا ئالغان ئىشتا سۇسلۇق قىلماسلىقى لازىم. ھەقىقەتەن، ئاللاھ سۇبھانۇ ۋە تائالا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس كىتابىدا نامازنى كۆپ ئورۇندا تىلغا ئېلىپ مۇسۇلمانلاردىن نامازنى بەرپا قىلىشنى، جامائەت نامىزىنى تەرك ئەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا نامازنى تەرك ئېتىش ۋە نامازنى خۇشياقماسلىق بىلەن ئوقۇشنىڭ مۇناپىقلارنىڭ سۈپىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:

     

     

       حَافِظُوا عَلَى الصَّلَوَاتِ

    وَالصَّلاةِ الوُسْطَى

    وَقُومُوا لِلَّهِ قَانِتِينَ

    [البقرة آية
    (238)]

     

     



    « (بەش) نامازنى بولۇپمۇ نامازدىگەرنى داۋاملاشتۇرۇڭلار (يەنى پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىڭلار). اﷲ نىڭ ھۇزۇرىدا (يەنى نامازدا) ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار [سۈرە بەقەرە: 238]»

     

     

     

     


    ئۇنىڭ نامازغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟
    ھەقىقەتەنمۇ، بىر كىشىنىڭ جامائەت نامىزىغا قاتناشمىغانلىقى ئۇنىڭ نامازغا سەل قارىغانلىقىدۇر. ئاللاھ سۇبھانۇ ۋە تائالا مۇنداق دەيدۇ:

     

     

    وَأَقِيمُوا الصَّلاةَ

    وَآتُوا الزَّكَاةَ

    وَارْكَعُوا مَعَ الرَّاكِعِينَ

    [البقرة آية
    (43)]

     

     

    «
    نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار [سۈرە بەقەرە: 43]»

     

     

    بۇ ئايەتتە چوقۇم جامائەت نامىزىغا قاتنىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتتە ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ:

     

     

    وَارْكَعُوا مَعَ الرَّاكِعِينَ

     

     

    رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار.

     

     

    ئاللاھ سۇبھانۇ ۋە تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

     

     

    وَإِذَا كُنتَ فِيهِمْ فَأَقَمْتَ لَهُمُ الصَّلاةَ فَلْتَقُمْ طَائِفَةٌ مِّنْهُم مَّعَكَ

    وَلْيَأْخُذُوا أَسْلِحَتَهُمْ فَإِذَا سَجَدُوا فَلْيَكُونُوا مِن

    وَرَائِكُمْ

    وَلْتَأْتِ طَائِفَةٌ أُخْرَى لَمْ يُصَلُّوا فَلْيُصَلُّوا مَعَكَ

    وَلْيَأْخُذُوا حِذْرَهُمْ

    وَأَسْلِحَتَهُمْ

    [النساء
    آية (102)]

     

     



    (ئى مۇھەممەد!) سەن مۆمىنلەر بىلەن (جىھادقا) بىللە بولۇپ ئۇلار بىلەن ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن، قوراللىرىنى (ئېھتىيات يۈزىسىدىن) يېنىدا تۇتسۇن، سەجدىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئارقاڭلارغا ئۆتۈپ تۇرسۇن (يەنى ناماز ئوقۇپ بولغان پىرقە ئارقاڭلاردا كۆزەتچىلىك قىلىپ تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا) ناماز ئوقۇمىغان ئىككىنچى بىر پىرقە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە (يەنى ئارقاڭدا) ناماز ئوقۇسۇن، (دۈشمەنلىرىدىن) ئېھتىياجلىق بىلەن ھوشيار تۇرسۇن. (دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييار تۇرۇش يۈزىسىدىن) قوراللىرىنى يېنىدا تۇتسۇن،
    [ سۈرە بەقەرە: 102–ئايەتنىڭ بىر قىسمى]

     

     

     

     


    ئۇلۇغ ئاللاھ جەڭ مەيدانىدىمۇ جامائەت بىلەن بىللە ناماز ئوقۇشنى تەلەپ قىلىۋاتسا، تىنچ كۈنلەردە ئەجىبا بۇنى تەلەپ قىلماسمۇ؟

     

     

     

     


    ئەگەر بىرەر كىشىنىڭ جامائەت نامىزىغا قاتناشماسلىقىغا رۇخسەت قىلىنغان بولسا، ئۇ چوقۇم جەڭ مەيدانىدا دۈشمەنلەرنىڭ خىرىس قىلىشىغا دۇچ كېلىۋاتقان جەڭچىلەرگە رۇخسەت قىلىنىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق بولمىدى. مەلۇم بولغىنىدەك، جامائەت نامىزىغا قاتنىشىش مۇھىم پەرزلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۇنى تەرك ئېتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

     

     

     

     


    ئەڭ توغرا بولغان ئىككى ھەدىس توپلىمىدا (سەھىھۇلبۇخارى ۋە سەھىھۇلمۇسلىم) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنىدۇ:
    رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەرنى نامازغا بۇيرىسام، بىرى ئىمام بولسا، ئاندىن كىشىلەرنى كەلسە، ئوتۇن يىغىپ ئاشۇ جامائەت نامىزىغا كەلمىگەنلەرنىڭ ئۆيىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتسەم دەيمەن.»

     

     

     

     


    سەھىھۇلمۇسلىمدا ئابدۇللا ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ:« قاراڭلار، بىز ھېچقاچان نامازدىن قالمايمىز، ھەممەيلەن بىلىدىغان مۇنافىقلار ياكى كېسەللەردىن باشقىلار. ھەتتا كېسەللەرمۇ ئىككى كىشىنىڭ يۆلىشىدە نامازغا كېلىدۇ.»

     

     

     

     


    ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:« ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىزگە توغرا ئەمەلنى ئۆگەتتى، توغرا ئەمەللەر ئىچىدىكى بىرى، ئەزان ئوقۇلىدىغان مەسچىتتە ناماز ئوقۇش.»

     

     

     

     


    «سەھىھۇلمۇسلىم» كىتابىدا ئۇنىڭ يەنە مۇنداق دېگەنلىكى خاتىرىلەنگەن:
    « كىمكى ئۆزىنىڭ رەببىگە مۇلاقات بولۇشىنى خالىسا، ئۇنداقتا، بىرى نامازغا چاقىرغاندا جاۋاب قايتۇرسۇن. ئاللاھ ھەقىقەتەنمۇ پەيغەمبىرىڭلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەردى. ناماز توغرا يولنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئەگەر سىلەرمۇ ئاشۇ نامازغا سۇسلۇق قىلغۇچىلاردەك نامازنى ئۆيۈڭلاردا ئوقۇماقچى بولساڭلار، ئۇنداقتا سىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى ئىنكار قىلغان بولىسىلەر. ئەگەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى ئىنكار قىلساڭلار ھەقىقەتەنمۇ ئازغانلاردىن بولىسىلەر؛ ھەرقانداق كىشى كامىل تاھارەت ئېلىپ، ئاندىن مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇسا ئاللاھ ئۇنىڭ ھەربىر قەدىمى ئۈچۈن بىر ساۋاب يازىدۇ، دەرىجىسىنى بىر دەرىجە ئۆستۈرىدۇ، بىر گۇناھىنى مەغفىرەت قىلىدۇ؛ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە بىزنىڭ ئارىمىزدا ھېچقانداق ئىختىلاپ يوق، پەقەت ھەممىگە ئاشكارە بولغان مۇنافىقلارنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە ئىختىلاپى بار؛ كۆردۈڭلارمۇ؟ بىر كىشى ھەتتا ئىككى ئادەمنىڭ يۆلىۋېلىشىدا مەسچىتكە نامازغا بارىدۇ.»

     

     

     

     


    «سەھىھۇلمۇسلىم» كىتابىدا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنىدۇ. بىر كىشى كېلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سورىدى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مېنى مەسچىتكە ئېلىپ كېلىدىغان ئادەم يوق.(ئۇنىڭ كۆزى كۆرمەيتتى)، نامازنى ئۆيدە ئوقۇشۇمغا رۇخسەت قىلالاملا؟
    رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سورىدى: ئەزاننى ئاڭلىيالامسەن؟ ھېلىقى كىشى ئېيتتى: ئاڭلىيالايمەن. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا دېدى: ئەزانغا جاۋاب قايتۇرغىن. ( نامازغا كەلگىن





  • ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى